ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتى

ۋاقىت : 2013-03-06 22:50 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
سىنىپ  مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتى
 
سىنىپ مۇدىرلىق ئەمىلى خىزمەتلەردە ھەمىشە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش،باشقۇرۇش،ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىگى،ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئىددىيىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇنچە مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەنلىگىدىن ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.مەنمۇ ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنى تىزراق نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتلانغان ئىدىم،ئۇلارنىڭ تىز ئىلگىرلىمىگەنلىگىدىن ئاغرىناتتىم،لىكىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشۈنىشى ۋە قوللۇشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم.قايمۇقۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ھەمىشە ئوقۇتقۇچىلىقنى قانداق قىلسام بولىدىغاندۇ؟ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى بلغىلى بولىدىغاندۇ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن قايسى ئۇسۇلدا پاراڭلاشقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرگىلى بولىدىغاندۇ؟دەپ ئويلايتىم .ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا ،سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىنتايىن موھىم ھالقا،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۈۇچىنىڭ سىردىشىشى سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھىسسىيات ئالماشتۇرۇشى ،ئايرىم پىسخىك يىتەكچىلىك قىلىشىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. سىنىپ مۇدىرى ئەگر ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئئىتىگە دىققەت قىلالىسا،ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى بىر-بىرىگە ئىچىكىپ ،ئايرىم پىسخىك يىتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈنۇمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇئارقىلق دىموگىراتىك ،باراۋەر بولغان ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ،سىنىپ خىزمىتىنى تىخمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقاندا ،پەقەت ئاددىغىنا دىئالۇگ شەكىلدىلا پاراڭلاشماشتىن بەلكى دىموگىراتىك ،باراۋەر ھالدا ئوقۇتقۇچى ۋەئوقۇغۇچى بىر بىرىگە ئىشەنگەن، بىر –بىرىنى ھۆرمەتلىگەن،بىر-برىنى چۈشەنگەن ئاساستا دىئالۇگ،يازمىچە قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلانغاندا ،نۇرغۇن ھادىسە ۋە مەسىللەرنى تونۇپ يىتىپ،ئوقۇغۇچى ۋە ئۆزىمىزگە تەلىم تەربىيە ۋە تەرەققى قىلىشنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇتالايمىز.
  1. كۆز قاراشنى يىڭىلاپ،يىڭى ۋەزىيەتكە ماسلاشقان ئوقۇغۇچىلار قارىشىنى تۇرغۇزۇش.
ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئۆز ئىدىيىسى،خاراكتىرى،جەمىيەت ،كىشىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە تونۇش شەكەللەنگەن ،ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى جانلىق،ئۇچۇر قوبۇل قىلىش يوللىرى كەڭ،ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى بەزىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرۇدىن قالقىپ كىتىدۇ،بىز ئۇلارنىڭ بەزى قاراشىلىرىغا قوشۇلمىساق بولىدۇ،ئۇلارنىڭ بەزىدەخام تونۇشلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشكە يىتەكلىسەك بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ،مۇنداق قىلساڭ بولىدۇ ،دىگەندەك قائىدىلەرنى بەلگۈلەپ بەرسەك بولمايدۇ.شۇڭا بىر «بەلەن مۇئەللىم »كىبرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ،ئوقۇغۇچىغا خاس بولغان موھىتقا سىڭىپ كىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە جان جىگەر دوستى بولىشى لازىم؛«بەلەن مۇئەللىم »ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى،ھەممە كىشىگەباراۋەر مۇئامىلە قىلىشى،ئوقۇغۇچىلارنى پەقەت پەزىلەت جەھەتتىنلا ھۆرمەتلەپ قالماستىن،بەلكى ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنىمۇ تولۇق ئىگەللىشى لازىم؛« بەلەن مۇئەللىم »مول بىلىم،ئالى جاناپ ئەخلاقى-پەزىلەت،توغرا كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىش سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشى،ئىناق ،سىڭىشكەن سىنىپ كەيپىياتىنى يارىتىش لازىم.ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىشتا سەمىمى بولۇپ،سەنئەتكە ۋە يۇقىرى ئۈنۇمگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
  1. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھۆرمەتلەش ،چۈشىنىش،دىمگۇراتىيە،باراۋەرلىك،ئىشىنىش ئاساسىدا ئالاقە قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش.
سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇغۇچى پاراڭلاشقاندا،چوقۇم تەربىيلەش ئۇسۇلى ۋەشەكلىگە دىققەت قىلىش،ھۆرماتلەش ۋە چۈشۈنۈشنى ئاساسى پرىنسىپ قىلىش،باراۋەرلىك ۋەئىشەنچىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى پىسخىك ئارلىقنى كىچىكلىتىپ،ئىناق سىنىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش لازىم.ئالتە يىللىق سىنىپ مۇدۇرلۇق ھاياتىمدا بىر نوختىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
تۇنجى قېتىم سىنىپ مۇدىرى بولغان ۋاختىمداپۈتۈن قىزغىنلىقىم بىلەن بۇ خىزمەتكە بېرىلىپ كەتتىم،پەقەت ئۆز ئىرادەم بىلەن ئىشلەپ،ئوقۇغۇچىلارنى ماڭا بوي سۇنىشى،مىنىڭ دىگىنىم بويىچە قىلىشى كېرەك،دەپ قاراپ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمۇدۇم،ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىپ ،بىسىمنى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتتىم،نەتىجىدە بىر يىل بولا –بولمايلا ئوقۇغۇچىلار بىلەن يىقىنلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن،بەلكى ئوقۇغۇچىلار مەندىن قاتتىق ئەيمىنىدىغان،مىنى كۆرسىلا سىنىپقا قاچىدىغان ،ئالدىمدا ئەركىن ئازادە گەپ قىلالمايدىغان بولدى.ئوقۇغۇچى بىلەن بولغان ئارىلىقمۇ بارا-بارا يىراقلىشىپ كەتتى،ھەتتا دەرسخانا كەيپىياتىمۇ سۇسلىشىپ كەتتى،قارىماققا دەرسخانا ئىنتىزامى ياخشىلانغاندەك قىلغان بىلەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئىككىنجى يىلدىن باشلاپ ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتتىم،مەن خۇددى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدىكىدەك ئوقۇغۇچى ئورنىدا تۇرۇپ،مەسىللەرنى ئويلاشقا باشلىدىم،ئۇلارنى چۈشۈنۈشكە،ئۇلار بىلەن دوستلىشىشقا باشلىدىم.مەن ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتىپ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسى،دوستلىرى ،باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان قارىشى ئۈستىدە ئازادەپاراڭلىشىشقا باشلىدىم،بەزى تارتىنجاق ئوقۇغۇچىلارغا دەپتەرگە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يىزىشقا تەكلىپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ تارتىنجاقلىقىنى بارا –بارا تۈگەتتىم.بارا-بارا بۇ دەپتەر سىنىپ ئىچىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلاردا ئوموملاشتى،مەن بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى سىردىشىش خاتىرىسى بولۇپ قالدى.بۇ ئۇسۇلۇم خىلى ئۈنۇم بەردى،سىنىپ كەيپىياتى جانلىنىشقا،ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرلۈشكە ،بالىلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈشكە باشلىدى،بىر ئوقۇغۇچۇم بۇ سىردىشىش خاتىرىسىگە:«سەن بىر ئەينەك بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى مەن بىلەن مۇئەللىم ئارىسىدىكى ئەلچى ،سەن مىنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ دوستى،ئىنىسى،بالىسىغا ئايلاندۇردۇڭ،ئۇ بىزگە شۇنچە قاتتىق قول بولسىمۇ ،مەن يەنىلا بۇنىڭدىن رازى،مەن بۇندىن كېيىن تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ،،مۇئەللىمنى خوش قىلىمەن،ھەممەيلەن تىرىشىپ ئۈگەنسە،مۇئەللىم بەكلا خوش بولىدىكەن…»دەپ يىزىپتۇ.بۇ خاتىرە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىنىڭ ئارامدىكى كۆۋرۈك،رىشتە بولۇپ قالدى،سىردىشىش خاتىرىسىدە،ئوقۇغۇچىلار پىكىرلىرىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالىدى،مەنمۇ كىبرىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇم،سەمىمىيىتىم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشتىم.سىنىپ ئىچىدە باراۋەر،ئىناق،قورقۇمسىز كەيپىيات شەكىللىنىپ،مىنىڭ يىتەكچىلىك رولۇم ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولى ھەقىقى نامايەن بولدى.
