ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر

ۋاقىت : 2013-07-15 22:26 | مەنبەسى : قۇتادغۇبىلىك تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

   ئامېرىكا ئۇنېۋرسېتىت مۇدىرى:جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر


             تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن


(شنجاڭ ئۆز تۈرك شركىتى مۇئاۋىن باش دىرىكتورى،بىرلىك كارخانىيە سىتراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى)


يالى ئۇنېۋرسىتىتى مۇدىرى بىن شىمدىت (Benno C. Schmidt, Jr.) يالې ئۇنېۋرسىتىتى ئۇنېۋرسىتىت ئىلمې ژۇرنىلىدا ماقالە ئىلان قىلىپ جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىنى قاتتىق تەنقىت قىلدى،بۇ ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىدە جۇڭگو مائارىپى ھەققىدىكى كەسكىن تالاش-تارتىشنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.
يېقىندىن بىرى جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىنىڭ توختىماي كۆلەمنى زورايتىش قىلمىشى (كەڭ كۆلەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش،كەل كۆلەمدە مەكتەپ چوڭايتىش) غا قارىتا،ئۇ مۇنداق دىدى:جۇڭگو مائارىپىدىكلەر مۇنداق ھساپلايدۇ:جۇڭگو جەمئىيتىدە ئۇزۇپ چىققۇچىلار ئۈچۈن قويۇلغان بىردىنبىر تەلەپ: پەقەت ساننىڭ كۆپ بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. مەسلەن:دەرسلىك كۆپ،مۇئەللىم كۆپ،ئوقۇغۇچى كۆپ،مەكتەپ ياتاقلىرى كۆپ دىگەندەك.ئۇلارنىڭ ئالىملىرىنىڭ پېينسگە چىقىشنىڭ ئەھمىيتى –جان باقىدىغان مۇنبەردىن خوشلىشش بولۇپ،ناھايتى ئاز ساندىكى ئادەملەرلا ئۆز كەسپىگە قىزىزىقىدىكەن،تىخى بۇمۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە باغلىق ئىكەن.ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزىگە ھەقىقى تەئەللۇق بولغان كەسپى يوق ئىكەن.مەكتەپ مۇدىرىنىڭ پېيىنسگە چىقىشى بىلەن بىر ھوقۇقدارنىڭ پېينسگە چىقىشى تەلتۆكۇس ئوخشاش ئىكەن.ئۇلار پېيىنسگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بالا-چاقىلىرى ئۇچۇن بىر چىقىش يولى ئىزدەيدىكەن››ئۇ مۇنداق دىدى:‹‹يېڭى جۇڭگودا بىرەرمۇ مائارىپچى يوق.مىنگو دەۋرىدىكى مائارىپچىلار ناھايتى كۆپ ئىدى.››
جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ .ئالى مەكتەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ،جۇڭگونىڭ داڭلىق ئالى مەكتەپلىرىنى ‹‹دۇنيادىكى يۇز كۇچلۇك ئالى مەكتەپلەر››قاتارىغا قستاپ كىرگۇزۇشكە ئۇرۇنۇشىغا قارىتا ئۇ كىركاتنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دىدى:‹.ئۇلار ئۆز ئۆيىنىڭ ئېسلزادىسى ››ئۇلار ئېقتسادى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيتىنى مائارىپنىڭ مۇۋەپپەقىيتى دەپ قاراپ قالدى.ئۇلار تېخى بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ.بۇ ئنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۇلكىلىك ئش ››.
يېقىندىن بىرى جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسدا ئۇزلۇكسز زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۇز بەرمەكتە،بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دىدى:‹‹بۇ ئالى مائارىپنىڭ مەغلۇبىيتى،چۈنكى ‹‹ئالى مائارىپ ئادەمنىڭ خاراكتىېرىنى ئازات قىلىدۇ،ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى تەربىيلەيدۇ،ئۇ يەنە ئادەمنىڭ كوللىكتىپچانلىق روھىنى يۇقىرى كۆتۇرىدۇ.ئادەمنى باشقىلار بىلەن خۇشاللىق ئىچىدە ھەمكارلىشالايدىغان قىلىدۇ،شۇنداقلا باشقىلار بىلەن سەمىمى ۋە ئىچىلىپ يىيىلىپ پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان قىلىدۇ.بۇ خىل روھ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ئەمەلگە ئاشقان بولۇشى كىرەك،››.بىراق جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىدە ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن جەمىيەت ياشلىرى ئوخشاشلا ئاڭسز يوسۇندا يول قويۇشمايدۇ،بىر-بىرىنى نابۇت قىلىشىدۇ،ئۇلار زور كۆلەملىك ئاكادىمىك تەتقىقاتلارنى پىلان قىلىشىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەتقىقاتچىلارنى تۆمۇرچى ئورنىدا كۆرىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزىنى باغۋەن دەپ ماختىنىشىغا ھەيران قالماي تۇرالمايمىز.بىز ئسمى جسمىغا لايىق باغۋەننى ھۆرمەت قىلىمىز،بىراق مۇستەقىل ئىدىيە ۋە روھقا ئىگە بولمىغان ئوقۇتقۇچىنى نەزەرگە ئىلمايمىز ››.
جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىنىڭ كۇنسايىن ھوقۇق سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا نسبەتەن ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئەندىشسنى بىلدۇردى ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا :‹‹زىئۇس جەننەتتىن قوغلاندى،ھوقۇق ھەممىگە ھۆكۇمرانلىق قىلىدۇ. ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ پىلانلىق ئوقۇتۇلۇشىدا ھوقۇق تەپەككۇر ئۇچۇن بىر ئاپەتتۇر.بۇ ئاللىقاچان جۇڭگو ئالىملىرىنى مەنپەئەت ئۇچۇن ھاياسز بئەدەپلەرگە ئايلاندۇرۇپ بولغان،ئۇلار پەقەت ئىچكى دۇنياسىدىلا رەزىللىك بىلەن كۆرەش قىلىدۇ،ئۇلاردا جاھان ئشلىرىنى تەنقىت قىلىدىغان ئەخلاقى جاسارەت يوق.كۇڭزى،مېڭزىنىڭ يۇرتى نۇرغۇن غايسز بىلىملىكلەر بىلەن توشۇپ كەتتى.بۇ كىشنى بەكمۇ ئۇمۇتسزلەندۇرىدۇ.››ئۇ بۇنىڭ ئۇچۇن جۇڭگونى مەسخىرە قىلىپ:‹‹جۇڭگودا ئالى مەكتەپ مۇھىم نۇقتىسنى يوقىتىپ قويدى.نىشانىنى يوقاتتى،باشتىن-ئاخىر بىردەك بولغان ئەنئەنىسنى يوقاتتى،دەرسلىكلەرنىڭ قىممىتى يوقالدى،ئۇنۇمى تۆۋەن،ئسراپچىلىق ئىغىر.››ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:‹‹جۇڭگو مائارىپىدا نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىنى راستىنلا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز دەپ ئويلايدۇ،ئۇلار بىزنىڭ بەزى يىغىنلىرىمىزغا قاتنىشدۇ،بىز بۇنىڭغا ئەدەب يۇزسىدىن مۇئامىلە قىلىمىز،ئەمما ئۇلار ھۆرمەتكە لايىق ئەمەس.››
نۆۋەتتىكى ئېقتسادى كىرزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار قيىنچىلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئشقا ئورۇنلىششى قىين بولۇشقا سەۋەپ بولدى.بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دىدى:‹‹مائارىپ جەمىيەت ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى كىرەك دىگەننى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇش سۇپىتىم بىلەن ،شۇنداق دەيمەنكى،بىزنىڭ ئالى مەكتەپ،ئىنۇستۇتلاردىكى مائارىپ خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇن ئەمەس بەلكى تۇرمۇش ئۇچۇندۇر ››ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:‹‹ئالى مەكتەپ چوقۇم ‹‹ياشلارنىڭ مەدەنى ئنسانلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن بىلىم قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بىرىشى كىرەك،ئەكسچە مائارىپنىڭ جامائەت ئشلىرىغا پايدىلىقمۇ ياقمۇ،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كىلەمدۇ يوق،ئىجتىمائى قىممىتى بارمۇ يوق دىگەنگە جاۋاپ بىرىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.بولمىسا ئالى مائارىپ بىلىمگە بولغان ساداقەتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ ››.
جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىدىكى ئىلمى ماقالە كۆچۇرۇش،ئىلمى تەتقىقاتنىڭ ساختا بولۇش قاتارلىق ئىلمى چىرىكلىككە قارىتا،ئۇ مەسىلىنى باشقىچە كۆزىتىش نۇقتسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:‹‹تەجرىبىلەر بىزگ شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى،ئەگەر ھاكىمىيەت چىرىك بولسا،ئۇنداقتا ھۆكۈمەت تارماقلىرى،ئىجتىمائى ئاپپاراتلار ئوخشاشلا ئادەمنى چۆچۇتكۇدەك دەرىجىدە چىرىك بولىدۇ ››.ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:‹‹جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى زامان مائارىپچىلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ،بولۇپمۇ ئاشۇ داڭلىق پىراففىسورلارنى تىخىمۇ شۇنداق،››.ئۇ مۇنداق دىدى:‹‹جۇڭگونىڭ ئالى مەكتەپلىرىدە ھەقىقى ئىلمى تەتقىقات ئەركىنلىكى يوق،جۇڭگو ئالى مەكتەپلىرىنىڭ سىياسەتكە ماسلىشپ كېتىشى ،مەلۇم ئادەملەرنىڭ مەنپەئېىتىگە ئۇيغۇنلىشپ كېتىشى ئالى مائارىپنىڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە ھەقىقەت ئىزدەش روھىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ ،ئالى مائارىپ ئەركىن ئىدىيە تۇغىدىغان ۋە ئاخىرىدا ئەركىن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەڭ ناچار شۇنداقلا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك سورۇندۇر.شۇڭلاشقا ئالى مەكتەپ تارىخ روھىغا باي بولۇشى كىرەك،ئىلغار ئىدىيەلەرنى ھۆرمەت قىلشىى كىرەك،شۇنداقلا ئەقىل-پاراسەت ھەتتا ھەقىقەتنى بىر خىل جەريان ۋە بىر خىل مايىللىق دەپ تونۇشى كىرەككى،ھەر گىز مەخپى ئورگانلار ئۇچۇن خىزمەت قىلماسلىقى ،نۆۋەتتە يۇز بىرىۋاتقان قىين مەسللەردىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كىرەك››.ئۇ يەنە:‹‹جۇڭگونىڭ بىر قسىم خۇسۇسى مەكتەپلىرىنى ئادەم ھساۋىغا پايدا ئالىدىغان كارخانا دىيىشكە بولىدۇ.››-دىدى.

1- يالى ئۇنېۋرسىتىتى مۇدىرى بىن شىمدىت (Benno C. Schmidt, Jr.)ھەققىدە 
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E52
يالې ئۇنېۋرسىتىتى ھەققىدە:    http://www.zinch.cn/yale-univers

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