ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى

ۋاقىت : 2013-05-20 19:00 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى
 
«ئىنساننىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى نادانلىقىتىن تۇغۇلىدۇ.»
                                      -مەمتىلى ئەپەندى رۇمانىدىن
 
1934-يىلى ئۇيغۇر مىللى مائارىپى ئۈچۈن ئۆچمەس بىر تارىخ پۈتۈلگەن، ئاجايىپ بىر مۆجىزە سۈپىتىدە مىللىتىمىز مائارىپ تارىخىدا يىڭى سەھپە ئىچىلغان ، ئۇلۇغ باشلىنىش بولغان بىر يىل.پۈتۈن
ئاتۇش خەلىقى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بۇ ئۆچمەس تارىخىقا نەزەر سالغاندا،قاپقارا تۈتەكلەر قاپلاپ،ئەسىر قوڭغۇرىقى ئەمدىلا چېلىنغان 20-ئەسىرنىڭ بىرىنجى يىلىدا تەۋللۇتلانغان،بالاغەتكە يىتەر-يەتمەيلا ئىش–ئىزى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى لەرزىگە سالغان نۇرانە روھ ئىگىسىنى،ئۆزىنىڭ مىللى روھىغا يۇغۇرۇلغان ئوتلۇق مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يىڭىچە مائارىپچىلىق ھەركىتىنى قوزغىغان،گەرچە باشلىغان يىڭى ھەركىتىنىڭ دائىرىسى تار،ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ مول مەزمۇنى،چاققان قۇرلىشى،ئۆتكۈر روھى بىلەن خۇددى تۈن قاراڭغۇلىقىنى يېرىپ ئۆتكەن يۇرۇق يۇلتۇزدەك مەھكۇملۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتا قالغان ئۇيغۇرلار جەمىئيىتىنى ئويغىنىشقا يىتەكلىگەن،باشلامچى روھى بىلەن ئىلىم يۇرۇقلۇقى تارقىتىپ،چاڭقىغان نىمجانلارغا شىپالىق،زىدىلەنگەن قەلىبلەرگە نىجاتلىق مەلھىمى ئاتا قىلغان ئوت يۈرەك شائىر، ئىقدىدارلىق تەشكىلاتچىمىز،كومپوزىتۇر، خەلىقپەرۋەر مەرىپەت ئاتىسى مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)نى چوڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز.شۇنداقلا ئۇنىڭ مىراسى بولغان پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش،ئۆز ئىرادىسىدىن يانماي مىللەتنى، ۋەتەننى پارلاق ئەتىگە باشلاپ مىڭىشتەك روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىشىنىڭ بىزگە تۇتىيا كەبى،ساقايماس كىسەلىنىڭ دورىسىدەك زۆرۈر بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتىمىز.بۇ يىل ئەشۇ سۇنماس ئىرادىلىك مەزمۇت ئۇستاز،ئۇلۇغ روھ ئىگىسى مەمتىلى ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 112يىللىقى.بىزنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشاش بۈيۈك كىشىلىرىمىزنى ئەسلەپ،يات ئىتىپ تۇرىشىمىز ۋە ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرلىشىمىز ئۇلارنىڭ مىللەت،ئانا يۇرت، ئۆز قۇۋۇم-قىرىنداشلىرى ئۈچۈن تۆككەن ئەجىرىگە ، ئەۋلاتلارغا بولغان ئىخلاسى ۋە سۆيگۈسىگە قايتۇرغان چىن ۋە چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزدۇر.ئەجداتلارنىڭ ئەجىرى ئەۋلاتلار ئۈچۈن غۇرۇرغا ئايلانغاندا،بۇ ھۆرمەت تىخىمۇ كۈۋەجەيدۇ.شۇ ئارقىلىق ئۇلار ياراتقان تارىخقا ئەۋلادلار يىڭى-يىڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھىسىيات كۆۋرىكى قۇرىدۇ.شۇ ئارقىلىق ئەجداتلارنىڭ سىماسى ۋە روھى تىخىمۇ نۇرلىنىدۇ.
