ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

قوش تىل مائارىپى سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(2)

ۋاقىت : 2012-12-18 22:58 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل››مائارىپى توغرىسىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ يەشمىسى (2)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل››ئوقۇتۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى

   6.شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟

   شىنجاڭنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش شەرت: بىرىنچى، پائال، مۇقىم، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەم پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ساقلاپ تۇرماسلىق، كېچىكتۈرمەسلىك، ھەم ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىرىماسلىق، رېتىمنى ياخشى ئىگىلەش، جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈركۈملەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، رايونلارغا بۆلۈپ پىلانلاش، باسقۇچلۇق يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەم بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم تۈركۈمگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، باسقۇچلۇق يولغا قويۇش كېرەك؛ ھەم ھازىرقى خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە قىلىش، ھەم كەلگۈسى نىشانغا يېتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىگە ئىلمىي مائارىپ تەرەققىياتى قارىشى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشنى تەڭ تۇتۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىمۇ ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، دەرسلىك لايىھەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، بالىلاردىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن تۇتۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە تۆۋەن باسقۇچتىن تۇتۇپ تەدرىجىي ئىلگىرىلىتىش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەلىپىنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە قاندۇرالايدىغان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

   7. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى نېمە ئۈچۈن ‹‹بالىلاردىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇش›› كېرەك؟

  (1) نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىسى ۋە تىل ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، بالىلار تىل ئۆگىنىش جەھەتتە، بولۇپمۇ ئېغىزچە تىل ئۆگىنىش جەھەتتە روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ياخشى تىل مۇھىتى بولسىلا، بالىلار بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىلنى ناھايىتى ئوڭايلا ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى بۇ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مەزگىلىدە، ئۇلارغا بىر قەدەر ياخشى تىل مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىپ، بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش قانۇنىيىتى بويىچە نۇرغۇن ئەمەلىي پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل بىلەن خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   بالىلار ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مەزگىلىدە ئىگىلىگەن ئانا تىل ۋە خەنزۇچە ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ئارقىلىق، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ‹‹قوش تىل››دىكى كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە پۇختا ئاساس سېلىش بىلەن بىللە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. شۇڭا ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

   (2) ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سانى يېتەرلىك، سۈپىتى لاياقەتلىك ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇشى كېرەك. ھازىر ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى سانىنىڭ يېتىشمەسلىكى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە خەنزۇچە سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، دەرسلىك لايىھەسى بويىچە بېكىتىلگەن دەرسلەرنى تولۇق تەسىس قىلىشقا ئامالنىڭ يوقلۇقى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇ. دەرسلەر تولۇق تەسىس قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

   8. ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى دەرسلىكى قانداق تەسىس قىلىنىدۇ؟

   ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى دەرسلىكى ساغلاملىق، جەمئىيەت، پەن – تېخنىكا، سەنئەت ۋە تىلدىن ئىبارەت بەش چوڭ ساھەگە بۆلۈنىدۇ، تىل تەربىيەسىدە خەنزۇ تىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى تەربىيەسى قوللىنىلىدۇ، باشقا ساھەلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇشلۇقى قوللىنىلىدۇ. ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى مائارىپىدا تىل تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە ساغلاملىق، جەمئىيەت، پەن – تېخنىكا ۋە سەنئەت تەربىيەسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇلارنى پۈتكۈل مائارىپ پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، يەسلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

   (1) ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشتا بەش ساھەدىكى مەزمۇن ئۈچ چوڭ دەرسلىك بۆلىكىگە بۆلۈنىدۇ: تىل (ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلى)؛ پەن – تېخنىكا ۋە ماتېماتىكا؛ ساغلاملىق، جەمئىيەت ۋە سەنئەت. پائالىيەت ئاساسىي تېمىسىنىڭ مەدىتىدە، تىل پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش دەۋر قىلىنىپ، ساھە ئىچىدىكى ئۆزئارا سىڭىشىش ۋە بىرىكىش تەكىتلىنىدۇ.

