قوش تىل مائارىپى سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(3)
شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل مائارىپى سىياسىتى توغرىسىدا ئىزاھات(3)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى
14. ئاپتونوم رايون قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن قانداق ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقتى؟
ئاپتونوم رايون ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا قوش تىل يەسلىلىرى (ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى) مائارىپىنىڭ يېتەكچى پىروگراممىسى››، ‹‹ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچى قوللانمىسى›› ۋە ‹‹بالىلار ئوقۇشلۇقى››غا ئاساسەن، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپى ئۈچۈن، ‹‹ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچى قوللانمىسى››دىكى ھەر بىر ئاساسىي تېما، ھەر كۈنلۈك ۋە ھەر قېتىملىق پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە DVD ئوقۇتۇش ئوپتىكىلىق دېسكىسىنى ئىشلەپ چىقتى ھەم كېيىن خەنزۇچە–قازاقچە، خەنزۇچە–قىرغىزچە، خەنزۇچە–موڭغۇلچە نۇسخىسىنىمۇ ئىشلەپ تارقاتتى. ھەر بىر پائالىيەت يەنە ئوقۇتۇش پائالىيىتى، داۋاملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ماتېرىيال ئامبىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان؛ ئىپادىلەش شەكلى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كارتون تەسۋىرىمۇ، ئەمەلىي كۆرۈنۈشمۇ، شۇنداقلا دەرسلىك سىنئالغۇسىمۇ بار، كارتون تەسۋىر ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلىنىپ، باشقا ئىپادىلەش شەكىللىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا مۇناسىپ ئوقۇتۇش ئوپتىكىلىق دېسكىسىنىمۇ ئىشلەپ چىققان. ئوپتىكىلىق دېسكىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇتۇشتا بىۋاسىتە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىنىڭ DVD ئوقۇتۇش ئوپتىكىلىق دېسكىسى 2011–يىلى 9–ئايدىن باشلاپ يېزىلاردىكى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى.
15. ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل سىنىپلىرى ئۈچۈن قانداق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ چىقتى؟
قوش تىل سىنىپى دەرسلىكىدە ئاساسلىقى خەلق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قوللىنىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئوقۇش ماتېرىيالى خەلق مائارىپ نەشرىياتىنىڭ خەنزۇ تىلى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىندى، ئۆزى تۈزگەن دەرسلىكلەردىن قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى ۋە ئۇيغۇرچە ‹‹تىل – ئەدەبىيات›› دەرسلىكى بار.
(1) ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى.
2004–يىلىدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ جەمئىي 22 قىسىم ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىلدى. قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەنزۇ تىلى دەرسى كۆپەيتىلدى، شۇنداقلا 2008–يىلىدىن باشلاپ قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 12 كىتاب، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەش كىتابتىن تەركىب تاپىدۇ.
يېڭى ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، بىلىم ۋە ئىقتىدار، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھېسسىي پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان نامايان قىلىنىپ، 2–تىلنى ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە خەنزۇ تىلى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىدىيەنى ئىپادىلەش، دەرسلىك قۇرۇلمىسى، ئەسەرلەرنى تاللاش ۋە كۆنۈكمە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىلغان.
2008–يىلىدىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكى ئىسلاھ قىلىندى. مائارىپ نازارىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىنى ئىسلاھ قىلىش تەلىپى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ‹‹خەنزۇ تىلى›› يۈرۈشلۈك ئوقۇشلۇقى (قوش تىل سىنىپلىرى ۋە ئادەتتىكى سىنىپلار ئورتاق قوللىنىدۇ)نى تۈزۈپ چىقتى، ئۇ زۆرۈر ئوقۇشلۇق بەش كىتاب، ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ مەخسۇس تۈردىكى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش زۆرۈر ئوقۇشلۇقى تۆت كىتاب، بەلگىلەنگەن تاللاپ ئوقۇش دەرسلىكى ئۈچ كىتاب، ئىختىيارىي تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلىك ئۈچ كىتاب بولۇپ جەمئىي 15 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ‹‹خەنزۇ تىلى›› يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرىدە تۈرگە بۆلۈپ ئوقۇتۇش ۋە ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇشنىڭ بىرىكىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش، خەنزۇ تىلىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارى ۋە دەسلەپكى مەدەنىيەت پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
(2) ئۇيغۇرچە ‹‹تىل–ئەدەبىيات›› دەرسلىكى.
