ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
مەلىكە مۇھەممەت

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدە بەش مو كۆكتاتلىق ۋە گۈللۈك بار ئىكەن، بۇ يەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېرىشىغا ئاجرىتىلغانىكەن. كۆكتاتلارنى ئۆزلىرى تېرىپ پەرۋىش قىلىدىكەن. بۇ يەردىن ئېلىنغان قىسمەن كۆكتات مەكتەپ ئاشخانىسىغا بېرىلگەندىن باشقا، قالغانلىرى سېتىلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار يەر تېرىشقا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن، ئەمگەك دەرسىنى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئەمگەك مائارىپتا بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرت. مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىكلىرى ئۆلچىمىگە ئەمگەك مائارىپى مەزمۇنى كىرگۈزۈلگەن، ئەمگەك دەرسى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى زۆزۈر دەرسلىك بولۇپ، ئېلىمىزدە ئەمگەك دەرسىنى دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزگەن مەكتەپلەر نۇرغۇن. لېكىن، ئەمگەك مائارىپىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، تاراتقۇلار بۇ ئىشنى يېڭى خەۋەر ئورنىدا ئېلان قىلماقتا.
تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئەمگەك ئوقۇتۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئائىلىلەردە بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا كىيىملەرگە دەزمال سېلىش، كىيىم تىكىش، رېمونتچىلىق قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ. ئېلىمىزدە ساپا مائارىپى يولغا قويۇلغىلى خېلى يىللار بولدى. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە زىيارەتكە بارغانىدىم، بۇ مەكتەپ رېئال جەمئىيەتكە تەقلىد قىلىپ ئاشخانا، تاللا بازىرى، بانكا قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشىدە بۇ يەرلەردە ئىشلەيدىكەن. بۇ مەكتەپ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش، دوراش ئارقىلىق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ياخشى ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
مائارىپ سەۋىيەسى پەرقلىق بولسا، بالىلار مائارىپتا ئىلغارلىقنى ئىگىلىسە، يۇقىرى نومۇر بىلەن داڭلىق مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرسە، بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ، دېگەن ئىدىيە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانسا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر داڭلىق مەكتەپ قۇرۇشقا مەبلەغ ئاجرىتىدۇ، يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، بولمىسا ئۇلار ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان داڭلىق مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان مەلۇم مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسىگە ئولىمپىك ماتېماتىكا مەشىقىنى قوشماقچى بولغان، ئۇلار شەھەردىكى ‹‹ئەلاچى›› ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، داڭلىق مەكتەپكە ئايلانماقچى بولغان. لېكىن بۇ ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئىمتىھان مائارىپىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، قائىدىگە خىلاپ دەرستىن سىرتقى تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق شارائىتتا، كىممۇ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئويلىسۇن، دەرسلەرنىڭ بېسىمى قانداقمۇ ئازايسۇن؟
ئىگىلىشىمچە، ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ جاپالىق ئوقۇۋاتقىنىغا قاراپ ئىچ ئاغرىتىدۇ، شۇنداقلا ئەۋلادلارنىڭ ئىقتىدارسىز، بەدەن ساپاسىنىڭ ناچار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىدۇ، ئۇلار مەكتەپلەردىكى ئەمگەك مەشىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. لېكىن، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھان نومۇرى، دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىنى شەرت قىلىدۇ، قىسقىسى، پەرزەنتلىرىدىن يېڭىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بولمىسا ئۇنداق پائالىيەتلەرنى قوللىمايدۇ. دېمەك، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن پايدىلىق بولغان پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇشى ئىمتىھان نومۇرى، دەرىجە تەرتىپىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى›› غا تەگمەسلىك شەرت قىلىنىدۇ، بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. قىسمەن مەكتەپلەر يېڭىلىق يارىتىش، مائارىپنىڭ تۈپ مەنبەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، بەزى مەكتەپلەر ۋە ئارقىدا قالغان مەكتەپلەر ئارتۇقچە خىياللارنى قىلىشقا پېتىنالمىدى.
مائارىپ ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنى رازى قىلارلىق مائارىپ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمى ۋە ئوقۇش تارىخىغا بولغان بىر تەرەپلىمىلىكنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتتە ئەمگەكنى ۋە ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساپا مائارىپىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(تەھرىر : admin)
«ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىس
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»
- يېقىنقى ئۈچ يىلدا مائارىپتا يىغىلغان قا
- چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇ
- ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشت
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ ش
- مەملىكەت بويىچە بىر مىليون ئوقۇغۇچى ئال
- ئادالەت نامىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەت
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قاند
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» توغرى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ شەھەر
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
- ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارى
- تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى
- يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى
- «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى» داۋاملى
- ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشمىنى
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش ك