ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟

ۋاقىت : 2013-11-09 23:42 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : kichikoghul | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
پېقىر  بىر ئەتىرەتتىكى تارماق باشلانغۇچ مەكتەپتە بەش يىل ئۆزەم يالغۇز  مەخسۇس باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقان قوشما سىنىپ مودېرى ئىدىم.ئالدىنقى يىللىرى يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ سىنىپ مودېرى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش جەريانىدا ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى،شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئاكتىپ ۋە پاسسىپ پوزۇتسىيەسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.تۆۋەندە  بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
                                                              1
ھەممىگە مەلۇم،ئىنتايىن ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 8-ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللانغان،ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،قۇربان بېرىشتىن قورقماي(دۇڭ سۇنرۇي،خۇاڭ جىگۇاڭ،ليۇ خۇلەن...قاتارلىقلار ۋەتەن ئېڭىنىڭ يوقۇرلىقىدىن ئەمەس،ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ تەسىرىدە قەھىرمانلىق كۆرسەتكەن)جەڭ قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىشى تۈپ نىگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ماۋزېدۇڭنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى.ئوخشاشلا يەنە‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردە خەلقىمىزنىڭ يىراقتىكى ئادەملەر ئۈچۈن‹‹ياشىسۇن››ۋە‹‹يوقالسۇن››دەپ شۇئار توۋلاپ بىگۇناھ  قېرىنداشلىرىنى كۈرەش قىلىپ-دومبالاپ ئۆلتۈرۈشى،ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جانلىرىنى سېلىپ بېرىشى كىشىلەردىكى ئاشۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ھاۋاسى شەكىللەندۈرگەن ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ نەتىنجىسى.(شۇ سەۋەبتىن ئاكتىپ دېگەن بۇ ئىجابىي مەنىلىك سۆزنى بىز ھازىرغا قەدەر كۆپ ھاللاردا سەلبىي مەنىدە قوللىنىمىز.)
شۇنداق،ئاكتىپ پوزۇتسىيە ئادەمگە ھەرقانداق ياخشى ۋە يامان ئىشنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدۈرىدۇ.ئادەم بىر ئىشنى ئاكتىپ پوزۇتسىيە بىلەن قىلغاندا ھېرىپ قالمايدۇ،ئاچلىق،ئۇسسۇزلۇق،سۇغۇق، ئىسسىققا ۋە قىلىۋاتقان شۇ ئىشىنىڭ ئۆزىگە،جەمئىيەتكە ئېلىپ كىلىدىغان پايدا-زىيىنىغا پەرۋا قىلمايدۇ.قىسقىسى،‹‹ئاكتىپ پوزۇتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ››،ئادەمگە غەيرەت-شىجائەت،تەشەببۇسكارلىق ۋە قەيسەرلىك ئاتا قىلىدۇ.
ئۇزۇق تۈلۈكى مول،شارائىتى ياخشى،قوراللىرى خىل بولغان ياقۇپ بەگ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسە ئاز،ئۇزۇق-تۈلۈكى تۈگىگەن،مىڭ كىلومېتىرچە يىراقلىقتىن ھېرىپ-ئېچىپ ئۆلەي دېگەن ھالدا كەلگەن زۇزۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرمەي تۇرۇپلا قېچىپ يېڭىلىپ قېلىشى،بىرسى، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ۋەتەن ئېڭىنىڭ يوقلىقىنىڭ نەتىنجىسى بولسا،ئىككىنچى بىرسى،ئۇلاردىكى پاسسىپ پوزۇتسىيەنىڭ نەتىنجىسى.