ھەر يىلى9-ئايدا قەلبىم شۇنداق مۇرەككەپ ھىسياتقا پەۋەسلىنىدۇ.چۈنكى يىڭىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمىدلىك كۆلىرىدىن بالقىغان ھەرخىل قىزىقىشى،ئارتۇقچىلىقى، كەلگۈسىدىكى ئارزۇسى قاتارلىقلار مىنى تۇلىمۇ قىزىقتۇرسا ئەپسۇس،قۇبۇل قىلىنغان ھەر بىر سىنىپتىن بەشتىن ئونگىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ھىچقانداق قىزىقشى،كەلگۈسى ئازۇسىى يۇق، ئىسمىنى ئوڭشاپ يازالمايدىغان«تىرىك مۇردا» ئىكەنلىكى قەلبىمىنى تىنىمىسىز غاجىلايدۇ. يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە تۆگىدەك لوڭڭىدە چوڭ بولۇپ قالغان بۇيى پەقەتلا ماس كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتسىز ئالدىمىزغا كىلىشى ھەر يىلى يىڭى ئوقۇش يىلى باشلانغاندا بىزگە ،بولۇپمۇ دىققەت ئىتىبارىنى سىجىل ئارتقۇزۇپ تۇرغان ماڭا نۇرغۇن سۇئاللارنى تاشلايدۇ.كاللام سۇئاللار دۆۋىسى ئىچىدە قىلىپ ئۆزۇمىنى تىنالمايۋاتقاندەك،يۈرىكىم سوقمايۋاتقاندەك،قانلىرىم راۋان ئاقمايۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.مەن ئەشۇ نۇرانە سىما ۋە تۇتىيا روھىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا ئاز-تۇلا ئىزدىنىۋاتقان ئاددى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىسمەنلىكىنى دائىرە قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ تىل تەككۈزۈشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن.ئەمما بىز ئىشلەۋەتىمىز،ئىشلەۋاتىمىز،قىلغان ئىشىمىز ھىچ داۋاندىن ھالقاي دىمەيۋاتىدۇ.گەرچە شۇنچە تىرىشىپ خىزمەت قىلساقمۇ،ئۆزىمىزنى كۈچلەندۇرۇش، تۇختاۋسىز ئۈگىنىش،قابىلىيەت يىتىلدۇرۇش روھى،كەسىپكە ئۆزىنى بىغىشلاش روھى،ئادەم تەربىيەلەشتە ئۆزگىچە ئۇسۇلىمىز يەنى قابىلىيىتىمىز يىتەرلىك بولمىغاچقا نۇرغۇنلىغان ئىچنىشلىق ئەھۋااللارغا(ساۋاتسىز قالىدىغانلارنىڭ يىلدىن-يىلغا تەكرارلىنىپ ئازايماسلىقى)قول قۇيۇشتۇرۇپ تۇرىۋاتىمىز،قابىلىيىتىمىز تۇرۇپمۇ جارى قىلدۇرماسلىق گەرچە تۆۋەنلەردە ئاز ئۇچىرىسىمۇ ئەمما يەنە بىزگە نۇرغۇن تىراگىدىيەلەرنى (ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى قانغا بويايدىغان)سوۋغا قىلىپ ئۈلگىردى.ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مەكتەپتىن قېچىپ ئوقۇشىنى خالىماسلىقى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىۋاتىدۇ.داۋام مەسىلىسىگە ئەگىشىپ مەكتەپتىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك قانات يايالمايۋاتىدۇ.شۇنچە دەرس ئۆتىۋاتىمىز،ئەمما ئۆتىۋاتقان دەرسىمىزگە بىرلەشتۇرۇپ بىرىۋاتقان ئادىمىيىلىك تەربىيىمىز كەمچىل، جانسىز بولغاچقا بالىلارنىڭ ئىدىيىسدە قىلچە يىڭىلىنىش،تەۋرىنىش بولمايۋاتىدۇ. چۈنكى بىز دەرس ئۆتۈشتىن ئىبارەت «مۇقەددس»ۋەزىپىمىزنىلا ئادا قىلىپ دەرسىمىزگە بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىللىرىمىزغا ئادىمىيلىك تەربىيىسى،ياشاش،ھايات تەربىيىسى، ھىسيات تەربىيىسى بىرەلمەيۋاتمىز.