ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟

ۋاقىت : 2011-10-12 12:50 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئىللىق قەلب | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟

 

ئوقوتقۇچى توغرىسىدا يېزىلغان فېليەتون

 

ئوقۇتقۇچى ساقچى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ سىنىپتا كۈنبۇيى خىلمۇ-خىل دېلولارنى پاش   قىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى رىياسەتچى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ ئوچۇق دەرسكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئويۇن ۋە رەڭۋازلىققا ماھىر بولۇپ كەتكەن.ئوقۇتقۇچى يەنە ئارتىسمۇ بولالايدۇ.چۈنكى ئۇ شامالغا قاراپ پوزىتىسىيەسىنى بىردەمدە نەچچە خىل قىلالايدۇ.بىردەمدە ناھايىتى مىھرىبان بولالايدۇ،بىردەمدە قارا بوران چىقىرىپ،چاقماق چاققۇزالايدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە تازىلىق ئىشچىسى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ كۈندە يەر تازىلاپ،دېرىزە سۈرتۈپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى يەنە ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ،كۈنبويى دوسكىغا خەت يازىدۇ،سىنىپنى بىزەشكە توغرا كېلىدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە يازغۇچى بولالايدۇ،چۈنكى كۈنبويى پىلان ۋە ماقالە يېزىپ تۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە بازارغا چىقىپ مال ساتقۇچى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ يۇقىرى ئاۋاز ۋە يۈزى قېلىنلىق مەشىقىنى كۆپ قىلغان.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
بىلىملىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئوقۇتقۇچى ۋەتەننىڭ گۈل-گىياھلىرىنى يىتىشتۈرىدىغان باغۋەن،بىلىمسىزلەرنىڭ نەزەرىدە،كۈنبويى ئارام ئېلىپلا يۈرىدىغان بىكارچى.دوختۇرلارنىڭ نەزەرىدە ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغان ئۆپكە راكىغا ناھايىتى ئاسان گىرىپتار بولغۇچى.سودىگەرلەرنىڭ نەزەرىدە،ئۇ بىر پىخسىق.ئانىلارنىڭ نەزەرىدە قىزى ئوقۇتقۇچى بولسا،ئاسانلا ياخشى لايىق تاپالايدۇ.بويتاق يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدە،بىر ئوقۇتقۇچىنى ئالسا،بىر بالا باققۇچى،بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى،بىر كاتىپ ئالغانغا باراۋەر.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
قانۇندا،ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئورۇنغا تەۋە،مائاشى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭكىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك دېيىلىدۇ.ئىقتىسادتا،ئوقۇتقۇچى «سېسىق توققۇزىنچى»دېيىلىدۇ.مۇقەددەسپەرەسلەرمۇنداقچە ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچىلىق دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت،سەمىمىيلىك بىلەن ئېيىتقاندا،ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ شاھى دەيدۇ.بىر ئائىلە باشلىقى،ئوقۇتقۇچى كۈنبويى پۇللا يىغقۇچى دەيدۇ،يەنە بىر ئائىلە باشلىقى،مېنىڭ بالام ئەقىللىق بولغاچقا،ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى دەيدۇ،يەنە بىر ئائىلە باشلىقى،ئوقۇتقۇچىسى ياخشى ئوقۇتالمىغاچقا،بالامنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچاردەيدۇ.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
تەجرىبە مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى ئىش تېرىغۇچى،ساپا مائارىپىدا،ئوقۇتقۇچى،كۆڭلىنى چۈشەندۈرگۈچى.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىرىدە، ئوقۇتقۇچى ئىختىيارى ھەرىكەت قىلالمايدىغان بىر بىچارە قۇرت.
كادىرلار تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈچ خىل ئۆلچەملىك مېڭىش يولىنى بىكىتىپ بەرگەن.

1.ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنۋان ۋە مەمۇرى دەرىجە ئارقىلىق قىلتاققا ئىلىندۈرۈش.مۇشۇنداق بولغاندا،دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ زىيالىلاردىن يۇقىرى مائاش ئېلىشىغا يول چىقىدۇ.يەنى «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ،قوڭغۇراق ئوغۇرلاش».
2.ئىش ئۈنۈمى مائاشىنى تارقىتىدىغان ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سۈرۈشتەك ئاغرىتماي جاننى ئالىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ئاخىرى دۆلەت مەمۇرلىرىدىن تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى قۇبۇل قىلىشقا قىستاش،يەنى «بىرگە زەربە بېرىپ،مىڭغا ئىبرەت قىلىش».
3.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈشىنى ئىجتىمائىي كاپالەتلە ئىتتىرىپ قويۇش(ئاللىبۇرۇن سىناق قىلىنىپ بولدى،توغرا چۈشىنىڭلار)كۆپچىلىكنى بۇ قاراقچى كېمىسىگە چىقىرىپ،تىنىچ-ئامان بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن،يەنە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشىنى ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان قىلىش،يەنى يۈكىنى يىنىكلىتىش.
ئوقۇتقۇچىلار ئاخىرى ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ،كۆڭۈلدىكىدەك ئادەم تەربىيىلىيەلمەيدۇ،ئوقۇغۇچىلار قايتا-قايتا يۇقىرىغا ئەرز قىلىدۇ.مائاشى يۇقىرى ئەمەس،يەنە تېخى باج تۆلەيدۇ.ئەتىگەندىن كەچكىچە كالىدەك ئىشلەۋېرىپ،ھېرىپ ،ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالماي،ئۈچ ۋاق تاماقنىمۇ ۋاقتىدا يېيەلمەيدۇ.ئىشتىن چۈشكەندىمۇيىغىن ئېچىلىپ دەم ئالالمايدۇ.تەكشۈرگۈچىلەرنى كۈتىۋېلىشتا چاتاق چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن،داۋاملىق ئۆگىنىشكە،چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەرنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنۋانى ئۆستۈرىلىدىغان چاغدا،پىنسىيەگە چىقىرىلىدۇ.
مانا بۇ ئوقۇتقۇچى
.

 

باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى:

 

مەزكۇر تىما ئۇچۇن 10 بەشتاش تەڭگىسى مۇكاپات بىرىلدى.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(25)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئىللىق قەلب تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-19 10:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-10-13 11:10
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