پۈتكۈل جەمئىيەت مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇت
جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:
پۈتكۈل جەمئىيەت مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇتقۇچىلارنى
ھۆرمەتلىشى كېرەك
ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: 28 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يەنى 7 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى شەرەپ بىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى گۈزەل زېمىنىمىزدا تالانتىنى نامايان قىلىپ، ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە›› نى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئۇلۇغ مۇساپىدە ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەردىن كەلگەن 43 نەپەر ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك كەڭ كۇشادە ئولتۇرۇپ، شۇجى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتتى، مائارىپچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەخىرلىنىش، ئىپتىخارلىنىش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.
ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، مۇنەۋۋەر ئەخلاق تەربىيە خىزمەتچىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن غۇلجا شەھەرلىك تىببىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇقەددەس نۇرمۇھەممەد ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللىغانلىق مۇھەببەتنى تاللىغانلىق، تەقدىم ئېتىشنى تاللىغانلىق. مەن ئۆزۈمگە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇپ، كەسپىي مائارىپ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىمەن.
خوتەن ۋىلايەتلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى دەي سۇڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر يېرىم يىللىق خىزمەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، بۇ يەردە ئىشلەش ۋاقتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇ تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقى، رەھبەرلىكنىڭ غەمخورلۇقى، خىزمەتداشلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسى مەندە بۇ زېمىنغا، بۇ زېمىندىكى بالىلارغا بولغان مۇھەببەتنى ئويغاتتى. خوتەن مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇمغا ئايلاندى.
جاڭ چۈنشيەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۈگۈن چۈشتە، 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى، ‹‹تىنچ، ئەمەلىي، خۇشاللىققا تولغان، كاتتا مەرىكە›› بولۇشتىن ئىبارەت نىشان تولۇق ئورۇندالدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىككى يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تىرىشىش نىشانىغا، ھەرمىللەت كادىر – ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. بۇ جەرياندا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۈنسىز تۆھپە قوشۇپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشى كېرەك. مائارىپ خىزمەتچىلىرى پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئەنئەنىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىشى؛ ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنىڭ ئالدىدا ماڭدۇرۇپ، ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە››نى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەقلىي يۆلەك ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.
سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، بەي جىجې، ئەركىنجان تۇراخۇن، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار قاتارلىقلار قاتناشتى.
(تەھرىر : سەپەر)
« پۈتكۈل جەمئىيەت مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىس
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»
- يېقىنقى ئۈچ يىلدا مائارىپتا يىغىلغان قا
- چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇ
- ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشت
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ ش
- مەملىكەت بويىچە بىر مىليون ئوقۇغۇچى ئال
- ئادالەت نامىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەت
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قاند
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» توغرى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ شەھەر
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
- ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارى
- تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى
- يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى
- «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى» داۋاملى
- ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشمىنى
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش ك