ھىسيات تەربىيىسىدىن ئىبارەت بۇ«ئوقىمىز» قىلدىغان،يازىدىغان،خاتىرلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەددىن زىيادە جىق بولىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتكى مۇھىم دەپ قارالغان خىزمەتلەرگىلا كۈچەپ كەلگۈسىگە، ئەۋلادلارنىڭ كىيىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ دەل نىشانغا بىرىپ تىگەلمەيۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىللىرىمىز قىلىدىغان ئىشىنىڭ تولىلىقىدىن دەرس ئۆتۈش جەريانىدا دەرىسىكە بىرلەشتۈرۈپ بىرىدىغان ھىسيات،ئادىمىيىلىك تەربىيسىنىمۇ جايىدا بىرىشكە ئىرىنىپ قولىدىن كىلىدىغان ئىشنىمۇ ئارتۇقچە ئىش، ئۆزەمگە ئىش تاپقۇچە،دەرسىمنىلا ئۆتەي دەپ قارايدىغان بولدى.ھازىر بۇ يەردىكى كۆپ سانلىقىنى ئىگەللىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئازىراق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى تىڭشاپ بىقىشنى باشقىلاردىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىق دەپ ئويلاپ مەخسۇس كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۇپ ئورۇنلاشتۇرمىسا قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان بولدى.
مەن مەمتىلى ئەپەندى ياشىغان دەۋىرلەرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھازىرىقى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم.شۇ دەۋىردە گەرچە ئوقۇشقا قارشى چىقىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ،ۋەزىيەت مۇرەككەپ،شارائىت شۇنچە جاپالىق بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنچە ئۈستۈن،ئوقۇش روھى شۇنچە كۆتۈرەڭگۈ،ھەتتا جەڭ قىلىپ قان كېچىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىكەن،ھازىرقى شارائىتىمىزنىڭ تۇلىمۇ ئەۋزەللىكى ھەممەيلەنگە ئايان،ئەمما شۇمۇ روشەنلىشىپ كىتىۋاتىدۇكى،بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۈگىنىش قىزغىنىلىقى ئىلگىركىدىن كۆپ سۇسلاپ كەتتى.ھازىرىقى ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ شارائىتى،ئوقۇشىنى قوللايدىغان شۇنچە كۆپ پىداكارلىرى بولسىمۇ يەنىلا ئوقۇش ئىدىيىسى تۈۋەن،ئىرادىسى ئاجىز، ئاتا-ئانىلىرى چىڭ تۇتمىسا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىرىنىمۇ خىلى كۆپ تاپقىلى بولىدۇ.مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرى قاچان مۇئاش چىقار دەپ ئاغزىنى پاقىنىڭ ئاغزىدەك ئىچىپ تۇرغان ، ئىش ئورۇنلاشتۇرسا قىلىپ بولمىسا ھەر ۋاقىت بىكار يۈرسەكلا بىرەركىم ئىشقا بۇيرىمىسا ئەتىگەندە كىلىپ كەچتە كەتسەكلا دەپ ئارزۇ قىلىدىغان،قانچىلىك ئۈنۈم يارتىۋاتقانلىقى بىلەن ھىسابلاشماي قاچانلا قارىسا ۋايساپ،قاخشاپلا مۇناسىۋەتلىكلەردىن، رەھبەرلەردىن،ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا جانلىق دەرىس بوللايدۇ.مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ ئۆتۇشىنى لايىق دەپ قالدىم.