  1. ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىشتا ،كەيپىياتنى ئىگەللەىش ۋەبىرقىسىم بىر تەرەپ قىلىش ماھارەتلىرىنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم.
  1. ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاساسلىق پاراڭلىشىشتا كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىش مائارىتىنى ئىگەللىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىشتا تۆۋەندىكى نوختىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
  1. تىلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش
تىل پاراڭلىشىش ئۈنۈمىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.ئوقۇتقۇچى تىخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ،ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان پاراڭلىشىش شەكلىنى قوللىنىش كېرەك.مەسىلەن: ئالغا ئىلگىرلەش روھى كۈچلۈك ،ئاڭلىقلىقى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقاندا ،ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ،ئۇنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىشى كېرەك.مىجەزى چۇس ۋە جائىل ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقاندا،سۆھبەتنى ئاساس قىلىپ پاراڭلىشىپ،بەزى مەسىللەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ،بەزى مەسىللەر ئۈستىدە ئۇلار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ،ئۇلارنى مەسىللەرگە يولۇققاندا كۆپرەك كاللا ئىشلىتىشكە ،بەڭۋاشلىق قىلماسلىققا يىتەكلەش كېرەك .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئوخشىمىغان خارەكتىردىكى ئوقۇغۇچىلارغا سىلىشتۇرۇش،بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ،پاراڭلىشىش ئۈنۇمىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
  1. پاراڭلاشقاندىكى ئىنتۇناتسىيەگە دىققەت قىلىش
ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقاندا،تىل چوقۇم ھىسياتلىق بولىشى كېرەك.يەنى ،مۇئەللىم مەسىلە ياكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ، چوقۇم پوزىتسىيە ۋە تىلى سەمىمى بولۇشى كېرەك مۇشۇنداق بولغاندا ،ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ئۆزىنىڭ سىرداش دوستى دەپ قاراپ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئچىلىپ – يىيىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ،تەنقىد،تەكلىپلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ-دە ،ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ، لېكىن بەزى ئوقۇتقۇچىلار بۇ نوقتىغا دىققەت قىلماي ، گەرچە مەقسىتى توغرا بولسىمۇ ، پوزىتسىيىسى بەك قاتتىق ،ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرەلمىگەن بولغاچقا ،ئوقۇغۇچىلاردا بىزارلىق پىسخىكىسى ، ھەتتا قارشىلىق كەيپىياتى كۆرۈلۈپ ،پاراڭلىشىش ئۈنۈمىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ .
(3) ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاش
پاراڭلىشىش بىزنىڭ كۈتكەن يىرىمىزدىن چىقماسلىقى ، يەنى بەزى ئوقۇغۇچىلار جىم تۇرۇۋىلىشى ، بەزى ئوقۇغۇچىلار دىمىقدا كۈلۈپ قويۇپ ، پىسىەنتمۇ قىلىپ قويماسلىقى ، بەزى ساۋاقداشلار تارتىنمايلا ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دىيىىشى ، ھەتتا بەزىلىرى ئاچچىقلىنىپ ، گەپ – سۆزلىرى قىلىپتىن چىقىپ كىتشىمۇ مۇمكىن ،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى چوقۇم ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى ۋە ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋىلىشى ،ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانماسلىقى ،ئۇلارغا سوغاق سۆزلىمەسلىكى ،ۋاقىرماسلىقى لازىم . ئەگەر شۇنداق بولسا ، بۇ پاراڭلىشىشقا ،مەسلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن ،ئەكسىچە زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۇرىۋىتىپ ، تىخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
  1. پاراڭلىشىش جەريانىدا ، سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك .
  1. سالاھىيەت پەرقىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىنىڭ ئېھتىيات قىلىش پىسخىكىسى
     ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ئارىسىدا پىسخىك جەھەتتىن باراۋەرسىزلىك مۇناسۋىتى مەۋجۇت . چۈنكى ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئورنى باراۋەر ئەمەس . ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ، بىلىپ – بىلمەيلا ئۆزىنى ئوقۇغۇچىدىن ئۈسىتىن تۇتۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ قالىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىدا ئېھتىيات قىلش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇپ ، ئويلىغانلىرىنى يۈرەكلىك دىيەلمەيدۇ ، ئازراق دېگەن تەقدىردىمۇ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ چىرايىغا قاراپ گەپ قىلىدۇ ،بۇلار پاراڭلىشىشقا پايدىسىز . شۇڭا ئوقۇتقۇچى پاراڭلاشقاندا ، كىبىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، سەمىمى پوزىتسىيە بىلەن ئوقۇغۇچىنڭ ئېھتىيات قىلىش پىسخىكىسىنى تۈگۈتۈش ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى يۈرەكلىك پىكىر بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقى ئويلىغانلىرىنى ئىگەللەپ ،مەسلىنى نىشانلىىق ھەل قىلىش كېرەك .
