ۋاقىت : 2013-04-24 14:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مائارىپى ۋە دەرس ئىسلاھاتىغا نەزەر
ياسىن مۇھەممەت
تارىخ چاقى 21-ئەسىرگە قەدەم قويۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مىسىلسىز دەرىجىدە تەرەقىيات ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى . جۈملىدىن تارىختا «غەربى يۇرت» دەپ ئاتالغان،يىپەك يولىنىڭ بوغۇزى ،تۆت قەدىمى مەدىنيەتنىڭ «تۈگمىنى» بولغان شىنجاڭ رايۇنىدىمۇ ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە كۆرىنەرلىك نەتىنجىلەر بار-لىققا كەلدى.بۇنەتىجىلەرنى مائارىپسىز تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.چۈنكى مائارىپ، پەن-تىخنىكا جەمئىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى، مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت قۇدىرەت تاپىدۇ ،مائارىپ زاۋاللىققا يۈزلەنسە دۆلەت ۋە مىللەت خار،زەبۇن بولىدۇ. بۇ تارىختا نۇرغۇن قىتىم ئىسپاتلانغان پاكىت. دۆلىتىمىز قۇرۇلغان يېرىم ئەسىر مابەينىدە مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان تەجىربە- ساۋاق، ئۇسۇللارغا ئىگە بولدۇق. ئەمما ئۆز تارىخى شارائىتىدا ئۆرنەك بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىرىنسىپلىرى بىزنىڭ ئىككى ياشتا كىيگەن كىيىملىرىمىز 20ياشتا پاتمىغاندەك، رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان يېڭى ئەسىرگە ماس كەلمىدى.«بۆرە بىلەن قوزىچاق» دىگەن مەسەلدىكى ۋەقەلىك رىئال تۇرمۇشىمىزدا سادىربولۇشقاباشلىدى.ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى قايتا ئويلىنىشقا جۈرئەت قىلغان ، قايتا ئويلىنشقا ماھىر بولغان مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئاڭلىقلىقى يۇقىرى بولىدۇ، بۇ مىللەت يېڭىلىق يارتىشقا غەيرەت ۋە پۇرسەت تاپالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەشەرت–شارائىت يارىتالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇ مىللەت ئاسانلا ئۆزىگە–ئۆزى مەپتۇن بولۇپ باشقا مىللەتلەردىن كېيىن قالىدۇ. دەرۋەقە بىز رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا ئۇزاق تىڭىرقاش،ئويلىنىش، تالاش-تارتىشلاردىن كىيىن، پىچاق سۆڭەككە يەتكەندە ئاندىن نىمە قىلۋاتقانلىقمىزنى،نىمە قىلشىمىزكىرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق ۋە 8-قېتىملىق ئىسلاھات، دەرسلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويدۇق. بىز ئوقۇتقۇچىلار دەسلەپ «يېڭى دەرس»،«ئىسلاھات» دىگەن ئۇقۇم-لارغا غەلىتە،چۈشۈنىكسىز بىر تاشقى دۇنيا مەخلۇقىنى كۆرگەندەك ياكى ئاڭلىغاندەك تەرىزدە مۇئامىلە قىلدۇق. ئاخىرى كۆنگەن خۇيىمىز بويىچە بۇ رىئاللىقنى ئىتىراپ قىلدۇق،ئىتراپ قىلمايمۇ بولمايتتى. چۈىكى «كىسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە» بىز تىڭىرقاشتىن ئويلىنىشقا،ئىزدىنىشكە، تەھلىل-تەتقىق قىلىشقا ئىلمىي، مۇھاكىمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەربىيلەش كۇرۇسلىرىنى ئېچىپ، بۇ يىڭى شەيئىنى چۈشىنىشكە تىرىشتۇق. نەتىجىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىلگەن بىلگىننى دەر دىگەندەك سايراشقا باشلىدۇق. بەزىلىرىمىز نەزىريىۋى قائىدىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدۇق. بەزىلىرىمىز ئەنئەنىۋى مائارىپنى سۆكۈپ بىر پۇلغا ئالغۇسىز قىلۋەتتۇق. بەزىلىرىمىز بولسا تېخىچە تەڭقىسلىقتا تۇرماقتىمىز. مەن بىر ئوقۇتقۇچى، يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنى ئاساسى قاتلامدا ئىجىرا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچىمەن. بىرىنجى مەسىلە: ئەنئەنىۋى مائارىپقا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى. 11 -ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك مۇتەپپەككۇرى، جامائەت ئەربابى، شائىر، پەيلاسۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل،دىداكتىك داستانى «قۇتاتقۇبىلىك »تە:
«بىلىمنى بۈيۈك بىل،ئوقۇشنى ئۇلۇغ،
بۇئىككى يۈكسەلتۇر قۇلنىمۇ تولۇق.
ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بولۇر،
بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك تاپۇر».