   (2) ھەر ئوقۇش يىلىدا 31 قېتىم باش تېما پائالىيىتى تەشكىللىنىدۇ، باش تېما پائالىيىتى 31 ھەپتە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، يەسلىنىڭ جانلىق پائالىيەت ۋاقتى بەش ھەپتە بولىدۇ. ھەر ئوقۇش يىلى 1 – ئوقۇش مەۋسۇمى ۋە 2 – ئوقۇش مەۋسۇمى دەپ ئىككى ئوقۇش مەۋسۇمىگە بۆلۈنىدۇ. ئوتتۇرا ۋە چوڭ سىنىپلارنىڭ 1 – ئوقۇش مەۋسۇمىدە 15 باش تېما پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، باش تېما پائالىيىتى 3 – ھەپتىدە باشلىنىدۇ، 1 – ۋە 2 – ھەپتىدىكى پائالىيەت مەزمۇنىنى يەسلىلەر ئۆز ئالدىغا جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلارنى يېڭى مۇھىتقا كۆندۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ؛ 1 – ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىكى پائالىيەت مەزمۇنىنى يەسلىلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، باش تېما پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى پۇختىلاش ئاساس قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ۋە چوڭ سىنىپلار 2 – ئوقۇش مەۋسۇمىدا 16 قېتىم باش تېما پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، باش تېما پائالىيىتى 2 – ھەپتىدە باشلىنىدۇ، 1 – ھەپتىدىكى پائالىيەت مەزمۇنىنى يەسلىلەر جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلارنى يېڭى مۇھىتقا كۆندۈرۈش ۋە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئاساس قىلىنىدۇ؛ 2 – ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىكى پائالىيەت مەزمۇنىنى يەسلىلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەت باش تېمىسىنىڭ مەزمۇنىنى پۇختىلاش ئاساس قىلىنىدۇ.

   9.ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ قانچە خىل ئەندىزىسى بار؟

   1 – ئەندىزە: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى، ماتېماتىكا، پەن – تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسى؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى، چەت ئەل تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى، چەت ئەل تىلى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇنىۋېرسال تېخنىكا دەرسلىكى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىدا ئۆتۈلىدۇ، باشقا دەرسلەر شۇ مىللەت تىل – يېزىقىدا ئۆتۈلىدۇ.

   2 – ئەندىزە: بارلىق دەرسلەر دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىدا ئۆتۈلىدۇ، مىللىي تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىنىدۇ؛ شارائىتنى ھازىرلىمىغان مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىدە شۇ مىللەت تىل – يېزىقىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

   10. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسى قانداق تاللىنىدۇ؟

   ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسىنى تاللاشتا جايلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە شۇ مەكتەپنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇش شارائىتى، جۈملىدىن تىل مۇھىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شارائىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› سەۋىيەسى قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىش، شۇنداقلا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش باسقۇچىدىكى مائارىپنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسىنى تاللاشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈنلا تاللاشتىن ساقلىنىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي رايون بويىچە ‹‹ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش››تىن ساقلىنىش كېرەك.

   ‹‹قوش تىل›› تەربىيەسى ئالغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 – سىنىپىدىن باشلاپلا شەھەر، ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپلەر ئادەتتە 2 – ئەندىزىنى قوللانسا بولىدۇ، شارائىتى يوق مەكتەپلەر 1 – ئەندىزىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، 1 – ياكى 2 – ئەندىزىنى قوللانسا بولىدۇ. ناھىيە، شەھەر، رايونلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا مەسئۇل سۇبيېكت بولۇش سۈپىتىدە، مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسىنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. مەكتەپ مەسئۇللىرى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسىنى تاللاشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئەمما تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ، تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

   مەكتەپلەر پىلاننى ياخشى تۈزۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، باشلانغۇچنىڭ 1 – سىنىپىدىن باشلاپ ئەندىزىنى بېكىتىش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئىمكانقەدەر ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشى، خالىغانچە ئەندىزىنى ئالماشتۇرماسلىقى كېرەك. ئەلۋەتتە مەكتەپلەر يەنە ئاكتىپ شارائىت يارىتىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق سەپلەپ، دەرس پىلانى بويىچە ئالاقىدار دەرسلەرنى تولۇق تەسىس قىلىشى كېرەك. 1 – ئەندىزىنى يولغا قويغان مەكتەپلەر شارائىتى پىششىپ يېتىلگەندە، 2 – ئەندىزىگە يۈزلىنىشى كېرەك.

   ئاتا – ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، پەرزەنتلىرىنى قايسى ئەندىزىدىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپىغا كىرگۈزۈشنى تاللىشى ۋە پەرزەنتىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

   11.‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تىلى قانداق تاللىنىدۇ؟

   ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسىدە دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش تىلىنى دەرسلىك ئۆلچىمى، دەرسلىك تەسىس قىلىش بەلگىلىمىسى ۋە ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىدا دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان دەرسلەردە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى ئاساسلىق دەرس ئۆتۈش تىلى قىلىنىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى قىيىن بولغان ئەھۋالدا، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، قوشۇمچە چۈشەندۈرسە بولىدۇ، لېكىن دەرسخانىدا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %85تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئىشلىتىپ دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان دەرسلەردە مۇناسىپ ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئاساسلىق دەرس ئۆتۈش تىلى قىلىپ، دەرسخانىدا ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى %85تىن كەم قىلماسلىق كېرەك.