  1. ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىكى پەرق كەلتۈۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەر
ئادەتتە ئوقۇتقۇچىىنڭ ئىغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، مەسىلىلەرنى ئېنىق بايان قىلالايدۇ ۋە شەرھىيلىيەلەيدۇ ، بىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ، مەقسىتىىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ  بىرەلمەيدىغان ، ھەتتا جىم تۇرىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ ، بۇنداق بولغاندا پاراڭلىشىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ . ئوقۇتقۇچى مەقسەتلىك ھلدا ۋەزىيەتنى تەڭشەپ ۋە كونتىرول قىلىپ ، تەربىيلەش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۋەتمەسلىك لازىم .
  1. تونۇش ئىقتىدارى جەھەتتىكى پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر
ئوقۇغۇچىلار مەسىلىلەرنى دائىم قىسمەن ئەھۋال ۋە شەخسى مەنپەئەت نۇقتىسىدىنلا مەسلىنى تونۇيدۇ ، شۇڭا تونۇش ئىقتىدارىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن سىلىشتۇرغاندا بەلگىلىك پەرق بولىدۇ . ئەگەر ئوقۇتۇچى يىتەكلەشكە ماھىر بولمىسا ،ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىش  مەقسىتىگە يىتەلمەيلا قالماستىن ، بەلكى تىخىمۇ كۆپ توسالغۇلار پەيدا بولىدۇ .
  1. پاراڭلىشىشتىن كىيىنكى خۇلاسە
 پاراڭلىشىشتىن كىيىنكى خۇلاسە ئىنتايىن مۇھىم . خۇلاسە ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخكىسى ۋە خاراكتىرىنى تىخىمۇ چوڭقۇر بىلگىلى ،شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنىڭ يۆنۈلىشىنى تىخىمۇ ئېنىق بىكىتكىلى ، سىنىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن .خۇلاسە جەريانىدا ، ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرۈپ يىتىپ ، ئۆز ساپايىمىزنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز .
1) ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىش ئارخىپى تۇرغۇزۇش ، يەنى،ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىت . جەريان ، ئۈنۈم . ئىنكاس قىلغان مەسىلە قاتارلىلارنى بىرمۇ- بىر رەتكە تۇرغۇزۇپ ئارخىپلاشتۇرغاندا ،ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئاسانلا بايقىغىلى ، سىنىپ خىزمىتىدە كۆڭلىدە سان توختاتقىلى بولۇپلا قالماي ، يەنە تەجرىبنىڭ نەزىريىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ
2) تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش . سىنىپ مۇدىرلىق مەلۇم مەزگىللىك خىزمەت ئەمەلىيىتىدىن تەجرىبە توپلاپ ، بۇ تەجرىبىلەرنى نەزىرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەنى ئاساس قىىلىپ تۇرۇپ پېداگوگىكا ، پىسخولوگىيە قاتارلىق قۇرال پەنلەرنى ئۆگىنپ ، نەزىرىيە بىلىملىرىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇپ ، ئۆز- ئۆزىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .
ئومۇمەن ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى پاراڭلىشىش بىلەن بىرگە ،مۇئەللىم  ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولىشى ، تەربىيلەش مەزمۇنىنى ۋاقىتقا قاراپ تەڭشەپ  تۇرىشى ، بىر ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئەتراپىغا تارتىپ تۇرىشى ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئالغا ئىلگىرلەيدىغان يېتەكچى ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە بولىدىغان ياخشى دوست بولىشى لازىم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دەۋرنىڭ قەدىمىگە يىتىشەلىشى ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى لازىم ، شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمتى توختامسىز بۇلاققا ئايلىنىپ ، يىتەكچىلىك رولىمۇ ھەقىقى نامايان بولىدۇ
 
 
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-25 17:07
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