دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يېتەكلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاچىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مۇنازىرە ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئۇرغاتقىلى، نۇتۇق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى، دەرىسكە بولغان دىققىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇنازىرىگە يېتەكلەشتە سۇئال سوراش مۇھىم ھالقا. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتلىك دەرستىن بۇرۇن، شۇ سائەتلىك دەرىستە يەتمەكچى بولغان مۇھىم نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ، كۆرۈپ زۆرۈر بولغان بىر يۈرۈش ئويلىنىش قىممىتىگە ئىگە سۇئاللارنى تەييارلاش بىلەن بىرگە، سۇئال سوراشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇللىرىنى تېپىپ قوللانغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق ھالدا يېتەكلەپ دەرس مەزمۇنىنى جانلىق بولۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
. 1 سۇئال مۇۋاپىق نىشانلىق چىقىرىلىشى ئەپچىللىك بىلەن سورىلىشى كېرەك. قويۇپ قويۇش شەكىلدىكى ئوقۇتۇشتا قۇرۇلمىغا ئەمەل قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋەچۈشىنىش ئىقتىدارىغا سەل قارىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. دەرىسخانى تەرتىپى جىددى، كەسكىن كەيپىياتتا ئوقۇتقۇچى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوبىكتىپلىق ئورنى گەۋدىلەنمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىر بېسىم مۇھىتىدا تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى گەۋدىلەنمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى سوبىكتىپ ئورنى تەكىتلىنىپ دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇئال سوراش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ لېكىن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە سۇئال قانچە كۆپ بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر ياقتىن نۆۋەت بويىچە جاۋاب بېرىپ چىقسىلا ياخشى ئەھۋال دەپ قارىلىپ كەلدى.ھەقىقەتەن بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى قايناق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمىليەتتە سۇئال كۆپ سورالغان بىلەن ماھىيەتتە مەسىلە چىڭ تۇتۇلۇپ ھەل قىلىنمىسا يېتەكلەش رۇشەن بولمىسا مۇنازىرىنى ئەتراپلىق چوڭقۇر ئىلىپ بىرشقا تەسىر يېتىدۇ شۇڭا سۇئال سوراشتا توغرا ئۇسۇل قوللىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگنى چۈشەنگەن ئاساستا سۇئال سوراش مەقسىتىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
. 2 سۇئال سوراشتا ھالقىلىق مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ ئوتتۇرىغا قويۇش. ماھىيەت جەھەتتىن ئىيىتقاندا ئىدراك ئۆگىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ ئامىل، مەسىلە ھەل بولمىسا مەسىلىنى ئىزاھلايدىغان ھەل قىلىدىغان ئىدىيە ئۇسۇل بىلىم بولالمايدۇ. ھەم بىلىم ئىلىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتقىلى ھەم قوزغاتقىلى بولمايدۇ. مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ چوڭقۇر ئانالىز قىلمايدۇ. ئۆگىنىش يۈزەكى ۋە شەكىل بولۇپ قالىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلە ئىككى مەسىلىنى ئوغۇچىلارنىڭ ئىدراك ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئوبىكتى قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە تېخى ھەل قىلىنمىغان بىراق ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىلىم ئىلىش ھالىتىنى شەكىلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلە ئىككى يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ كەشىپ قىلىش ۋە ھەقىقەتكە ئىنتىلىش روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.
. 3 سۇئال سوراشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىشى كىرەك. ئۈگۈنىش جەريانى بىلىمنىڭ كۆپىيىش جەريانى بولۇش بىلەن بىللە جىسمانىي ۋە روھىي شۇنداقلا كىشىلىك قەدىر قىممەتنى ساغلام تەرەققىي قىلىش جەريانىدۇر. دەرىسخانىدا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئارا مۇنازىرە ئىلىپ بىرىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆز كاللىسىدا تەپەككۈر قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئۆز ئاغزىدا سۆزلەيدۇ. ئۆز قۇلقىدا ئاڭلايدۇ، ئۆز كۆڭلىدە ھىس قىلىدۇ. بۇ بىلىم ئىلىشنىڭ ئىھتىياجى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىھتىياجى.ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىن ئىيىتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تەسىراتى ۋە ئالاھىدە قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۈگىنىش جەريانىنى مول خاسلىققا ئىگە بىر خىل ئۈگۈنۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش دىگەنلىك ھىساپلىنىدۇ
(تەھرىر : admin)
«دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يېتەكلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆگەتكۈچىسىمۇ ؟
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
沙漠王子 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-11 16:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-05-07 12:05
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تا