ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى
ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە ماقالە يېزىش مېنى خېلىلا ئويلاندۇرىدۇ. ھەر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا ئويلىغانلىرىمنى قانداق يېزىش، كۆز قاراشلىرىمنى قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە باش قاتۇرىمەن. كەسىپداشلىرىمنىڭ نازۇك دىلىغا ئازار بېرەرمەنمۇ دېگەننى ئويلىغىنىمدا بىئارام بولىمەن، قىينىلىمەن. چۈنكى، ھەممىلا ئادەم ماختاشقا، مەدھىيەلەرگە خۇمار بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىنى قانچىلىك تىكلىگەنلىكى، مەسئۇلىيەتنى قانچىلىك ئادا قىلغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، نۇقسانلىرىغا چاپان يېپىپ، ئازغىنە نەتىجىسىنى كۆپتۈرۈپ مەدھىيەلەپ، مۇكاپاتلاپ تۇرۇشنى تەمە قىلىدىغان بەزى كەسىپداشلىرىم تەنقىدتىن قورقىدىغان، نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىپ قويغانلاردىن رەنجىپ، كىملەرگە ھومايسا، كىملەرگىدۇ قارغىش ياغدۇرىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ قەلب تارى شۇ قەدەر زىل بولۇپ، ئۇنى ماقالە يېزىپ چېكىپ كۆرۈشكە قەلەم تۇتقان قوللىرىم تىترىمەي قالمايتتى. لېكىن بالىلارنىڭ ئىستىقبالى، بەختىنى ئويلىغىنىمدا يەنە قەلەم تولپىرىغا قامچا ئۇرماي تۇرالمايمەن.
ئوقۇغۇچىلاردىن زارلىنىش، بالىلارنى ‹‹گۇناھكار›› قىلىپ كۆرسىتىش مەكتەپلىرىمىزدە ئەۋج ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى مەسئۇلىيەتسىزلىك كوچىسىغا قىستاپ، ئەۋلادلارنى ئىستىقبال ۋە بەخت مەنزىلىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا باشلىدى. ئاتا – ئانىلارنى غەمگە، جەمئىيەتنى غۇلغۇلىغا سالدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى يەنىلا بىپەرۋالىق بولدى، مانا بۇ بىپەرۋالىقنىڭ قۇربانلىرى بىزنىڭ بالىلىرىمىز، مىللەتنىڭ ئىز باسارلىرىدۇر. ئوقۇتقۇچىلارنى زارلىنىشقا ۋە نارازىلىق مۇنازىرىسىگە سېلىۋاتقان ئىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقى، تىرىشىپ ئوقۇماسلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىقى ئۇلارنىڭ ‹‹دۆت›› لىكى ئەمەس، بەلكى، بۇرچ تۇيغۇمىز تۆۋەنلەپ، سەۋەبىنى جەمئىيەتتىن، تۈزۈلمىدىن، بالىلاردىن ئىزلەپ، ئۆزىمىزنى ئاقلاپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى.
بالىلار ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بوز يەر. بۇ يەرنىڭ تېگى ئالتۇن، تۇپرىقى مۇنبەت. ئەگەر بۇ تۇپراقنى ئوقۇتقۇچىلار قان – تەرى بىلەن قاندۇرۇپ، ئەجىر – مېھنىتى بىلەن كۆكەرتىپ، ئەستايىدىل پەرۋىش قىلسا، كۆچەتلەر دەرەخكە ئايلىنىپ مېۋە بەرمەي قالمايدۇ. ھەر قانچە مۇنبەت يەرمۇ دېھقان ئۇرۇق سالماي، ئەجىر قىلماي، پەرۋىش قىلماي تۇرۇپ ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەجىرسىز تۇپراقتا ئۈنۈپ چىقىدىغىنى ياۋا ئوت – چۆپ، تىكەن – چاتقاللاردىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ئەگەر ئىشچان، جاپا – مۇشەققەتتىن قاچمايدىغان دېھقاننىڭ تەرى – ئەجرى توختاپ قالمىسىلا ئۈنۈمسىز شورلۇق، قۇملۇق يەرلەرمۇ ئاستا – ئاستا مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىدۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بالىلاردىن ئىبارەت ئېچىلمىغان بۇ تۇپراقنىڭ مۇنبەت يەرگە ئايلىنىش – ئايلىنالماسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيتى ۋە ئەجرىگە باغلىق.
يېقىندا، مەكتىپىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان ئىجادىيەت قىزغىنلىقى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ‹‹ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان›› ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹دۆت››، ‹‹يارامسىز›› ئەمەسلىكىنى تونۇتۇپ، بىزدە ئۇلارغا ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردى ۋە سەۋەبىنى ئۇلاردىن ئەمەس ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە ئۈندىدى. ‹‹ئىجادىيەت قىزغىنلىقى›› پائالىيىتىدە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئەسەر قاتناشتۇرۇشى، قاتناشتۇرۇلغان ئىجادىي ئەسەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆرگەزمە قىلىش، ياخشى ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش تەلەپ قىلىندى. ئەمما، بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبارسىز قارايدىغان، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىشنى خالىمايدىغان، ئۇلارنى ‹‹يارامسىز››، ‹‹دۆت›› دەپ ئەيىبلەش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيەدە بولدى.