شۇنداق،پاسسىپ پوزۇتسىيە ئادەمنى چۈشكۈن،قورقۇنچاق،چىدامسىز،غەيرەتسىز،ئىرادسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.ئادەمنىڭ پوزۇتسىيەسى قانچە پاسسىپلاشقانسىرى ئادەم جەمئىيەتتىن،شارائىتتىن شۇنچە ئاغىرىندىغان،بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىماي ھەمىشە پەقەت يامان تەرىپىنىلا ئويلايدىغان،ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ كەينىدە قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
                                                                2
    يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى شۇنداق چېچەن،شۇنداق قىزغىن،شۇنداق تېتىك،شۇنداق شوق ۋە شۇنداق  جانلىق.ئادەم بىر ئىشنى  توققۇز قېتىم قىلىڭلار دېسە،‹‹مۇئەللىم مەن ئوتتۇز قېتىم قىلىپ بولدۇم››دەپ بىر ئىشنى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆگۈنىۋېلىپ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى بەكمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. ھەتتا،مەن1-يىللىققا  ئالماي،بىۋاستە2-يىللىققا ئالغان،ئۆيىدە ئاكىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن ئۆزلىگىدىن ئېلىپبە ۋە ھېسابتىن ساۋادىنى چىقىرۋالغان يەتتە ياشلىق بالىلارمۇ بولغان.
ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالدىم.تولۇقسىز 7-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھەرھالدا قىزغىنلىق بار، 8-يىللىققا چىققاندا قارىسا ئەللىك پىرسەنت ئوقۇغۇچىدا قىزغىنلىق قالغان.9-يىللىقتا چىققاندا ئوقۇغۇچىلار شۇنداق پاسسىپلىشىپ كېتىدۇكىن،خەت يېزىش،كىتاب ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،بۇخچىسىدىكى ماتېرياللارنى ئېلىشمۇ ئۇلارغا ناھايىتى تەس كېلىدۇ.مەن9-يىللىققا دەرس ئۆتىدىغان بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورۇندىقىدا يېتىۋالغانلىقى توغىرسىدىكى ۋايساشلىرىنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن.9-يىللىققا كىرگەن ئادەم گويا دەرسخانىدا بىرنەچچىلا قىز ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.
قىسقىسى،توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياش قورامى بىلەن ئاكتىپ پوزۇتسىيەسى تەتۈر تاناسىپ تۈزگەن.ئۇلارنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى ئوقۇشقا،ئۆگۈنۈشكە بولغان ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارغان،مەن ئۆزەمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ئەڭ ماھىر ئوقۇتقۇچى ھېسابلايتىم،باشلانغۇچ مەكتەپتە مەن ئادەتتە ئىككى ئاي ئىچىدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ،كىتاب ئوقۇيدىغان،خەت يازىدىغان قېلىۋېتەتتىم.بىراق ئوتتۇرا مەكتەپتە نەچچە نەپەر ساۋادسىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى يىل ھەپلىشىپمۇ بىرسىنىڭمۇ ساۋادىنى چىقىرالمىدىم. سەۋەبى ئۇلارغا بىر ھەرىپنى بەش قېتىم يېزىڭ،دەپ بەش قېتىم يازدۇرالمىدىم.بۇنداق ئەھۋالنى بىر يىل ئەمەس،تۆت يىلدىن بېرى يولۇقتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.ئوقۇشسام قوشنا يېزا ۋە قوشنا ناھيلەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
                                                                   3
خوش،ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى،جۈملىدىن ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى بۇنداق پاسسىپ پوزۇتسىيە،چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب نەدە؟بۇ ھەقتە بىرنەچچە يىل كۈزۈتىش،ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق بۇنىڭ‹‹سىرى››نى ئاز-تولا تېپىپ چىقتىم.
90-يىللاردا مەرھۇم شائىرىمىز رۇزى سايىت يازغان‹‹دېھقان بولماق تەس››دېگەن شىئېر جەمئىيەتكە كەڭ تارقىلىپ بەلگۈلۈك تەسىر پەيدا قىلغاندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ يېزىلغان‹‹كادىر بولماق تەس››،‹‹ئوقۇتقۇچى بولماق تەس››،‹‹ئەر بولماق تەس››،‹‹خوتۇن بولماق تەس››،‹‹پاختا تەرمەك تەس››،‹‹يەر تېرىماق تەس››،‹‹خامان ئالماق تەس››،‹‹ئىشچى بولماق تەس››‹‹ئوقۇغۇچى بولماق تەس››،‹‹شوپۇر بولماق تەس››،‹‹دادا بولماق تەس››،‹‹ئانا بولماق تەس››،‹‹ئۆلمەك تەس››....قاتارلىق شئېر ۋە ناخشىلار ئېغىزچە ۋە يازمىچە جەمئىيەتكە تارقالدى ھەم بۇ ‹‹تەس››لەر بىر قىسىم چوڭلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كاتتا گۆھۈرىگە ئايلاندى.ئەپسۇس،بۇ گۆھەرنىڭ كىشىلىرىمىزگە ئاتا قىلغىنى بايلىق بولماستىن،روھى چۈشكۈنلۈك ۋە پاسسىپ كەيپىيات بولدى.
