ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تولىمۇ زۆرۈر

ۋاقىت : 2013-06-05 17:29 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاپتونوم رايونىمىزدا زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تولىمۇ زۆرۈر

 مېھرىگۈل تۇردى

   ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، كەسپىي مائارىپ ئۇزاقتىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ يىل 3 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىتنىڭ باشچىلىقىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى››نىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلۇش، ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنىدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن سىرت، قەشقەر، قۇمۇل، تارباغاتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە بېرىپ، توققۇز ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم، بەش كەسىپ – تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى، ئىككى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بەزى كارخانىلاردا ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولدى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپىدا نەتىجىمۇ، جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ تەڭ مەۋجۇت ئىكەن.

   نەتىجە: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى

   مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، دۆلەت ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى››نى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىغا ئاساسەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش يولىدا مېڭىپ، كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

   قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مائارىپى بىلەن ئالىي كەسپىي مائارىپ كۆلەم، قاتلام، قۇرۇلما جەھەتتىن مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان. 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي – تېخنىكا مەكتەپلىرى 190گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مائارىپ كەسپىي – تېخنىكا مەكتىپىدىن 18ى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي – تېخنىكا مەكتىپىدىن 172 سى بار بولۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، كەسىپ بىلەن كارخانىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاكتىپ قاتناشقان كۆپ قاتلاملىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەنگەن ۋە ھەر ساھە، ھەر قايسى رايونلارنى قاپلىغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ۋە كەسپىي مائارىپ كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنغان. تەسىس قىلىنغان كەسىپ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن، ئالىي كەسپىي مائارىپ كەسىپ تۈرى 295كە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ كەسىپ تۈرى 196گە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 58 كەسپىي – تېخنىكا مەكتىپى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان.

   مەسىلە: كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات تەلىپىدىن خېلىلا يىراق

   قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىدا نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىرقانچە مەسىلە ساقلانغان: بىرىنچىدىن، كەسپىي مائارىپنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى تۆۋەن، بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش تەدبىرى ئاجىز بولۇپ، ھەقىقىي سەۋىيەلىك قابىللارنى تەربىيەلەپ چىقالايدىغان كەسپىي مەكتەپلەر كۆپ ئەمەسكەن. ئىككىنچىدىن، كەسپىي مائارىپقا سېلىنىدىغان مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەسكەن. گەرچە يېقىنقى مەزگىللەردە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون كەسپىي مائارىپقا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىلگىرى قېپقالغان قەرز كۆپ بولۇش سەۋەبلىك كەسپىي مائارىپقا كېتىدىغان راسخوت يېتىشمەيدىكەن. بۇ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەن. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، تۈزۈلمە مۇۋاپىق بولماسلىق ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. تۆتىنچىدىن، مەكتەپ بىلەن كارخانىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەسكەن.

   قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىتنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ، ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، كەسپىي مائارىپ خىزمىتى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ قالغان، كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق چوڭ ئىكەن.

   قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا كەسپىي مائارىپ قانۇنىنى يەنىمۇ ئەستايىدىل يولغا قويۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، كەسپىي مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرى بىلەن كارخانىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