2008–يىلىدىن باشلاپ، ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمى ئۇيغۇرچە ‹‹تىل–ئەدەبىيات›› دەرسلىكى ئاساسىدا قوش تىل سىنىپىدىكىلەر مەخسۇس قوللىنىدىغان ئۇيغۇرچە ‹‹تىل–ئەدەبىيات›› دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىلدى. قوش تىل سىنىپىنىڭ ئۇيغۇرچە ‹‹تىل–ئەدەبىيات›› دەرسلىكى قوش تىل سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلغان. قوش تىل سىنىپىنىڭ ئۇيغۇرچە ‹‹تىل – ئەدەبىيات›› دەرسلىكىگە خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر كىرگۈزۈلمەستىن، ئۆز مىللىتى ئاپتورلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل–يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ‹‹تىل–ئەدەبىيات›› دەرسلىكى (قوش تىل سىنىپلىرى ۋە ئادەتتىكى سىنىپلار ئورتاق قوللىنىدۇ) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلدى، ئۇ جەزمەن ئوقۇلىدىغان بەش كىتاب ۋە تاللاپ ئوقۇلىدىغان ئالتە كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك يېزىقچىلىق، شېئىر، نەسىر ۋە مىللىي ئۆرپ–ئادەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەسەرلەر ئالاھىدە تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەزمۇن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. مەسىلەن: تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىكنىڭ 5–سىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ–ئادىتى، مەدەنىيىتى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان.
16. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشى توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
(1) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز بېكىتكەن ئىككى خىل قوش تىل مائارىپى ئەندىزىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى قوش تىل سىنىپلارنىڭ مۇھىم ئاساسى دەرىسى قىلىنغان. 1–ئەندىزىدىكى دەرىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىسىگە بەش سائەت، تولۇقسىز مەكتەپلەردە تۆت سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى قىلىنسا، سەككىز ئوقۇش نومۇرى بېرىش؛ تاللاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇق قىلىنغان بولسا، ئىككى نومۇر بېرىش بېكىتىلگەن. 2–ئەندىزىدىكى دەرىسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەپتىسىگە بەش سائەت، تولۇقسىز مەكتەپلەردە بەش سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇقى قىلىنسا، سەككىز نومۇر بېرىش؛ تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلىكى قىلىنسا، ئىككى نومۇر بېرىش بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات قوش تىل مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چوقۇم ئېلىنىدىغان ئىمتىھان قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ ئىمتىھان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
(2) دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2010–يىلى ‹‹دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشنى سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››نى چىقىرىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە–شەھەرلەر، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا سىناق قىلىنىپ، دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەم ئانا تىلىنى، ھەم خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغان قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.
(3) مىللىي ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەممە دەرس مىللىي تىلدا ئۆتۈلىدىغان، قوشۇمچە خەنزۇچە دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارنىڭ سانى مۇۋاپىق ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قوش تىل مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، مىللىي تىلدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلارنى ئېھتىياجغا ئاساسەن ساقلاپ قىلىشنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
(4) ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قوش تىل مائارىپىنىڭ ئىككى خىل ئەندىزىسىدىلا بەلگىلىك دەرسلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا ئۆتۈلىدۇ. 1–ئەندىزىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ھەم باشقا پەنلەر، 2–ئەندىزىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىياتى ۋە باشقا پەنلەرنى نەلگىلىمە بويىچە، تولۇق ھەم ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
(5) ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىياتى دەرسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنى داۋاملىق ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى سۈپەتلىك ئوقۇش ماتېرىياللىرى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە كىرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
17.دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئانا تىلىنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟
جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى. قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىيچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2010–يىلى ‹‹دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل–ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى پىششىق ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىقىنى ئۆگىنىپ، بەلگىلىك ئاڭلاش، يېزىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى سىناق قىلىپ، مىللىيچىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ بىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەنزۇچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل–ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتۇشىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، باشلانغۇچنىڭ 1–يىللىقىدىن باشلاپ، ھەپتىدە ئىككى–ئۈچ سائەت ئاز سانلىق مىللەت تىل–ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىپ، ھەپتىلىك دەرس ۋاقتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان دەرس ۋاقتى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئاز سانلىق مىللەت تىل–ئەدەبىيات دەرسىنى باشلانغۇچ 1–يىللىقتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن زۆرۈر دەرسى، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا يىللىقتىكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارىي تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسى قىلىپ بېكىتتى. قوش تىل سىنىپىنىڭ ‹‹تىل–ئەدەبىيات›› دەرسلىك (ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىقىدىكى) ماتېرىيالى ۋاقتىنچە دەرسلىك قىلىندى.
