ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

[تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىلىپ‹‹دۆتلەشتۈرىۋاتىدۇ››؟

ۋاقىت : 2013-03-31 23:20 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : چىنار | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

(بۇ ئەسەر مويەننىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىگە ئاساسەن ئەينەن تەرجىمە قىلىندى)

بىر توپ كۆز بويامچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ يۈرگىنىگىمۇ 20نەچچە يىلدىن ئاشتى، ئىچىمىزنى ئەڭ ئېچىشتۇردىغان ئىش زادى نىمە؟ بۇ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات جۇڭگۇ مائارىپى تەرىپىدىن‹‹دۆتلەشتۈرۈلۈپ›› تەربيىلىنىۋاتانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ  ھىچنىمە قىلالمايۋاتقانلىمىزدۇر.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ چوڭ تۆھپىسىدىن بىرى شۇكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى ئىمكانقەدەر ئوخشاش ‹‹بىرلا كاللا››  قىلىۋېتىشتۇر.
 ھازىرقى زامان مائارىپى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان بولىشى كېرەكمۇ ياكى خاسلىقنى يوقىتىپ ئىجادچانلىقىنى تۇنجۇقتىرىدىغان بولىشى كېرەكمۇ؟ توغرا جاۋاپ ئەلبەتتە ئالدىنقىسى بولىشى كېرەك ئىدى.لېكىن جۇڭگونىڭ مائارىپى ئۇزۇندىن بېرى ئەكسىچە ئىش تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەربىيلەش نەتىجىسى كۆپۈنچە ھالدا  جۇڭگۇچە  ئىمتىھان شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ.جۇڭگوچە ئىمتىھان نومۇرى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆگۈنۈش نەتىجىسىگە باھا بېرىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل.كۈندىن كۈنگە ‹‹تەلەپچان›› ،‹‹ئىلمىي››ئاتالمىش‹‹ ئۆلچەملەشكەن سۇئاللار››نىغۇ دىمەيلا قويايلى، ھەممىدىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنى جارى قىلدۇردىغان ‹‹جاۋاپ بېرىش سۇئاللىرى››‹‹بايان قىلىش سۇئاللىرى››غىمۇ  ‹‹ نومۇر قويۇش ئۆلچىمى›› دىكى ‹‹ جاۋاپ مۇھىم نۇقتىلىرى›› ئارقىلىق نومۇر قويۇلۇۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەھۋالدا سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە ئالدى بىلەن سۇئال چىقارغۇچىنىڭ مۇددىئاسى  ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۆزگىچە يېزىقچىلىقتىمۇ ‹. باش تېما›› ‹. مەركىزى ئىدىيە›، ‹‹ ئەھمىيىتى›› ھەققىدە چوقۇم ‹‹ ئاكتىپ بولۇش›› ، ھەرگىز ‹. قالاق ›، بولماسلىق  چوقۇم ‹‹  مەدھىلەش›› ‹‹تەنقىت قىلماسلىق››‹‹ يورۇق تەرەپتىن يېزىش››‹‹ قاراڭغۇلۇق تەرەپلەرنى يازماسلىق›› قاتارلىق نۇرغۇن چەمبىرەك ئەپسۇنلىرى بېكىتلگەن. جۇڭگودا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە باھا بېرىشتە يەنە  ئەخلاق ،يۈرۈش- تۇرۇش، تەن ساپاسى، قىزىقىش ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ئەمىلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئەلبەتتە، بىراق  نومۇر بىلەن ئەزىمەتلەرنى ئۆلچەيدىغان جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپ ۋە  ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ئالدىدا بۇ نەرسىلەر ھەممىسى يەنىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇنداق ئىمتىھان ۋە باھالاش ئۇسۇلىنىڭ ھالاكىتى كۈندىلىك ئوقۇتۇشقىمۇ سىڭىپ كىرگەن بولۇپ  بارلىق سۇئاللارنىڭ جاۋاپلىرى ئوقۇتۇش  پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلگەن ياكى مەشق كەينىدە بېرىلگەن پايدىلىنىش جاۋاپلىرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. مەسلەن   思想统一,共同努力 دىگەن سۆزنى تۇراقلىق ئىبارە بىلەن ئىپادىلەڭ دىگەن بولسا  پەقەت 同心协力 دەپلا يېزىشقا بولىدۇ،齐心协力 دەپ يېزىشقا بولمايدۇ. 