ئەمەلىي ئوقۇتۇش داۋامىدا، ئوقۇتقۇچى يۇقىرىدا ئېيتىلغان پىرىنسىپ بويىچە ئىككى خىل تىلنى جانلىق قوللانسا بولىدۇ. لېكىن ئوقۇتقۇچى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەنلەرنى ئۆتسە بولمايدۇ، ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىغا ئاساسەن جانلىق ئوقۇتسا بولىدۇ.

   12. ‹‹قوش تىل›› سىنىپىنىڭ دەرسلىكلىرى قانداق تاللىنىدۇ؟

   باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلىش بويىچە، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىدا دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان دەرسلەردە خەلق مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىقلار نەشر قىلغان، دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن، ئىجازىتىدىن ئۆتكەن خەنزۇ تىل – يېزىقىدا نەشر قىلىنغان دەرسلىكنى تاللاش كېرەك؛ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان دەرسلەردە ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، ئىجازىتىدىن ئۆتكەن ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا نەشر قىلىنغان دەرسلىكنى تاللاش كېرەك. يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلىلەردە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹قوش تىل›› بالىلار ئوقۇشلۇقى ۋە ئوقۇتقۇچى پايدىلىنىدىغان يۈرۈشلەشكەن كىتابلار ئىشلىتىلىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ‹‹قوش تىل›› سىنىپى، ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلار ئۈچۈن خەنزۇ تىلى دەرسلىكى تۈزدى، ئۇنى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلدى. ئوخشاشمىغان ئەندىزىدىكى ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىغا بولغان تەلىپى، تاللىغان خەنزۇ تىلى دەرسلىكىمۇ ئوخشاشمايدۇ. 1 – ئەندىزە بويىچە دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارنىڭ خەنزۇچە دەرسلىكىدە پىرىنسىپ جەھەتتە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى قوللىنىدۇ؛ 2 – ئەندىزە بويىچە دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلارنىڭ ‹‹تىل – ئەدەبىيات›› (خەنزۇچە) دەرسلىكىدە پىرىنسىپ جەھەتتە خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹تىل – ئەدەبىيات›› دەرسلىكى قوللىنىلىدۇ؛ ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكى بىلەن ‹‹تىل – ئەدەبىيات›› (خەنزۇچە) دەرسلىكىنىڭ قىيىن – ئاسانلىق دەرىجىسى، مەزمۇنىنىڭ تاللىنىشى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ. ‹‹خەنزۇ تىلى›› دەرسلىكىدە تىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاساسەن بايان، چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرى كۆپرەك بولۇپ، مەدەنىيەت تەربىيەسىگە دائىر مەزمۇنلار ئازراق بولىدۇ. ‹‹تىل – ئەدەبىيات››(خەنزۇچە) دەرسلىكىنىڭ مەزمۇنى كەڭ بولۇپ، قەدىمىي خەنزۇ تىلى، شېئىر، نەسىر، ھېكايە، تەرجىمىھال، ئاخبارات خەۋەرلىرى قاتارلىق ھەر خىل ژانېردىكى ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ، مەدەنىيەتكە ئائىت مەزمۇنى چوڭقۇر بولىدۇ.

   13.ئاپتونوم رايون ‹‹قول تىل››لىق يەسلىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قانداق دەرسلىكلەرنى تۈزدى؟

   2008 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ دەرسلىكىنى يېزىش، تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلاردىكى <قوش تىل>لىق يەسلى (ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى) مائارىپىنىڭ يېتەكچى پىروگراممىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلاردىكى <قوش تىل>لىق يەسلى(ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى)نىڭ دەرسلىكىنى تەسىس قىلىش لايىھەسى››نىڭ روھىغا ئاساسەن، يېڭى دەرسلىكلەر ‹‹تىل – ئەدەبىيات››، ‹‹پەن ۋە ماتېماتىكا››، ‹‹ساغلاملىق، سەنئەت ۋە جەمئىيەت››تىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى، خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە – قازاقچە، خەنزۇچە – موڭغۇلچە، خەنزۇچە – قىرغىزچە تىللار سېلىشتۇرمىسى قوللىنىلىپ، بالىلار كىتابى، ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى (ئۈن لېنتىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقۇتۇش سۈرىتى ۋە ئوقۇتۇش كارتىسى قاتارلىقلار تەييارلاندى. يېڭى دەرسلىكتە يەسلى بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قانۇنىيىتىگە، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يەسلى بالىلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئىقتىدارى ۋە ياخشى تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، يېتىلىش تەربىيەسى قاتارلىقلار دەرسلىكنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈلۈپ، دەرسلىك مەزمۇنى تېخىمۇ ئىلمىي، مول، قىزىقارلىق تۈزۈلۈپ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلۇپ، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.


توردىكى مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