دەپ يازىدۇ. كۆرۋىلىشقا بولدۇكى بۇندىن 10ئەسىر مۇقەدەم بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بىلىمگە، ئەقىلگە، ئوقۇشقا يىغىنچاقلىغاندا مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.ئۇلارنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى قاراشلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە . 20 -ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە خەلىقنىڭ نىداسى، دەۋىرنىڭ تەقەزاسى بىلەن مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ياراتتى. بىز مۇئەللىم، يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ، خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار چاچىمىز . تالاي يىللار زۇلۇمەتتە تىنەپ خار بولدۇق، ئىلىم-ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق. يورۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز ، ئىلىم بىلەن تىكلەنگەي ئىناۋىتىمىز...... مەمىتىلى ئەپەندى ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار «مەرىپەت مارشى » نى ياڭرىتىپ، داغدۇغلىق ئاقارتىش ھەركىتى ئىلىپ باردى . بۇ خەلقنىڭ رايىغا ياقتى ، چۈنكى ھازىرقى سۆزىمىز بويىچە ئېيىتساق بۇ بىر « ئەل رازى قۇرلۇشى » ئىدى . شۇڭا خەلق مەمىتىلى ئەپەندىدىن رازى ۋە خۇرسەن بولدى . يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بولۇپمۇ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن،پارتىيىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە مائارىپىمىزدا شانلىق نەتىنجىلەر قولغا كەلدى.ئەجىبا، مۇشۇلاردا ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ تۆھپىسى يوق دەپ قارىساق تۇزكور-لۇق بولماسمۇ؟! « تۆگە بىلەن ئۆچكە » دىگەن مەسەلنى ھەممەيلەن بىلىمىز.بۇ مەسەلنى تەھلىل قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا «ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىكنى تەڭ كۆرۈش كېرەك » دەپ چۈشەندۈرمىز. ئوقۇغۇچلارغا شۇنداق چۈشەندۈرمىزيو ئۆزىمىز نىمىشقا شۇنداق قىلمايمىز؟! شۇڭا بىز شەيئىلەرگە باھا بېرىشتە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نوقتى-نەزىرى بىلەن قارىشىمىز لازىم . چۈنكى ھەر بىر شەيئى مۇتلەقلىق بىلەن نىسپىلىكنىڭ دىيالىكتىك بىرلىكىدۇر . بۇنداق دىگەنلىكىم ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى ئاقلىغىنىم ئەمەس . مەن پەقەت ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى ، دىمەكچى. بىز ئەنئەنۋى مائارىپقا قارىتا مېغىزىنى ئېلىپ، شاكىلىنى تاشلاپ بۈگۈنكى رىئالىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىز لازىم . ئىككىنچى مەسىلە: يېڭى دەرسكە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى. مىنىڭچە « دەرس ئىسلاھاتى »، «ئىجاتچانلىق مائارىپى » دىگەن ئاتالغۇلاردىن چۆجۈپ كېىتىشكە بولمايدۇ. بىزنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمىز، ھەربىر ئىغىز سۆزىمىز، ئوقۇغۇچىلارغا رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ بېقىشىمىز، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىششىمىز، ئۇلارنى ئۆز پىكرىنى دادىل بايان قىلىشقا ئېلھاملاندۇرشىمىز، توغرا ئىش-ھەركەتلىرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرشىمىز..........
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى « مائارىپ ئىسلاھاتى » دۇر. كونا شەيئىنىڭ ئورنىنى يىڭى شەيئىنىڭ ئېلىشى ئوبىكتىپ قانۇنىيەت، بىز مەسىلىلەرگە دىئالكتىك ماتىرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن قارىساق ئىسلاھات ئېلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ئۈچىنچى مەسىلە: يېڭى دەرىسنى قانداق يولغا قويۇش مەسىلىسى . دۇنيادا يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان. دۆلىتىمىز ئىسلاھات-ئېچۋىتىش تەجىرىبە-ساۋاقلىرىنىڭ يەكۈنلىنىشى بولغان « تۆت ئاساسى پىرىنسىپ »، دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » موھىم ئىدىيىسى مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېتەكچى رول ئوينىغۇسى، بىز شۇ ئاساستا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز لازىم.
1.رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك .
بۇرۇن بىر ئۆلىمادىن شاگىرتى سوراپتۇ: ـــ ئې تەقسىر، قاچان قىيامەت بولىدۇ؟ ئۆلىما دەپتۇكى « بارلىق كەسىپلەر كەسىپ ئەھلى ئەمەسلەرنڭ قولىغا چۈشكەندە قىيامەت بولىدۇ». بۇغۇ بىر رىۋايەت، شۇنداقتىمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇڭا بىز رەھبەرلىكنى كۈچەيتشىمىز،رەھبەرلىرىمىز ھوقۇقنى ۋەزىپە، بۇرۇچ دەپ چۈشىنىشى، سىياسى جەھەتتە مۇستەھكەم، كەسىپكە ئەقىدىلىك، پاك-ئىنتىزامچان بولىشى لازىم.
2.ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش كىرەك .