《刻画描摹得非常逼真》 نى پەقەت 惟妙惟肖  دەپلا يېزىشقا بولىدۇ لېكىن 栩栩如生    دەپ يېزىشقا بولمايدۇ. مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ماقالە تاپشۇرۇقىغا ئۇ ئۆيدىكى بىر تەشتەك گۈلنى يازغان بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى تۆۋەن نومۇر قويۇپ، ماقالىگە گۈلنىڭ روھىنى يېزىپ چىقىلماپتۇ مەسلەن ئاكتىپ ئالغا باسدىغان، تىرىشىپ پورەكلەپ ئېچىلغان... دىگەندەك مەزمۇنلار يېزىلماپتۇ دەپ باھا  بېرىلگەن. يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندىكى ماقالىدە شۇ يېزىدىكى تاماكا تارماقلىرىنىڭ  تاماكا سېتىۋىلېىشتىكى ناچار كەيپىياتلارنى، زورلۇق- زومبۇلۇقلىرىنى ئاشكارىلاپ ماقالە يازغان بولۇپ، ماقالىگە تۆۋەن نومۇر قويۇلۇپ،  ئوقۇتقۇچى ‹‹بۇنداق تېمىدىكى ماقالىنى يازغاندا ئېھتىيات قلىش كېرەك››- دەپ باھا يازغان. بۇنداق ناچار قىلمىشلارنى نەچچە دۆۋە كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقساقمۇ تۈگىمەيدۇ ، ھەرقايسى زاتلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەردار، شۇڭا بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلىپ تۇراي.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئىككىنچى زور تۆھپىسى شۇكى   ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى ‹‹ ئۆگۈنۈش››تىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئايرىپ قويۇش.
 ھەقىقى ئۆگۈنۈش ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشپ تۇرۇپ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ھىس قىلىش  ئارقىلىق ئېرىشكەن يېڭى بىلىمى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانسىراش، ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرەلەيدىغان ، ئاڭلىق رەۋىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاكتىپ قاتنىشىدىغان جەريان  ،تۈپ ماھايەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا لەززەتلىك قىزىقارلىق جەريان بولىشى كېرەك ئىدى.بىراق جۇڭگو مائارىپى ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئەكسىچە يول تۇتۇپ كەلدى. بۇنىڭغا جانلىق مىسالدىن بىردىن كەلتۈرۈپ بېرەي: خىزمەتدىشىمىنىڭ ئېيىتپ بېرىشىچە  ئۇنىڭ ئوغلى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە يېڭى ماكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققان تەبىئەت دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ دەرس ئۆتكەندە ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا ئەپچىقىپ بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قۇرۇت قوڭغۇزلارنى ،تۇتقۇزۇپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى ئۈزدۈرۈپ، گۈل- گىياھلارنى كۆرسىتىپ، لاي- پاتقاقلارنى ئوينىتىپ، بالىلارنى ھەمىشە تەجرىبە ئىشلەشكە  ‹‹قۇترىتىپ›› تۇرىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن سىنىپ ئىچى‹‹قالايمىقانلىشىپ›› كېتىدىكەن،ئوقۇغۇچىلارمۇ‹‹ چەكتىن ئېشىپ›› كېتىدىكەن. بىراق ئىمتىھان نەتىجىسى يەنىلا ئەزەلدىن بالىلارنى تەجرىگە ئۇيۇشتۇرماي، سىنىپ ئىچىدە يۇۋاش- يۇمشاقلىق بىلەن  كىتاپتىكى جاۋاپلارنى يادلىتىدىغان‹‹ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى››لارنىڭ سىنىپ نەتىجىسىدىن كۆپ تۆۋەن چىقىدىكەن. نەتىجىدە بۇ يېڭى ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مۇدىرىدىن تەنقىد ئىشتىپتۇ، سىنىپ مەسئۇلىمۇ سىنىپنى‹‹ قالايمىقان›، قىلۋېتتەڭ دەپ بۇ ئوقۇتقۇچى ئەيىپلەپتۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى ئەلەم ۋە چارىسىزلىقتا  ئاخىرى پىشقەدەملەرنىڭ‹‹ئىلغار تەجرىبىسى››دىن ئورنەك ئېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.بۇنداق مىساللارنى ساناپ تۈگەتكۈسىز. جۇڭگوچە مائارىپنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى نومۇر ئالغۇزۇش، پەقەت ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالىدىغان ئىش بولسىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھەرقانداق چارە -ئامالنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باقىمىز.ھالبۇكى ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ئۆگۈنۈش جەريانى ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ھىس قىلىش جەريانى، ئۆگۈنۈش جەريانىدىن لەززەت ئېلىش قاتارلىقلارنى بولسا ئىمكاننىڭ بېرىچە بىر چەتكە قايرىپ قويىمىز.بۇ خىل ئۇسۇلنى تېخى   ئۆزىمىزچە   ‹‹ئوقۇتۇش ئۈنۈمى›› دەپ سەپسەتە ساتىمىز.ئەمىلىيەتتە بۇ   سۇئال ئامبىرى بىلەن ئېلىشىش جېڭى،مىخاينىك ھالدا سىڭدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنى سۇبېي قاتارلىق بەزى جايلاردا ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا ئۈلۈك ھالدا مايسىنى مەجبۇرى تارتىپ ئۆستۈرۈش دەپ تەسۋىرلەشتى. جۇڭگو مائارىپىدا تەربيىلەپ چىقىلغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى نىمىنىڭ كۈتۈپخانا، ماتىرىيال ئامبىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئەڭ دەسلەپكى ماتىرىيالنى ئىزدەپمۇ باقمايدۇ ھەم نەزەرگە ئىلمايدۇ.