ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
2000-يىللارنىڭ بېشىدا باشلاغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ناھىيە ۋە يېزىلاردىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نوقتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)سىنىپلار بارلىققا كەلدى.
باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى نوقتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سىنىپلار باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى ياكى بەشىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش(پارالېل)سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنپ،ئىمتىھان نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ياتاقتا ياتقۇزۇپ،ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى نوقتىلىق(كۈچەيتىلگەن)سىنىپلار بولسا ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا پارلېل سىنىپلاردىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىپ،ھېلىقى نۇقتىلىق سىنىپتىكى نەتىنجسى نىسبەتەن تۆۋەن چىققان ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى سىنىپقا شاللاپ چىقىرۋېتىلىپ،ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى ئوقۇغۇچىلار نوقتىلىق سىنىپقا تاللىۋېلىنىدۇ.
مەيلى باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسۇن،مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسۇن،ئادەتتىكى سىنىپلار(باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ ۋە نوقتىلىق سىنىپ دەپ ئىككىگە،ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ،نوقتىلىق سىنىپ ۋە كەسپىي سىنىپ دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ)دا قىرىق-ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچى قىستىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشىسا،نوقتىلىق سىنىپلاردا ئوتتۇز-قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچى ئازادە ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشايدۇ.
مائارىپ ئىدارىسى،مائارىپ ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مودېرلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىنىجسى تۆۋەن چىقىپ قېلىپ يۈزۈنى چۈشۈردىغىنى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا،يۈزىنى يورۇق قىلىدىغىنى،شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردىغىنى ناھايىتى ئاز ساندىكى نوقتىلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نوقتىلىق تولۇقسىز ياكى نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتكەن بىر-ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى خالاس.
مائارىپتىكى بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى بۇ تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىكنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاددەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئانچە ھېس قىلالمىغان بىلەن،ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆلتۈرىدۇ.بۇنداق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئىستىقبالى يوق ئوقۇغۇچى،سىنىپ مودېرى ۋە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىمى يوق ئوقۇتقۇچى،دەپ قاراپ ئۆگۈنىشتە بىراقلا بەل قويۋېتىدۇ.ئۇلار بېرىلگەن ھەرقانداق ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ۋەدىلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.
نوقتىلىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئاز سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى ئاز تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى ئاز ئىشلەپ،موكاپات ۋە ئۈنۈم ئىش ھەققىنى كۆپ ئېلىپ،شان-شەرەپكە كۆپ نائىل بولسا؛ ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا كۆپ سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى كۆپ تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى كۆپ ئىشلەپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىنى ئاز ئېلىپ بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مودېرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز سىنىپىدىن ئەلاچى يىتىشتۈرۈشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى يوقاردا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمدەك،بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپ،ئادەتتىكى يۈزىنى يورۇق قىلالمايدىغان ئوقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قېلىپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش.
ئاخىىرىدا ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا يېزا-كەنتلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايدىغانلىقىىغا كۆزى يەتمەي نارازىلىق ھېسىياتىدا دەرسكە كىرگەن سىنىپ مودېرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تىڭشاپ،ئۇلارنىڭ بىلىم-سەۋيىسىگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالىغا ئىشەنمەي چوڭ بولىۋاتقان مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان سەبئىي بالىلار.
ھازىر يېزىلاردا ئىدارە-ئورگانلارنىڭ كادېرلىرىلا ئەمەس،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز مەكتىبىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتسا،ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇررا مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋىلايەتتىكى مەكتەپكتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ.بىر يېزىدا ئىككى –ئۈچ يۈز نەپەر مائارىپچى،ۋە بىرەر يۈز نەپەردىن كۆپ باشقا ساھەنىڭ كادىرى بار بولسا،ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ يېزىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتىدىغان پەرزەنتلىرىنى ئىستاستىكا قىلسا ئونغىمۇ يەتمەيدۇ.يېزا مەكتەپلىرىنى ھازىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان پەرزەنتلىرى مەكتىپى دېسە بولىدۇ.
ئالدىنقى ئايدا ناھيىدە بىر يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ،ناھىيە بازىرىدىكى كونا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ھەرقايسى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىلىم سەۋيىسى يوقۇرى دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ(بۇنداق تاللاپ-يۆتكەش ھەر يىلى بولىۋاتىدۇ)يۆتكەپ كېتىلۋېدى،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى يۆتكىلەلمەي،ئۆز مەكتىبىدە قالغان ياشانغان،كېسەلمەن ۋە مېيىپ بىچارە ئوقۇتقۇچىلارغا قوشلاپ-قوشلاپ ئارتىلدى.بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز مەكتىپىنىڭ خىزمىتىنىلا قىلسىغۇ مەيلى،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەرسىنى تاشلاپ پات-پات ئەتىرەتلەرگە چىقىپ شەھەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېزىلىق توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلىرىنى ماڭدۇرۇپ بېرىىشى كېرەك... شاللىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شاللىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قالغان مەكتەپ مودېرلىرىنىڭمۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ لاسسىدە بولۇپ قالدى…
ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى بار پەرزەنتلىرى ۋە ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار شەھەرگە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ.يېزا مائارىپىنى،دېھقان پەرزەنتلىرىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىغاندۇ؟!
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- يىزا كەنت مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا
- مەكتەپ ئائلە باشلىقلرى ھەمكارلىشىپ ئوق
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
kichikoghul تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-08-24 21:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-05 15:11
- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- يىزا كەنت مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىس
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دوس
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئوقۇت
- ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغ
- مەكتەپ ئائلە باشلىقلرى ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- ئوقۇتقۇچىلار دەستورى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دوس