«جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك
«جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك
«ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىلدە ئىشلەيدىغان 100 ئىش» نى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە چاپلىما يېقىندا مىكروبىلوگلاردا تارقالدى. خەنزۇچە، ئېنگلىزچە قوش تىلدا چىقىرىلغان 100 تاللانغان تۈر، «ئۇخلاش كىيىمى بىلەن كەشكى كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، دالىغا بېرىش، يىراققا سەپەر قىلىش، بازىلاردا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش، ساياھاتكە چىقىش، باشقىلارنى زىيارەت قىلىش، كۇتۇپخانىلارغا بېرىش، بولكا قاقلاش، خۇشخۇيلۇق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى ئىشلەش، شېئىر يېزىش، سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش...» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 100 - تۈر بولسا: كۆڭۈللۈك ئويناش!
بۇ چاپلىمىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن، قەيەردىن كەلگەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ۋاسىتىلەرنىڭ تارقىتىشى ۋە باھا بېرىشىگە ئېرىشتى. تورداشلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇپ بېقىپ، ئاغرىنىش ھېسسىياتلىرىنى قوزغىدى، ئۆزلىرىگە چاپلىمىدىكى بىر جۈملە سۆزگە ئوخشاش: «بىزنىڭ بالىلىرىمىز نېمە بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ!» دېگەن سوئالنى قويۇشتى.
ئەمەلىيەتتە بۇ سوئالنى قويغان تورداشنىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى ئېنىقكى، بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان بالىلىرىمىز دەل «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ.
يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرگىزمۇ ئېغىر دەرسلەرنىڭ توختىشى بىلەن ئازادىلىككە ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشىپ، ئۇنى بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدىغان يېڭى دەرسخانىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ «ئۈچىنچى ئوقۇش مەۋسۈمى» نى ئېچىشىغا سەرپ قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. يازلىق تەتىل كۆپلىگەن ئائىلە باشلىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرگىزمۇ بالىلىرىنى تارقاق ھالدىكى بىر مەزگىللىك ئىختىيارىي مەزگىلنى ئۆتكۈزۈشىگە قويۇپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كېلەر مەۋسۈمگە تولۇق بىلىم تەييارلاش، ياكى بالىلىرىغا بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرى تولۇقلاش سىنىپلىرى، ئۆگىنىش سىنىپلىرى، قىزىقارلىق كۇرسلارنىڭ «ئالتۇن مەزگىلى» نى كۈتۈۋالىدۇ . ئۇلار يازلىق تەتىل مەۋسۈمىنىڭ «يېغىلىش سىگنالى» نى ياڭرىتىپ، ھاياتلىق مەنبەسىنى تالىشىش جېڭىگە ئاتلىنىدۇ.
بۇ ئائىلە باشلىقلىرى مۇقەررەر ھالدا شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، يازلىق تەتىلدە «ئىسمېنا - نۇقتىلاردا ئىشلەش»، «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» يولىغا مېڭىشقا مۇناسىۋەتلىك كەسكىن مۇسابىقە، شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشتا نەتىجە قازىنىش - قازىنالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان جەڭ.
كۆپلىگەن بالىلار بۇ دەرسخانىلاردا ئۆگىنىشنىڭ قىزىقارلىقىنى ياكى ئىجادچانلىقنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى قوزغىتىشنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىش، تېخىمۇ كۆپ ئۆلچەملىك جاۋابلارنى تېپىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەش، تېخىمۇ كۆپ مەشىقلەرنى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ مۇھىم نۇقتىلارنى ئېسىدە چىڭ ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مۇشۇنداق يازلىق تەتىل بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن چارچاتسا، ئائىلە باشلىقلىرىنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىمۇ مائارىپنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىكى قىيىن مۇھىتقا چۈشۈرۈپ قويۇپ، مائارىپنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلدۇرىدۇ.
بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا مۇنداق ئورتاق تۇنۇشنى ھاسىل قىلدى، قاتمال ھەم پايدا - مەنپەئەت قوغلىشىدىغان مائارىپ شەكلى بالىلارنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش، ھەقىقىي رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا پايدىسىز، ھالبۇكى «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىنى ئالساق، مۇشۇنداق ئىشلەشنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇلار ئەكسىچە مۇشۇنداق قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلمىسا بولمايدۇ، –دەپ قارايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاشۇنداق قىلمايدۇ ، ئۇلار شەكلىنى ئۆزگەرتىپ يولغا قويسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلار چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھەتتا نارازىلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەربىر ئادەم ئەندىشە قىلىشى، ئاغرىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھەربىرسى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە بەس - بەستە كىرىشىدۇ.
كۆپچىلىككە ئەگىشىپ مېڭىش كىشىلەرگە ئاسانلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئېقىمغا ئەگىشىشنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئاز بولىدۇ، بىر خىل مېخانىزمغا ئادەتلىنىش دەرۋەقە ئەڭ تېجەشلىك ئىش كۆرۈش ھېسابلىنىدۇ.
مېنىڭ ئەتراپىمدا مۇنداق دوستلارمۇ بار، ئۇلار بىر تەرەپتىن، بۇ خىل مائارىپنىڭ ئىللەتلىرىنى يا تەنقىد قىلمايدۇ، يا ئۇششاق - چۈششەك ئىش دەپ قارىمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلاجىسىز ھالدا بالىلىرىنى ھەرخىل تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئاپىرىش ئۈستىدىن ئىزدىنىدۇ. چۈنكى «باشقىلارمۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ».
كۆپچىلىككە ئەگەشمەسلىك، مېخانىزملارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن، يالغۇز زور نىيەت بولۇپلا قالماستىن، مۇستەقىل ھەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان ئاڭ بولۇشى، شۇنداقلا «باشقا» بىر خىلنى تاللاپ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالايدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» نىڭ قىيىن مۇھىتى يالغۇزلا جۇڭگو مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىتى بولماستىن، مەلۇم دەرىجىدە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭمۇ مۇھىتى: يەنى ھەممە ئادەم تەنقىد قىلغۇچى بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دائىم دېگۈدەك بىرلەشكۈچى ھېسابلىنىدۇ.
(تەھرىر : admin)
« «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجرىبىخانىلىرى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىس
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»
- يېقىنقى ئۈچ يىلدا مائارىپتا يىغىلغان قا
- چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇ
- ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشت
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ ش
- مەملىكەت بويىچە بىر مىليون ئوقۇغۇچى ئال
- ئادالەت نامىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەت
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قاند
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» توغرى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ شەھەر
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
- ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارى
- تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى
- يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى
- «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى» داۋاملى
- ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشمىنى
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش ك