1› ئوقۇتقۇچىلار سىياسى ئاڭ سەۋىيىسنى ئۈزلۈكىسىز ئۆستۈرشى كېرەك.
2› ئوقۇتقۇچىلار كەسپى سەۋيىسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرىشى، ئۆمۈرۋايەت ئۈگۈنىش روھى ۋە نىشانىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
3› ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ دەرىسخانىدىكى ئورنىنى تېپىۋىلىشى كېرەك.
4› ئوقۇتقۇچىلار ناتىقلاردىن، ئاممىۋى ئالاقىچىلاردىن بولىشى كېرەك.
3.بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش كېرەك. ئەنئەنىۋى، مائارىپتا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ دىققەت مەركىزى ئىدى. نۆۋەتتكى دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، شۇڭا مائارىپىمىز دۇنياغا يۈزلىنىشى، كۆپ قۇتۇپلىشىش يولىدا مېڭىشى كېرەك.
1› ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
2›ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن پىكىرقىلىش، ئىجادقىلىش روھىغا ئېلھام بېرىش كېرەك.
3› ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتى-شىمىز، ۋەتەننى سۆيۈش، ئىنسانىيەتنى سۆيۈش، ئىنسانىيەتنىڭ گۈللنىشى ئۈچۈن ئۈگۈنىش، بىلىم ئېلىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرشىمىز لازىم.
4. دەرسلىك تۈزۈش جەھەتتە ھەم ئومۇمىيلىققا ھەم مىللىيلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دەرىسلىكلەردە مىللىي يازغۇچىلارنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيتى مول بولغان ئەسەرلىرنى ئاساسىي سالماق قىلغان ھالدا، باشقا مىللەت ئەدەبىياتىدىنمۇ نەمۇنىلەرنى كىرگۈزۈش كېرەك. دەرس مەزمۇنىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللىي روھ، مىللىي ئەنئەنە، مىللي ئۆرۈپ-ئادەت، مىللىي ئەخلاق مەزمۇنلىرى ئىپادىلىنىشى ، دەرىسلەرنى ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك.
5.توغرا نىشان، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش كېرەك.
1› دەرىس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇشتا ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىستىراتىگىيەلىك پىلان بولۇشى ھەم قىسقا مۇددەتلىك، قەرەللىك پىلان بولىشى كېرەك.
2›چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش خاھىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئىسلاھات داۋامىدا ئەمەلىي شارائىتلارنى ئويلىشىمىز، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشىمز لازىم. شۇنداقتىمۇ بەك پاسسپلىق قىلماسلىقمىز كېرەك. مەرىپەتۋەر شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: «يەتتە يىلدۇر تىنىم تاپماي ئوقۇيمىزلا-ئوقۇيمىز، بابى ئىستىنجاغا كەلدى ئەمدى دەرىسىمىز . » دەپ ئەينى ۋاقىتتىكى قاششاڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ھەجىۋى قىلغان ئىدى . شۇڭا بىز ئەمەلىي شارائىتلارنى ، ئوبېكىتلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.
.3›يېڭى ئاياق كىيىپ، كونا يولدا مېڭىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
6.مائارىپقا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش لازىم. تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش يۆلىنىشىدە قەتئى چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىساد ئارقىلىق ئىسلاھات تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلەر مائارىپقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەت مالىيسىدىن مائارىپنىڭ نىسىۋىسنى ئايرىپ، مائارىپ ئۈچۈن ئىشلىتىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مائارىپنى ئاممىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش كېرەك. تۆتىنچى مەسىلە ؛يىڭى دەرىسنى باھالاش مەسىلىسى . تەلىم-تەربىيەدىكى باھالاش ئوقۇتقۇچنىڭ ئوقۇتۇشىنى باھالاش ھەم ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنىشىنى باھالاشتىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق باھالاش . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنىشى بىر پۈتۈن ئورگانىك جەريان، شۇڭا باھالاش جەريانىدا بۇ پۈتۈنلىككە ئەھمىيەت بىرىش، ئوبىكتىپ،ئادىل بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك .ئەمما تېخىمۇ مۇھىم باھالاش خەلىقنىڭ باھالىشى، تارىخنىڭ باھالىشى. بىزنىڭ مائارىپمىز ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىسىلا مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولىمىز. چۈنكى ئەمەلىيەت ھەققىقەتنى سىناشىنىڭ بىردىن –بىر ئۆلچىمى. يولداش دىڭ شىياۋپىڭ 24يىل ئىلگرى جىڭشەن مەكتىپىگە « مائارىپ زامانىۋىلىششقا،دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى كېرەك » دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن ئىدى. بىز ئىسلاھات داۋامىدا «ئۈچكە يۈزلىنىش »نى قىبلىنامە قىلىپ، ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ يىتەرسىزلىگنى تۈگىتىپ، ئۇنى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلاشتۇرۇپ، دادىل بولۇپ ، يېڭىلىق يارتىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلا بولساق ئىسلاھاتىمىز چوقۇم غەلبىگە ئېرىشىدۇ
(تەھرىر : ئىزدەن)