ھازىر  يان تېلېفۇن كۆتەرمەيدىغان ياشلىرىمىز ناھايىتى ئاز قالدى.ھەتتا،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ يان تېلېفۇن بار.ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ دېسىڭىز،ناخشا ئاڭلايدۇ!‹‹پاختا تەرمەك تەس››،‹‹مۇئەللىم كەلدى››،‹‹گۈلۈم كەتتى››،‹‹دەردى بار،‹‹ھەسىرەت چەكتىم››...دېگەندەك چۈشكۈن ناخشىلارنى ئاڭلاشقا ئىشلىتىدۇ! بۇنداق چۈشكۈن ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرىنى بىر قىسىم ساۋادلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خاتىرلىرىدىمۇ تولا ئۇچىراتتىم.(مۇتلەق كۆپ چوڭلىرىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا پەقەت ناخشا-ئۇسۇلغا قارىتالا  ئاكتىپ پوزۇتسىيە بار.)
مەن بۇ يەردە يالغۇز‹‹دېھقان بولماق تەس››ئادەملىرىمىزنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى دېمەكچىلا ئەمەس،ئەمەليەتتە بۇنداق پاسسىپ كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان خەلق ناخشىلىرىمىزمۇ خېلى بار،كىنو-فىلىملىرىمىز تېخىمۇ كۆپ.
مەن يېقىندا سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يېزىلغان‹‹چىن ئىنسان ھەققىدە قىسسە››،‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››دېگەن ئىككى كىتابنى ئوقۇپ قالدىم،بۇ كىتابلاردا شۇنچە زور قىيىنچىلىقلار تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما پىرسۇناژلارنىڭ تىلىدا بېرىلگەن ‹‹تەس››دېگەن ئىبارىنى پەقەتلا ئۇچىراتمىدىم.ئەسەردىن قەھىرمانلىق،قەيسەرلىك،قەتئىيلىك،باتۇرلۇق،چىدامچانلىق، تەقدىم قىلىش،ئۈزلىكسىز ئالغا  ئىلگىرلەش روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
ھازىرقى ھەرقانداق بىر‹‹تەس››ئىشىمىز ئاتا-بوۋىلىرىمىز  ياشىغان50-60-70-يىللارغا قارىغاندا كۆپ قولايلىقلاشتى.دېھقانچىلىق،ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئوقۇشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق شائىرلىرىمىز ياشىغان دەۋرلەردىكى ئىشلار ھەرگىز ھازىرقىدىن ئاسان ئەمەس ئىدى.ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارمۇ ھەرگىز ئاز ئەمەس ئىدى.ئەمما ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىدە ھېرىپ-چارچاش،ئاغىرىنىپ-قاخشاشلار بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ يالقۇنلۇق شېئىرلىرىدىنمۇ‹‹تەس››دېگەن سۆزدىن بىرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
بەس ئەمدى،شائىرلىرىمىز ئۇ تەس، بۇ تەسنى قۇيۇپ باۋدۇن باي،ھۈسەن باي،ئابدۈشكۈر،ئادىل ھۇشۇر،ئادىلجان...لاردەك غالىپلىرىمىز ھەققىدە داستان قىسئەلەرنى يېزىپ،كىنو-فىلىملەرنى ئىشلەپ،خەلقىمىزنىڭ،جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى يىتىلدۈرۈشكە،جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ قوشقايسىلەر!
