ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟

ۋاقىت : 2013-07-10 01:08 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟

   ئابدۇرېھىم مۇھەممەد ئىمىن

ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟

    ھەر يىلقى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەكتەپلەر قائىدە بويىچە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىدۇ. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئاتالمىش ‹‹ياخشى›› ئورنى ئۈچۈن مۇناسىۋەتكە تايىنىدۇ، تونۇش ئىزدەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بۇ ھەم سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش بولۇپ قالدى.

    ‹‹1995 – يىلىدىن ھازىرغىچە سىنىپ مەسئۇلى بولۇش جەريانىدا ھەر يىلى دېگۈدەك مۇشۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىمەن.›› دېدى XX ئوقۇتقۇچى. ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ ھېسسىياتىنى مەن ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمەن، لېكىن ھەممە ئاتا – ئانىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئىنتايىن تەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك››.

    ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، ئېلىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەكتەپلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىكەن. ئاتا – ئانىلارنىڭ ياخشى ئورۇنلارغا بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلىرى بالىلىرىنىڭ بىرىنچى رەتتە ئولتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، بەزىلىرى بالىلىرىنىڭ دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلار بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئالغا باسالايدۇ.

    يېقىندا، مەن مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە زىيارەتتە بولدۇم. نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ ئورۇن مەسىلىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ ئورنى دەرس ئاڭلاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا ناچار تەسىرلەرگە ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. يەنە نۇرغۇن ئاتا – ئانا: ‹‹نەتىجىسى ياخشى بالىلارنىڭ ئورۇنىنى نەتىجىگە قاراپ بېكىتىش كېرەك. نەتىجىسى ناچار بالىلار ياخشى ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالسا بولمايدۇ›› دېيىشتى. بەزىلىرى، نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ. دەرستە ياخشىلارنى ياخشىلار بىلەن، دەرستە ناچارلارنى ناچارلار بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزۇش كېرەك، دېيىشتى. بەزى ئاتا – ئانىلار تېخى ئوقۇغۇچىلارنى ئوغۇل – قىز بويىچە ئولتۇرغۇزۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ دەيدۇ... راستىنلا خەقنىڭ ئاغزىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ – ھە!

    مەكتەپ باشقۇرۇش ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ نازارەت قىلىشىغا موھتاج. ئائىلە باشلىقلىرىنى رازى قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق ساپا ھازىرلىشى، يەنە ئۇلاردا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان پاراسەت بولۇشى كېرەك.

    ‹‹ياخشى›› ئورۇن راستىنلا شۇنداق مۇھىممۇ؟ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ئەركىن مۇھىتتا ئۆسۈپ – يېتىلىشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋېلىشى بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    يىغىنچاقلىغاندا، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ئۇزاق مۇددەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، قەرەللىك ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئېچىش، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىنى دەل ۋاقتىدا مەكتەپ بىلەن پىكىرلىشىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان مەكتەپ، ئائىلە مۇناسىۋىتى قۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى تەس تېمىلارنى ھەل قىلىش كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