بىر سودىگەر تاغدىن ئۆتىدىغان چاغدا،بىر باندىت ئۇنى بۇلاپتۇ،سودىگەر دەرھال قىچىپتۇ،لىكىن باندىتمۇ توختىماي ئۇنى قوغلاپتۇ.ھىچ ئامال قالمىغاندا سودىگەر تاغ ئۆڭكۈرىگە كىرىۋاپتۇ،باندىتمۇ ئۇنى قوغلاپ ئۆڭكۈرىگە كىرىپتۇ. ئۆڭكۈردە سودىگەر باندىنتتىن قىچىپ قۇتۇللالماي تۇتۇلۇپ قاپتۇ.باندىت ئۇنى قاتتىق دۇمبالاپتۇ ۋە ئۇنىڭ يىنىدىكى بارلىق پۇل،نەرسە-كىرەكلىرىنى ۋە كىچىدە يۇرۇتىشقا ئىشلىتىدىغان بىر مەشئىلىنى بۇلىۋاپتۇ.ھەر ئىككەيلەن چىقىش ئىغىزنى ئىزدەپ مىڭىپتۇ.بۇ ئۆڭكۈر ھەم ئىچكىرى ھەم قاراڭغۇ ئىكەن،ئۆڭكۈر ئىچىدە يەنە كىچىك ئۆڭكۈرلەر بۇلۇپ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەچكە ئىككەيلەن ئۆزلىرىنى گويا بىر يەرئاستى ئىزىتقۇ ئوردىسغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىپتۇ.باندىت سودىگەردىن بۇلىۋالغان مەشئەلىنى ياندۇرۇپتۇ-دە،مەشئەلىنىڭ يۇرۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆڭكۈر ئىچىدە مىڭىۋىرىپتۇ،ئۇ ئاياغ ئاستىدىكى تاشلارنى ئېنىق كۆرەلىگەچكە پۇتى تاشلارغا ئۇرلۇپ كەتمەپتۇ ۋە پۇتلۇشۇپ كەتمەپتۇ.لىكىن ئۇياق-بۇياققا مىڭىپ باققان بولسىمۇ،ئۆڭكۇردىن چىقىپ كىتەلمەي ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆلۈپتۇ.سودىگەردە يۇرىتىدىغان مەشئەل بولمىغاچقا تىمسىقلاپ يۈرۈپ پات-پات تاشقا ئۇرۇلۇپ پۇت،يۈز-بۇيۇنلىرىنى ئىشىتىۋىلىپ ئىنتايىن جاپا چىكىپتۇ. ئەمما ئۇ قاراڭغۇلۇقتا قالغاچقا ئۆڭكۈر ئىغىزدىن كىرىپ تۇرغان ئازغىنە يۇرۇقلۇقنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن سىزىۋاپتۇ.ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆڭكۈردىن چىقىۋاپتۇ.يۇرىتىپ بىرىدىغان مەشئىلى يوق ئادەم ئاخىرىدا قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپتۇ. ئەمما يۇرىتىپ بىرىدىغان مەشئىلى بار ئادەم مەڭگۈللۇك قاراڭغۇلۇقتا قاپتۇ.بۇ ھىكايە بىزگە شۇنداق بىر ھەققىقەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى،دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشلەر قىيىنچىلىق ۋە قارڭغۇلۇقتن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەپ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت ئىشىكىنى ئاچىدۇ.بىراق يەنە بەزىلەر ئالىدىكى يۇرۇقلۇقتىن ۋە ئەۋزەل شارائىتتىن ئالغا بىسىش يۆلىنىشىنى يۇقىتىپ ئۆمۈر بۇيى مۇۋەپپەقىيەت ئىشىكىگە ئۇلىشالمايدۇ.مەن ھازىرقى ۋە كىينىكى ئەۋلادلىرىمىنىڭ مەشئىلى بار تۇرۇپ ھەتتا مەشئىلىنى ياندۇرۇپ بىرىدىغانلىرى، شۇنداقلا ئەشۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن چىقىرىپ قۇيۇشقا لەببەي كىشىلىرى تۇرۇقلۇق ھىلىقى باندىتقا ئوخشاش مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇقتا، مەھكۇملۇقتا قىلىشىدىن قورقىمەن.
قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلاپ كىتىۋاتقانلىقىدىن،ئوتتەك قىزغىنىلىقى بىلەن دەرىسلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدىغان ئىلگىركى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالمايۋاتقانلىقدىن زارلىنىشىدۇ،ئەمما ئۆزىنى،ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى،ئۆزىدىكى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مائارىپقا جان پىدالىيالايدىغان بۇرۇنىقى قىزغىنلىقىنىڭ ھازىر ئۆچۈپ قالاي دەۋاتقانلىقىنى دەڭسەپ كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىش-پائالىيىتى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگىسىنى بويلاپ ماڭىدۇ ئەمەسمۇ؟بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن،مائارىپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇئاش ئۈچۈن دىگەن شۇئار تىلىمىزدا ئوچۇق-ئاشكارا دىيىلمىگىنى بىلەن قەلبىمىزنى،پۇت-قۇلىمىزنى ئۈنسىز تىپىرلىتىۋاتىدۇ.ئاغزىمىزدا بارلىقىمىز مائارىپ ئۈچۈن دەپ جار سالغىنىمىز بىلەن ئەمەلىيىتىمىز بىزنى پۇلغا يەنى مۇئاشقا،ماددى مەنپەئەتكە بەكرەك مايىل قىلىپ كىتىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«مائارىپ مۇنداق ئىككى خىل قاراش ئۈستۈنلىكنى ئالغان چاغدا كىرزىسقا دۇچ كىلىدۇ»دىگەن ئىدى.ئۇنىڭ بىرى، يىراق كەلگۈسىدە مۇھىم ئىلىمي قىممەت يارىتىدىغان ئەمەس،بەلكى تىز ئارىدا تاۋار قىممىتى يارتىدىغان مائارىپ ئەۋجىرەپ كەتكەندە؛يەنە بىرى،مەنىۋي بايلىق يارتىشىنى ئاساس قىلماي،ماددى بايلىق يارىتىشىنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلىگەن چاغدا.دىمەك، بىزنىڭ مائارىپىمىز كىرزىسقا دۇچ كەلدى. چۈنكى قوشۇنىمىزدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى بىلەن كارى يوق،كۆز ئالدىدىكىنىلا ئويلاپ مۇھىمىنىڭ مۇھىمى ئۇنىتىلىۋاتقان،ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋي دۇنياسىنى بىيىتىش، تاكاممۇلاشتۇرۇش ئۆز جايىدا قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى كاپالاتلەندۇرش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغان،ئىش-پائالىيەتلىرىمىزدە، نىيەتلىرىمىزدە يارىتىدىغان، روياپقا چىقىرىدىغان مەنىۋي ئوزۇقتىن بەكرەك قوغلىشىدىغان،ئىنىتىلىدىغان ماددى ئوزۇق ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللەپ كەتتى.شۇنداق ئىكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلاپ كىتىشىنى تامامەن ئوقۇغۇچىلاردىن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ،چۈنكى بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇتقۇچىللىرىمىزدا ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىنىڭ سۇسلاپ كىتىشى،بالىلارنىڭ بېشىنى مىھرلىك سىلاپ ئۇلارغا ئىشەنچ،ئۈمىد بېغىشلايدىغان مىھىر مائارىپنىڭ سۇسلاپ،مۇز چىراي،توڭ قاپاقلىق بىلەن سىلكىشلەپ بالا تەربىيەلەيدىغان توڭلۇق مائارىپىنىڭ كۈچىيىشى،ئاتا–ئانىلارنىڭ تۈگىمەس ئالدىرشچىلىقلار باھانىسىدە پەرزەنت تەربىيسىگە تازا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى، بالىلارنىڭ ئائىلىدىن ئىلىشقا تىگىشلىك مىھرى-مۇھەببەتنى تالادىن ئىزدەپ يامان يولدىن قوبۇل قىلىۋىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ ئىنكار قىلالمايمىز.
ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ھەمسۆھبەتتە بولۇش مائارىپ ھاياتىمدىكى مىنى ئەڭ خۇشال ۋە رازى قىلىدىغان ئىش ئىدى.مەكتەپتە بۇنىڭدىن باشقا ئىش ماڭا ئانچە كۆڭۈللۈك بىلىنمەيتى.چۈنكى ئوقۇغۇچىلار بەك سەبىى ھەم تاتلىق سۆزلىك بولغاچقا كەيپىياتىم ناچار چاغلاردا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىساملا غەشلىك تۇمانلىرىم شۇ ھامان تارقاپ كىتەتتى.ھەمدە ئۇلار تۇرمىشىدا دۇچ كىلىپ جاۋاپ تاپالمىغان سۇئاللىرى ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش يولىدىكى قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم قىلىشقا تەييار تۇراتتىم.بىراق خىزمىتىم يىزىدىن شەھەرگە ئالماشقاندىن كىيىن ھىس قىلدىمكى،ئەتىراپىمدىكى كەسىپداشلىرىمىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ كەڭرىپ كىتىشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسى يوق بولسىلا ئۆيىگە توغرىلاقلىق توكسىكىلىتىنى غىررىدە ھەيدەپ كىتىدىغان،پەقەت دەرسخانىدىلا ئوقۇغۇچىلار بىلەن غىل-پال يۈز كۆرىشىدىغان،ئۆزى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسدا «تۇسۇق تام»شەكىللەندۇرىۋالىدىغان مىھىرسىز ھەركەتلەرگە ماسلىشالماي ئۆزەمنىڭ جىددى تۇرمۇش رىتىمىدا دەرىس ئۆتۇش بىلەنلا،كۆز ئالدىدىكى خىزمەتنى مۇھىم دەپ  خۇددى مىڭسىگە بىر خىل سىستىمىنى قاچىلاپ قويسا تۇختىماي شۇ بىرلا ئىشىنى قىلىۋىرىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش دەپتەرگە خەت يىزىپلا ئۆتىۋىرىشتىن زىرىكىتىم.چۈنكى قول-پۇتۇم بىكار بولماي،ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىشخانامدا ئازادە پىكىرلىشىپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتقانلىقىمدىن،ئۇلارنىڭ قەلىب ئاۋازىنى تىڭشاپ تۇرالمىغىنمىدىن،ئەڭ مۇھىمى مىنىڭ نەزىرىمدىكى،مەن كۈتكەن مائارىپنىڭ ئەمەلىيتىمدە كۆرۈلمەي شەكىلدە،دەپتەر ۋاراقلىرىدا كۆرىلىۋاتقانلىقىدىن، سەبئى بوغۇنلارنىڭ«بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قانداق بولۇپ كىتەر»دىگەندەك تالاي تەشۋىشلىك سۇئاللار مۆلدۇرلەپ تۆكۈلۇپ تۇرغان كۆزلىرىگە جاۋاپسىز بىقىشلاردىن ئىچىم سىيرىلدى.ئوقۇغۇچىلار بىلەن باراۋەر ھالدا ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتىمىنىڭ ئازلاپ كىتىشى ھەمدە ئەتىراپىمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۇسلاۋاتقان مائارىپ قىزغىنلىقى مېنى بىزارلىق كوچىسىغا قىستاۋەردى.شۇڭلاچقىمىكىن بەزىدە ئۆزەمچىلا خۇددى تۇتقاقلىق كىسىلى بار ئادەمدەك ئەتىراپىمدىكلەرگە ئاچچىقلىنىپ كىتىدىغان، خىزمەتتىن ئازادىلىك ئەمەس ھارغىنلىق، بېسىم ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم...
ئەسلى بىز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئۆز قىرىنداشلىرى ئۈچۈن، مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىللايدىغان،جېنى كەتسىمۇ ئۆزى تاللىغان توغرا يولدا مىڭىشتەك روھىنى چىرىتمەي ساقلىغۇچىلار،كۆتۈرگەن مەرىپەت مەشئەلنى خۇددى ئولىمپىك مەشئىلىدەك قوللاردىن قوللارغا،يىللاردىن يىللارغا،ئەجداتتىن ئەۋلادتغىچە تىخىمۇ يالقۇنلىتىپ يەتكۈزگۈچىلەر ئىدۇق.ئەمما قولىمىزدىكى«مەشئەل»ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتىدىن باشقىسىنى يورىتىشقا يەتمەيۋاتىدۇ.قولىمىزدىكى مەشئەلنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالمىغىنى بىلەن كۈچلۈك ھارارەتتە كۆيەلمەيۋاتىدۇ،نۇرىنى يىراقلارغا تارىتىپ چاچالمايۋاتىدۇ.ئەسلى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇستاز روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەشۇ ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ رۇھىنى ئۆزىمىزگە ئەڭگۈشتەر قىلساق ئۇلارنىڭ سىماسى ۋە روھى تىخىمۇ نۇرلىناتتى.ئەپسۇس، بىزدىكى ئۇ روھ ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتىنى نۇرلاندۇرۇشقا ئاران يىتىۋاتىدۇ.مۇئاشىمىزدىكى رەقەملەر ماڭدامدا ھەركەتلىنىپ تۇرىۋاتقان بىلەن، ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىكى ئىدىيەدە،تەپەككۇردا مىدىرلاش بولمايۋاتىدۇ.دىمەك، يۇقىرىدا چىڭقىلىپ دىيىلگەن بارلىق سۇئال بەلگىللىرىگە يەنىلا مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ بىز ئۈچۈن تۇتىيا روھى جاۋاپ تېپىپ بىرەلەيدۇ.چۈنكى مەمتىلى ئەپەندىدە شۇنچە جاپالىق شارائىتتىمۇ تاۋلىنىپ يىتىلگەن پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش،ئۆز ئىرادىسىدىن يانماي مىللەتنى،ۋەتەننى پارلاق ئەتىگە باشلاپ مىڭىشتەك بۇ خىل ئېسىل روھ بىزنىڭ شۇنچە ئەۋزەل مۇھىتىمىزدا يىتىلىپ نۇرلانماقتا يوق، روھىيىتىمىزدىكى تەشكىللەش روھى،باشقىلار، بولۇپمۇ ئەتىراپىمىزدىكى قانداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئازغىنە قۇربان قىلىش رۇھى خۇددى يۇد كەمدەك بىزدە كۈنسايىن كەملەپ كەتتى.بۇ كەملىك مائارىپىمىزدا ئانچە-مۇنچە نورمالسىزلىقلارنىڭ زاھىرلىنىشىغا سەۋەبكار بولىۋاتقىنى خىلى بولۇپ قالدى.
مەسئۇلىيەت ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ جىنى.چۈنكى زىمىمىزگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت تىيانشان تىغىدىنىمۇ ئۇلۇغ ۋە ئىغىر.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ھازىرقى مەسئۇلىيىتىمىز قانۇنلۇق تەشكىلىي مەسئۇليىەت،بۇ مەمتىلى ئەپەندىدىكى خالىسانە مەسئۇلىيەتكە ئوخشىمايدۇ.ئەگەر ھازىر قىسىمەن جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مەمتىلى ئەپەندىدەك مەسئۇليىتنى خالىسانە ئادا قىلىش ئورۇنلاشتۇرىلسا ئۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتنى تەسۋىرلەپ بولغۇسىز پاجىيئەلەرگە مۇپتىلا بولىمىز.قارايدىغان بولساق مەكتەپلەردە قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاغزىدىن پات-پات«بۇ بالىلارغا مىڭ كۈچىسەكمۇ بىكار،بۇ بالىلار بىر نەرسە بىلمەيدۇ،بۇلارغا بىر نىمە دەپ بەرگەننىڭ پايدىسى يوق»دىگەندەك ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.دىمەك،تۈجۈپىلەش روھى چۆپچىل بۇ خىل تىپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۇجۇدىدىن«بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دىگەن كەسىپ ئىستىلىنى،مەسئۇلىيەت ئىڭىنى قىزىپ ئالمىقىمىز ئاچكۆزلىكىدىن سۆڭەكنى جىق يەۋەلغان ئىتنىڭ چىچمىقىدىنىمۇ تەس.چۈنكى ئەپسۇسلىنىپ ئىيتساق بىزنىڭ بۇ يەرلەردە بالىلارغا كۆڭۈل بولمەسلىك ئاللبۇرۇن مەكتەپلىشىپ بولدى، ئاكتىپىلار پاسسىپلارنى دوراپ،يىڭى خىزمەتكە چىققانلار كونىلارنىڭ پەقەت يىل تارىخىلا بار،ئىجاتچانلىقى يوق قىلىپلىشىپ قالغان سەنىمىگە دەسسەپ، ئۇلار قانداق ئىشلىسە خىزمەت دىگەن مۇشۇنداق ئىشلەيدىغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ قىلچە يىڭىلىق تەرەپتارى بولماي شۇلارغا ماسلىشىپ ئىشلەپ كەتتى.