                                                                4
ھاسىلىكالام،يەسلى ۋە باشلانغۇچتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ زېرەك،تېتىك،تىرىشچان بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار كىچىك بولغاچقا چوڭلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە چۈشكۈن،ۋايساش بىلەن تولغان ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەسىرىگە يولۇقمىغانلىقىدا،بىرسى-بىرسىنى قىزىل ئاكتىپ دەپ مەسخىرە قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدە،بالىلارغا خاس ئاكتىپ پوزۇتسىيەنىڭ روھيىتىدە بولغانلىقىدا.كەلگۈسىگە،غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئىشەنچنىڭ بولغانلىقىدا.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىپەرۋا،‹‹دۆت››،ھۇرۇن،چىدامسىز،قورقۇنچاق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يوق بولۇشىدا ئۇلار چوڭلارنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە يوقتۇرۋالغانلىقىدا. قايسى يىلى تولوقسىزدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يالقۇن رۇزى ئەپەندىمگە يازغان‹‹ئەگەر ئەللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتى راستىنلا مەۋجۇت بولالماي قالسا.....››دېگەن ئوچۇق خېتى سۆزۈمىزگە دەلىل بولالايدۇ.
كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى،ھازىر  ھېچقانداق بىر ئىش تەس ئەمەس،قەتئىي تەس ئەمەس،پەقەت شۇ ئادەملەر،مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشتى،رەھىمسىزلەشتى.جىگدە ياغىچى بادىر بولمىسا مەيلى،دېھقان بالىسى كادىر بولمساقمۇ مەيلى.ئوقۇشتىكى مەقسەت كادىر بولۇشلا ئەمەس،ئەخلاقى-پەزىلەتلىك،ئەقىدە-ئېتىقادلىك،غايە-ئىرادىلىك،ۋىجدانلىق،ئاڭلىق،بىلىملىك،ئىقتىدارلىق،ياراملىق ئادەم بولۇش.
بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىركى جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىغان زامانلاردىمۇ ھەرقانداق جايدا،ھەرقانداق ۋاقىتتا،ھەقىقىي پەزىلەت ۋە ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە كىشىلەر قەدىرلەنگەن،ئەتىۋارلانغان،بىلىمى ھېچقاچان كۆمۈلۈپ قالمىغان،ھازىرمۇ،بۇنىڭدىن مىڭ يىل ياكى ئونمىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ھەقىقىي پەزىلەت ۋەھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغان ئادەملەر يەنىلا قەدىرلىنىدۇ،ھەرگىز كۆمۈلۈپ قالمايدۇ.
                                                                 5
بىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئىزباسارلىرىنىڭ-بالىلارنىڭ ئاكتىپ پوزۇتسىيەسىنى،قىزغىنلىقى،تىرىشچانلىق،جانلىقلىق،تېتىكلىك ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز،ئۇلارنى قەيسەر،ئىرادىلىك،چىداملىق،قولىدىن ئىش كېلىدىغان،ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىمىز دېسەك،ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق چۈشكۈن،ئۈمىدسىز سۆزلەرنى قىلماسلىقى،ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان سۆزلەرنى،جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك ۋە بۇزۇلۇشلار ھەققىدىكى سۆزلەرنى بالىلار بار يەردە قىلىشتىن ساقلىىنىشى لازىم.
ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىمكانيەتنىڭ بېرىچە بالىلارغا ئىلھام بېرىشىمىز،روھىنى  كۆتۈرۈشىمىز،ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىمىز،ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كەتتى،خىزمەتكە ئورۇنلاشماق تەسلىشىپ كەتتى،جاھاندا ئادىللىق قالمىدى،تېزىرەك دەم ئېلىشقا چىقىش...دېگەندەك مەسىلىنىڭ يامان تەرىپى ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىزنى  ۋە ئۆزۈمىزدىكى ھەرقانداق پاسسىپ كەيپىياتنى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قويۇپ كىرىشىمىز كېرەك.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز:
                                                                  كۆر، ئىتقا بولىۋەرسە باش ئارسىلان،
                                                                   بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسىلانسىمان.
                                                                   گەر ئىت ئۇ بولسا ئارسىلانغا باش،   
                                                                   بولۇر ئارسىلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.
دېگىنىدەك ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ پوزۇتسىيەمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا بەلگۈلۈك دەرىجدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
kichikoghul تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-08-24 21:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-05 15:11
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