ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش

ۋاقىت : 2013-04-02 11:07 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش

ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش

كامال جامال

كىشىلىك مۇناسىۋەت كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماستىن، ئادىمىيلىكنى ئۆلچەيدىغان ئادىل تارازا. ئادەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئادىمىيلىكنى، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلالايدىغان پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. بىز باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلغاندا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيمىز. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ چېتىلىش دائىرسى كەڭ، مۇرەككەپ بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە راستچىل، سەمىمىي، كىچىك پېئىل، چىقىشقاق بولغاندىلا ھۆرمەتلەشكىمۇ، ھۆرمەتلىنىشكىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھۆرمەت بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك ئوبرازىغا بېرىلگەن باھا بولۇپ، ھۆرمەتتىن قەلبلەرنى كۆكلەتكىلى بولسا، يەنە ئادەمگە روھىي ئازادىلىك ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلىك ئالاقە كىشىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنسىمۇ، سۆز – ھەرىكەتتىكى قوپاللىق، خاراكتېردىكى مەنمەنلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتتە توساق پەيدا قىلىپ، باشقىلارغا بىزارلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەلنىڭ تەرىپلىشى ھۆرمەتنىڭ كاتتا سوۋغاتلىرى بولسا، ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت.

ھۆرمەتنىڭ قۇدرىتى قۇياشنىڭ تەپتىدەك قەلب ئاسمانلىرىنى ئىللىتسا، ھۆرمەتنىڭ ئېنېرگىيەسى يەنىلا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشتىن ھاسىل بولىدۇ. چىن ھۆرمەتنى پۇل – مالغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئادىمىيلىككە باغلانغان خالىس ياردەم، تەمەسىز ئىللىقلىق يەتكۈزۈشلەر قەلبلەر تۆرىگە نەقىشلىنىپ، يۈرەكلەرگە ئالبوملىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، غۇلجا شەھىرىدىكى نۇرتاي ھاجىنىڭ ھۆرمىتى ئۇ بېشىنى سىلىغان، ئوقۇتقان 1000 يېتىم – يىسىرنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن بولسا، يەنە مىليونلىغان كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. تەپەككۇرى جايىدا ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى كۆزەتكىنىمىزدە، دىيارىمىزدا چولپاندەك نۇر چىچىپ تۇرغان ئاشۇ مېھرىبان ئانىلار، مېھرىبان ئاتىلارنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيمىز. ھۆرمەتلەش، ھۆرمەتلىنىش دېگەندە ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىشى كېرەك. كونىلاردا «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن» دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا ھەممە ئىشتا ئىنساب – دىيانەت، باراۋەرلىك ئورنىدا تۇرۇپ، باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتساق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىگە، شۇنىڭدەك كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئورتاق مەۋقەگە ئايلاندۇرۇش جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايدۇ. دېمەك مەيلى ئائىلە ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن، ھۆرمەتلەش بىلەن ھۆرمەتلىنىشنى كىشىلىك قىممەت قارىشىمىزنىڭ يىلتىزى قىلىشىمىز كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%

«ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