-بىراق مۇنداقچە ئېيتقان نۇرغۇن جايلاردا ھەقىقى مەنىدىكى كۈتۈپخانا ماتىرىيالخانىلارمۇ يوق،شۇڭا كۆپۈنچە ھالدا ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى بولغان ئەڭ دەسلەپكى ماتىريالللارنىمۇ كۆرۈشكە قادىر ئەمەس ئەلبەتتە.—ئاخىرىدا يىغىپ ئېيتساق ھەممە جاۋاپ دەرسلىك كىتاپلار بىلەن مىسال توپلانمىلرىدا شەك-شۈبھىسىز ھالدا ئېيتىپ بېرىكلىك.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە شۈبھىسىز مۇتلەق ھەقىقەت بارمۇ؟
بار.— 
نەدە؟
دەل  جۇڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپ ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىياسى دەرسلىكلىرىدە بار.
مائارىپ دىگەن ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلاردا پەرەز  قىلىش،تەكشۈرۈش ئىزدىنىش روھىنى؛ پىكىر قىلىش، سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرشى كېرەك ئىدى، بىراق  جۇڭگونىڭ مائارىپ دەل ئەكسىچە  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىنىش روھى، تەكشۈرۈش جۈرئىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىكى مۇتلەق توغرا جاۋاپقا بولۇپمۇ سىياسى تەربىيە ئوقۇشلىقلىرىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقغا ئىشىنىشكە يېتەكلەۋاتىدۇ،  چۈنكى شۇنىڭدىكى جاۋاپ بويىچە سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە يۇقۇرى نومۇر ئالغىلى بولىدۇ ، بولمىسا تەس كۈنگە قالىدىغان گەپ.تېخى ئۇنداق قىلمايدىغان بولسىڭىز كەلگۈسىڭىز تۈگىشىدۇ،  ئاشۇ تەلىم تەربىيە ساۋاقلارنى ئەمىلىيەت بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ساختا،بىمەنە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ ،بىراق سىز ئۇنىڭدىن شۈبھىلەنسىڭىز بولمايدۇ ھەم شۈبھىلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز.ئۇنداق قىلىشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ، بولۇپمۇ ئىمتىھاندا تېخىمۇ شۇنداق. بۇ تېمىنى يەنە سۆزلەۋەرسەك يەنە خاتالىق چىقىدۇ، شۇڭا بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.
بۇنداق‹‹ ئۆگۈنۈش›› ئەلبەتتە ئازاپلىق بولىدۇ، ھەقىقى لەززىتىمۇ بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈشتىن بىزار بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە مۇتلەق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگولۇق‹‹ ناچار ئوقۇغۇچى››مۇ مەيلى مۇتلەق ياكى نىسبىي سان بولۇشتن قەتئىي نەزەر يەنىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچىدۇر.ئېسىمدە قېلىشىچە جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىكى بېرىلگەن مەلۇم خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ھەربىر سىنىپتىن 10نى بىرلىك قىلغان نىسبەت بويىچە ھېساپلىغاندا جۇڭگودىكى ئاتالمىش‹‹ ناچار ئوقۇغۇچى››نىڭ سانى 40، 50 مىليۇندىن ئاشىدىكەن، بۇ خەۋەر بەزىلەرنىڭ تىتاڭ تومىرىغا تەگكەنلىكتىن تەنقىدكە  باستۇرۇپ قويۇلدى.
جۇڭگو مائارىپىنىڭ يۇقۇرقى ‹‹ ئىككى چوڭ تۆھپىسى››نى نۇرغۇنلىغان بىلىملىك زاتلار ھەم نۇرغۇن مائارىپ ساھاسىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر بۇرۇنلا پاش قىلىپ تەنقىدلىگەن ئىدى،تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە شۇكى ئەمىلىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان ساغلام تۇرمۇش ئېتىقادى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش،كىشىلىك دۇنيا قارىشى، ئەخلاق قارىشى ، قىممەت قارىشىنى توغرا تۇرغۇزۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا توغرا يېتەكلەش قاتارىلق تەرەپلەردە جۇڭگو مائارىپىنىڭ ‹دۆتلەشتۈرۈپ تەربىيىلەش›› ئۈنۈمى تېخىمۇ‹‹ روشەن›› بولىۋاتىدۇ. بىراق بۇلارغا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا سەل قاراۋاتىدۇ.

داۋامى بار  داۋاملىق يوللىنىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
چىنار تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-03-31 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-03-31 23:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