مەن ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. يېتەكلىگۈچى، ئۈلگە بولغۇچى، بىلىم بەرگۈچى، تەربىيەلىگۈچى بولغان ئادەم ئۆزى پەرۋىش قىلىۋاتقان مايسىلارنىڭ مېۋە بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك تولىمۇ بىچارىلىك.
ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى تاللىنىپ كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئاساسەن پەن – تېخنىكا ئەسەرلىرى، مودېل، قول ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇپ، كىچىك كەشپىيات ۋە مودېللار كۆپرەك ئىدى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئەسەرلەر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى بەكرەك جەلپ قىلدى. مانا بۇ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغۇچىلار قانداقتۇر ‹‹ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار›› بولماستىن، بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى ‹‹ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان››، ‹‹كىتاب ئوقۇمايدىغان››، ‹‹ناچار››، ‹‹يارىماس››، ‹‹دۆت›› ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ،مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنى كۆرۈپ، ‹‹يارىماسلار›› بالىلار ئەمەس، ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدىم. ئۇلاردىن زارلىنىش، ئۇلارنى ئەيىبلەش، ئۇلارنى سەۋەبكار قىلىشقا قىلچە ھەققىمىز يوقلۇقىنى، ئۇلارنى يەنە ‹‹دۆت›› دېيىشكە تىلىمىزنىڭ كۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا مەسئۇلىيەتسىزلىك باياۋانلىرىدا تىنەپ يۈرگەن ئوقۇتقۇچىلىق روھىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
ئۆز كەسپىنى سۆيمەيدىغان، جاپا چېكىشتىن قورقىدىغان، ئىزدىنىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق روھى ئاجىز بولىدۇ. بۇنداقلارنىڭ ساپاسى ئاسانلا چىرىپ، تىتىلىپ، كۈندە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ – چىقىپ يۈرەلىگەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ، يۈرىكى يايراپ غادىيىپ يۈرسىمۇ، بۇلار ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى يېپىپ كېتەلمەيدۇ. بالىلار ئېچىلمىغان مۇنبەت تۇپراق، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار بۇ تۇپراقنى قانداق ئېچىشنى ۋە قانداق گۈل ئېچىلدۇرۇشنى بىلىدۇ. بالىلاردىن زارلىنىشنى، ئۇلارنى ئەيىبلەشنى ئادەت قىلىۋالغانلار، ئېنىقكى بۇ مۇنبەت تۇپراقنى گىياھ ئۈنمەيدىغان شورلۇققا ئايلاندۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
كەسىپداشلىرىمغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كەلدى. ئەي ئالي ھۆرمەت ساھىبلىرى ئاتالغان ‹‹ئۇلۇغ ئىنسان››، سىز مەسئۇلىيىتىڭىزنى قانچىلىك دەرىجە تونۇپ يېتەلىدىڭىز؟ بۇرچىڭىزنى قانچىلىك ئادا قىلالىدىڭىز؟ سىز ئوقۇتقۇچى، سىز بىلىم بەرگۈچى، ئادەم تەربىيەلىگۈچى، يېتەكلىگۈچى،ئۈلگە بولغۇچى.سىز يەنە ئىنسان روھىنى قۇرۇپ چىققۇچى. ئۇنداقتا، سىز ئالدىڭىزدا تۇرغان سەبىي، چاڭقاق دىللارنىڭ تەشنالىقىنى قانچىلىك قاندۇرالىدىڭىز؟ ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى قانچىلىك چۈشەندىڭىز؟ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچالىدىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىيەلىدىڭىزمۇ؟ ئەجىر قىلالىدىڭىزمۇ؟ ئۇلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلالىدىڭىزمۇ؟
ئۇلارنى يەنە ‹‹يارىماس››، ‹‹دۆت›› دەپ ئەيىبلەمسىز؟ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچى، ‹‹دۆت ›› بولۇپ قېلىشتىكى سەۋەبىنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەپ بېقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن نابۇت بولۇپ كەتسە، ۋەتەن – يۇرت ۋە مىللەتنىڭ ياراملىق ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ چىقالمىسا، مەن ئۇلارغا، خەلقىمگە يۈز كېلەلەيمەنمۇ؟ ئۇلارغا قانداق جاۋاب بېرىمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟
(تەھرىر : admin)
«ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا
- مەكتەپ ئائلە باشلىقلرى ھەمكارلىشىپ ئوق
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دوس
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوقۇت
- ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغ
- مەكتەپ ئائلە باشلىقلرى ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- ئوقۇتقۇچىلار دەستورى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل