ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

«قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى

ۋاقىت : 2013-07-21 18:31 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
«قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى

جاڭ شۆخۇڭ

شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشنى 1936 ـ  يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا مائارىپ تارماقلىرى مىللىي ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەردە خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشنى قارار قىلغان؛ 1984 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مىللىي تىل – يېزىقتىكى مەكتەپلەردە باشلانغۇچ مەكتەپ 3 – يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشنى بەلگىلەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە مىللىيچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلنى بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1992 – يىلى ئاپتونوم رايون مىللىيچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تىلنى بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بويىچە  نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئون مەكتەپنى بېكىتىپ، «قوش تىل» تەجرىبە سىنىپىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا «قوش تىل» مائارىپىنىڭ سىگنالىنى ياڭراتتى.

2004 – يىلىنى ئاپتونوم رايونىمىز «قوش تىل» مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ، شۇ يىلى ئاپتونوم رايون «قوش تىل» مائارىپىنى يەسلى مائارىپىدىن ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىن تۇتۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2005 - يىلى ئاپتونوم رايون يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «قوش تىل» سىنىپى 2004 – يىلىدىكى 946 دىن كۆپىيىپ، 3406 گە، ئوقۇغۇچىلار 35 مىڭ 800 دىن كۆپىيىپ، 114 مىڭ 800 گە، «قوش تىل» يەسلىسىدىكى بالىلار 30 مىڭ 300 گە يەتتى.

«قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 2006 – يىلى ئاپرېلدا ئاپتونوم رايونلۇق «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ۋە ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىككى يىللىق ھەقسىز «قوش تىل» يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلۇپ، «قوش تىل» مائارىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەسلى مائارىپىغا يۆتكەلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنىڭ دائىرىسى يەتتە ۋىلايەت (ئوبلاست) تىن مورى ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، ئارىشاڭ ناھىيەسى، تۇرپان شەھىرى، توقسۇن ناھىيەسى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ۋە باركۆل ناھىيەسىگە كېڭەيدى.

2008 – يىلى ئاپتونوم رايون «قوش تىل» مائارىپىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى «قوش تىل» مائارىپى يىرىك پىلانى ھېسابلىنىدۇ. 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون «ئاز سانلىق مىللەتلەر يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ‹قوش تىل› مائارىپى تەرەققىيات پىلانى (2010 ~ 2020 - يىلى)» نى يولغا قويۇپ، «قوش تىل» مائارىپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ئومۇمىي نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«قوش تىل» مائارىپىنى يولغا قويۇشقا 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىلدى

دۆلەت 2008 – يىلى «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر‹قوش تىل› يەسلىسى قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويغاندىن بۇيان، «قوش تىل» يەسلىلىرى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى توختىماي پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان گۈلدەك تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا توختىماي پورەكلەپ ئېچىلدى.

بۇ قۇرۇلۇشقا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، بۇ مەبلەغ 2237 «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسى تاماملاندى، بۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە ۋىلايەت (ئوبلاست) ۋە توققۇز ناھىيە (شەھەر) مەنپەئەتلەندى. بۇ يىل «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەسلى مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، ئۈرۈمچى – سانجى رايونىدا «قوش تىل» يەسلىسىدىن 120 نى سېلىش قوللاشقا ئېرىشىپ، «قوش تىل» يەسلىسى مائارىپى تەرەققىيات كاپالەت مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

2004 – يىلىدىن باشلاپ «قوش تىل» مائارىپى زور كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، «قوش تىل» يەسلىسى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر «قوش تىل» مائارىپى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى.

ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «قوش تىل» يەسلىسى 3474 كە يەتتى، بۇنىڭ 2263 ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى يىللىق ھەقسىز «قوش تىل» يەسلى مائارىپى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى 426 مىڭ 100 گە يېتىپ، 2009 – يىلىدىكىدىن 162 مىڭ 100 ئادەم كۆپەيدى، ئومۇملىشىش نىسبىتى %92.03 كە يەتتى.

بۇلتۇر ئاۋغۇستتا ئاپتونوم رايون 53 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى بىر باسقۇچلۇق «قوش تىل» مائارىپى دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۈزۈش خىزمىتىنى يولغا قويدى. بۇ يىل سېنتەبىردە 1 – يىللىق ۋە 7 – يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار يېڭى «قوش تىل» دەرسلىكىنى ئىشلىتىدۇ.

«قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى

2003 – يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايون «دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمىتىنى قوللاش لايىھەسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق  مىللەت ‹قوش تىل› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويدى، ئەينى ۋاقىتتىكى نىشان سەككىز يىلدا 40 ياشتىن تۆۋەن 450 مىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر يىللىق تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئىدى.

دۆلەتنىڭ لايىھەسى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىدىن 6000 نى تەربىيەلەپ بېرىش ئىدى، شۇ يىلى ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىسىدىن 200 ى نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ تەربىيەلەندى. بېيجىڭ تىل ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەر دۆلەت لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا زور بىر تۈركۈم «قوش تىل» تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2007 – يىلى ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىككى يىللىق تەربىيەلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1100 ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويدى.

«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹قوش تىل› يەسلىسى قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۆت يىلدا «قوش تىل» يەسلىسى ئوقۇتقۇچىسىدىن 8153 ى ھەقسىز، نىشانلىق تەربىيەلەندى.

ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى ئاشتى، ساپاسى ئۆستى، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە يەسلى ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 2009 – يىلىدىكى 39 مىڭ 600 دىن كۆپىيىپ، 76 مىڭ 300 گە يەتتى.

بۇلتۇر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلدى، 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىدىن يەنە 165 مىڭ 500 نى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى پىلانلىدى.

ئانا تىل ئوقۇتۇشى مىللىيچە ۋە خەنزۇچە ئىككى تىلنى بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى

«قوش تىل» مائارىپىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىز «قوش تىل» لىق مەكتەپلەردە، «قوش تىل» سىنىپلىرىدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشكە ئىزچىل يېتەكچىلىك قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىل – يېزىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئاساسەن پىششىق ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى، شارائىتى بار ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندە بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشنى ھەمدە ئانا تىلنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشنى بېكىتتى.

2010 – يىلى كۈزدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، ئاپتونوم رايون ئىلى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە خەنزۇچە دەرس ئۆتۈلىدىغان مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە مىللىي تىل – يېزىق دەرسى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۇقتىدا سىناق قىلىنغان مەكتەپلەر شۇ يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، باشلانغۇچ 1 – يىللىقتىكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي تىل – يېزىق دەرسىنى زۆرۈر دەرسلىك قىلدى، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا يىللىقتىكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك قىلدى.

2011 – يىلى ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىل يېزىقى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە) بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى ئاچتى، يەنە تېخى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان «قوش تىل» يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا مىللىي تىل – يېزىقنى كۈچەيتىش كۇرسى ئاچتى، بۇ تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت ئانا تىل تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىلىم – پەن باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىپ، «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون ئانا تىل دەرسلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى يولغا قويدى.

تۈرلۈك «قوش تىل» مۇسابىقىلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە ئانا تىلى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا «قوش تىل» ئۆگىنىش ياخشى كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(3)
100%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