تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ت
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى
ھازىر، ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش نىشانىمىز ۋە ئەندىزىمىز كونا. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇشى ئىسلاھ قىلىشقا مۇھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە ئىشنى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن، شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاش كېرەك.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكۈنچى دەۋردە تۇرغاچقا، ئۇلاردا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىدۇ.
پىسخىكا جەھەتتە تايىنىشچانلىقتىن مۇستەقىللىققا ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئاتا–ئانىسىغا، ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە باشقىلارغا تايىنىشتىن، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم قىلىش، تاللاش ۋە قارار چىقىرىشتىن ئىبارەت ئۆزىگە خوجا بولۇش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقى بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى بىلىش ئېڭىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ باسقۇچتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەقلىيلىكى بارا–بارا نامايان بولىدۇ. بۇ نامايەندىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگە ئاساس سالىدۇ.
بىلىش جەھەتتە، ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتىدۇ. ئەقلىي بىلىش تەپەككۇرنىڭ بارا–بارا پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەرىكەت ھېسسىياتىنىڭ باشقۇرۇشىغا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھېسسىياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ئاسان خاتالىق سادىر قىلىدۇ. لېكىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ ئېشىشى ۋە بىلىمىنىڭ موللىشىشىغا ئەگىشىپ، شەيئىلەرنى تونۇش، تەھلىل قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاشىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شەيئىىلەرنى ماھىيەتلىك، ئومۇمىيلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تونۇشقا ۋە بىلىشكە باشلايدۇ.
ھەرىكەت جەھەتتە، نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۆگەنگەن نەزەرىيە ۋە قاراشلىرىنى سىناپ كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ. بۇ ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ، شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
خوۋارد. گاردنېرنىڭ «كۆپ ئېلېمېنتلىق ئەقىل» نەزەرىيەسىدە ئەقىلنىڭ كۆپ ئېلېمېنتلىق بولىدىغانلىقى، بۇ تىل ئەقلى، ماتېماتىكىلىق لوگىكا ئەقلى، مۇزىكا ئەقلى، ھەرىكەت ئەقلى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەقلى، ئۆزىنى بىلىش ئەقلى، تەبىئىي بىلىش ئەقلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئېڭى ئىستىخىيەلىكتىن ئاڭلىقلىققا ئۆزگىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى تەرەققىياتى بارا – بارا روشەنلىشىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. شۇڭا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇش ئىقتىدارىغا باشلامچىلىق قىلىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارغا ئاكتىپلىق بىلەن يېڭىلىق ياراتقۇزۇپ، پىلان تۈزگۈزۈپ، ئۆزىگە تەشكىللەتكۈزۈشى ۋە باھا بەرگۈزۈشى كېرەك. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تونۇيالايدۇ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى يۆنىلىشى ۋە نىشانىنى تىكلىيەلەيدۇ.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى قامدىلىدىغان باسقۇچ. ماسلوۋ ‹‹كىشىلەرنىڭ تەلىپى كۆپ قاتلاملىققا ئىگە، ئوخشىمىغان تەلەپلەر ئارىسىدا تەدرىجى ئىلگىرىلەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بار، تۆۋەن دەرىجىدىكى تەلەپ قامدالغاندىن كېيىن، يۇقىرى قاتلاملىق تەلەپ بارلىققا كېلىدۇ›› دەپ قارىغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى رېئاللىشىش تەلىپىنى ئورغۇتۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلىشى، تۈزۈم ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېڭىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شۇڭا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بىر خىل مۇھىت، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە قامدايدىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدۇر.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر تەرەققىياتى يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان باسقۇچ. بۇ باسقۇچتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان خاراكتېرى بارا–بارا ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ، بۇ كەلگۈسىدىكى ئالاھىدە ساپاغا تەسىر قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى يۆنىلىشچانلىققا ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتقا موھتاج. ئېلىمىز مائارىپى مەنپەئەت مەسىلىسىدە ئۇزاق ئىككىلەندى، بۇنداق داۋاملىشىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئارزۇسىنى يوققا چىقاردى. ئېلىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى قايتىدىن باشلاشقا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش، خاراكتېر ۋە ئەقىل ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشقا ئېھتىياجلىق. شۇنداق بولغاندا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئالالايدۇ، بۇرچىنى ئادا قىلالايدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلىرىمىز باراۋەر تەربىيەلىنىشى كېرەك
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىل
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سال
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغ
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كې
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىن
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياك
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىل
- بىرىنچى بۆلەك . تۆت ئەمەل ئارىلاش ھېساپ
- ھۆرمەتلەش ۋە ھۆرمەتلىنىش
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قاندا
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارا
- ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇ
- ئەخلاقتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قانداق سالاملىش
- ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئە
- باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بول
- ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشنىڭ بى
- ئوقۇتقۇچى قانداق ئوقۇغۇچىنى يا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال ئارقىلىق يې
- قانداق قىلغاندا سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ياخ
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- قانداق قىلغاندا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتە
- سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- ئائىلە سۆھبىتىنىڭ رولى
- قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تا