مەن بۇنىڭ رايۇنلىشىپ كىتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيمەن.يەنە چۈنكى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ جىنى بولغان مەسئۇلىيەت،ئىجادچانلىق ئىڭى مەنپەت ئىڭىغا ئورنىنى پۈتۈنلەي ئۆتۈنىۋىتىشكە تاس-تاماس قىلىۋاتىدۇ.«ئىنساننىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى نادانلىقىتىن تۇغۇلىدۇ.» راسىت دىمەكلىك،ھىلىھەممۇ ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز،ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش قىزغىنىلىقىنىڭ تۆۋەن بولىشى، ئوقۇتقۇچىلاردىكى تەۋپىق روھىنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىن ئاستا-ئاستا سارقىپ كىتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتقان نادانلىقىمىز كۈلپەتلىك تەقدىرىمىزنىڭ قاباھەتلىك ئىسكەنجىسىدىن ئاجىراپ كىتەلمەيۋاتىدۇ.ئىلگىرى ئۆتكەن خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم مەرىپەتنى قوللاش رۇھى،شۇ دەۋىردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىنى قاپلىغان ۋەتەن، مىللەت، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش روھى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقنى نامايەن قىلىپ كەلگەن مەنىۋي تۈۋرۈك ۋە تۇتىيا ئىدى،بىز ئەشۇ مەنىۋي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ خىمىرتۇرىچىنى بولسىمۇ ساقلاپ داۋاملاشتۇرالمىغاچقا بۈگۈن دەل ئاشۇ مەنىۋي تۇتىياغا قايتىدىن تۇلىمۇ مۇھتاج بولىۋاتىمىز.مۇشۇنداق كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا بىز بۇ تارىخى تۇتىيانى ئىزدىشىمىز ۋە ئۇنى قايتىدىن تىپىۋىلىپ ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلىشىمىز تۇلىمۇ زۆرۈر.
بىز بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئۇلۇقلىرىمىزنى،رەھمەتلىكلىرىمىزنى پەقەت بىزدىن ئايرىلغاندىلا،ئايرىلىپ بولغاندىنكىيىن پەقەت ھىيىت-بايراملاردىلا،خاتىرە كۈنلەردىلا ئەسلىشىمىز،قەبرە بىشىغا بىرىپ يوقلايمىز.ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ دەملەردە بولسىمۇ بىز بارلىق مىراس ئىگىللىرى ئۇستازىمىز،ئۇلۇغ روھنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز مەمتىلى ئەپەندىنى چوڭقۇر ياد ئىتەيلى،قەبرىسىنى سەجىدە قىلىپ ئۇنىڭ تۇتىيا روھىدىن ئۆزىمىزگە مەدەت، ئىلھام تىلەپ،ئۇنىڭ تەۋەرۈك روھىنى ئۆز قەلبىمىزگە نۇسىقىلايلى.ۋۇجۇدىمىزدىكى سۇسلۇق،پاسسىپلىق،پاسىقلىقنى ئىسىرىقداپ قوغلاپ جىسمىمىزغا ئۇنىڭ تەۋەرۈك روھىنى كۆچىرىپ روھىىمزنى پاكلايلى،ئۆزىمىزگە تەۋپىق تىلەيلى!ئۇنىڭ ئەۋلادلار ئۈچۈن بارلىقىنى ئايىمىغان شاھانە رۇھىنى ھۇجۇدىمىزغا، مائارىپىمىزغا كومپاس قىلىپ ئورنىتايلى.ئۆزىمىزنى بىر مائارىپچى دەپ سانىساق شۇ نەرسە ئىسىمىزدە تۇرسۇنكى،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن بارلىقىنى تەقدىم قىلىش،ئۆز ئىرادىسىدىن يانماي ئۆز قانداشلىرىنى، ئانا يۇرتىنى پارلاق ئەتىگە باشلاپ مىڭىشتەك روھى بىزگە مەڭگۈ باشلامچى روھ ،مەڭگۈ ئۆلمەس ۋە مەڭگۈ ئۆرنەك روھ.بولۇپمۇ ھازىر بىزنىڭ بۇ خىل روھنى ئاداققىچە تەۋەرۈكلەپ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قىلىشىمىز تولىمۇ تەخىرسىزلىكتۇر.چۈنكى«تەۋپىق»نىڭ روھى بىزگە قىبلە روھ ،تۇتىيا روھدۇر.
 
(ئاپتۇر:يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(9)
81.8%
ناچاركەن
(2)
18.2%

«تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