18. ئاپتونوم رايون دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل–ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى قانداق قانات يايدۇردى؟
بىرىنچى، ئاۋۋال سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئاز سانلىق مىللەت تىل–ئەدەبىيات دەرسى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى خەنزۇچە دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردىكى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئۈنۈم بەردى. مۇشۇ ئاساستا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹خەنزۇچە دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىق دەرسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، 2012–يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايىتى قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىق دەرسى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە جەمئىي 12 ناھىيە، شەھەردىكى 39 مەكتەپ قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ، 14 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇشقا قاتناشقان سىنىپ 117، ئوقۇغۇچى 5167گە يەتتى.
ئىككىنچى، دەرسلىك ئۆلچىمىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى تاماملاندى. دەرسلىكنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مائارىپ نازارىتى ‹‹دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىق دەرسلىك ئۆلچىمى››نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 9–ئايدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايىتىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، دەرسلىك ئۆلچىمى ۋە ئورنىنى توغرىلاپ، دەرسلىك ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە پۇختا تەييارلىق قىلدى.
ئۈچىنچى، دەرسلىك ئۆلچىمىنى يېزىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى باشلىدى. ئىلگىرىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا، دەرسلىك ئۆلچىمىنى يېزىش خىزمىتى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھازىر ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىق دەرسلىك ئۆلچىمى›› (دەسلەپكى نۇسخىسى) پۈتۈپ، توققۇز مۇتەخەسسىسنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللاندى. 10–ئاينىڭ 20–كۈنى ئەتراپىدا دەرسلىك ئۆلچىمى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى 11–ئاينىڭ بېشىدا تاماملاندى.
19. قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟
شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تاللىۋېلىش خاراكتېرلىك ئىمتىھان. قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ھەريىلى 3–، 4– ئايدا مەكتىپىدە كوللېكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇچۇر جەدۋىلىنى تولدۇرىدۇ. رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ھەريىلى 5–ئايدا ئېلىنىدۇ. قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە، ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئىمتىھان بېرىدۇ. قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى سىنىپ تەسىس قىلغان شەھەر ۋە ئوقۇغۇچىلار تۇرۇشلۇق جاي بېكىتىدۇ.
20. قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قانداق قاتنىشىدۇ؟
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىمۇ تاللىۋېلىش خاراكتېرلىك ئىمتىھان. قوش تىل سىنىپىدا ۋە ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ھەريىلى 3–، 4–ئايدا مەكتىپىدە كوللېكتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇچۇر جەدۋىلىنى تولدۇرىدۇ. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ھەر يىلى 6–ئايدا ئېلىنىدۇ.
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان قوش تىل سىنىپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار تىل–ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا–خىمىيە (بىرلەشمە سوئال)، سىياسەت–تارىخ (بىرلەشمە سوئال)، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تىل–ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا، ماتېماتىكا، خەنزۇچە، فىزىكا–خىمىيە، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى دۆلەت ئورتاق تىلىدا، سىياسەت–تارىخ ئىمتىھانى قايسى تىلدا دەرس ئۆتۈلگەن بولسا، شۇ تىلدا ئېلىنىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجىسى پايدىلانما نەتىجە قىلىنىدۇ. ھەربىر پەننىڭ تولۇق نومۇرى 150 بولۇپ، ئومۇمىي نومۇر 750 بولىدۇ.
قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم بولىدۇ، قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئاپتونوم رايون بېكىتىدۇ ھەم يىلمۇيىل ئۆستۈرىدۇ.
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر تەشكىللىگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىنىڭ تەنتەربىيە ئىمتىھانىغا جەزمەن قاتنىشىشى ھەم دۆلەت بېكىتكەن ئۆلچەم (C دەرىجە ۋە C دەرىجىدىن يۇقىرى)گە يېتىشى شەرت. ئۆلچەمگە يەتمىسە، قوبۇل قىلىنمايدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«قوش تىل مائارىپى سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(3)»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئالىي مەكتەپلەرنى رەتكە تىزىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىس
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»
- يېقىنقى ئۈچ يىلدا مائارىپتا يىغىلغان قا
- چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇ
- ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشت
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ ش
- مەملىكەت بويىچە بىر مىليون ئوقۇغۇچى ئال
- ئادالەت نامىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەت
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قاند
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» توغرى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ شەھەر
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
- ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارى
- تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى
- يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى
- «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى» داۋاملى
- ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشمىنى
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش ك