ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئۇنتۇلۇپ قالمايلى ــــــ مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمى

ۋاقىت : 2012-03-22 16:26 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سەمەندەر38 | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

                                ئۇنتۇلۇپ قالمايلى ــــــ مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز
                                 بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە نىمە؟ بۇسۇئالغا ئىقتىسات، ئىجتىمائى ئەخلاقنىڭ ياخشىلىنىشى دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، بۇنىڭ توغرا جاۋابى شۇكى – بىز ئۈچۈن ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە مائارىپ. بۇ بىزئۈچۈنلا ئەمەس، توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى ئىزدەيدىغان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈنئورتاق جاۋاپ.چۈنكى، مائارىپ بولسا ئىقتىسادىتەرەققىياتمۇ، ئىجتىمائى تەرتىپنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ بولىدۇ. بۇ جاۋاپتىن گۇمانلىنىپ «بىزنىڭ مائارىپىمىز بارغۇ، يېرىم ئەسىردىن بۇيان مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭتەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە سەۋەپتىن ئىقتىسادىتەرەققىيات بىلەن ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسىدا تەڭ نىسبەتتە ئۆرلەشنى ئىشقائاشۇرالمىدۇق؟» دىيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەقىقەتەن مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغانمەسىلە. ئۇنداقتا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلە بارمۇ؟
بىز نەزىرىمىزنى مىللىمائارىپىمىزنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىيات تارىخىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئىلگىرىكىمەدرىس مائارىپىنىڭ ئەكسىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان مىللى مائارىپھەرىكىتى ياۋرۇپاچە مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلغانمائارىپ بولغان. بۇ خىل مائارىپ 20-ئەسىرنىڭ 30- ۋە 40- يىللىرى سۆۋىت ئىتتىپاقىدائوقۇپ كەلگەن زىيالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل مائارىپ ئەندىزىسى سابىقسۆۋىت ئىتتىپاقىچە مائارىپقا ئۆزگەرتىلگىچە داۋاملاشقان. تاكى 1960-يىللارغىچەمەكتەپلەردە سۆۋىت ئىتتىپاقىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلگەن. ئاساسلىقئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن زىيالىلاردىن، سۆۋىت ئىتتىپاقىدائوقۇپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭمائارىپ سەۋىيىسى جۇڭگودا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈمئىلغار زىيالىلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. 60-يىللاردىن كېيىنكى مەدەنىيەت زورئىنقىلاۋى پۈتكۈل جۇڭگودا مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، شۇ قاتاردا مىللىمائارىپىمىزنىمۇ ۋەيران قىلغان. 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشىكنىئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپىمىز يەنە قايتا ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىنغان ۋەمىللى مائارىپىمىزنىڭ ئاساسى مائارىپ ئەندىزىسى جۇڭگو مائارىپىنىڭ مائارىپئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىجۇڭگو مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇنداقتا، جۇڭگو مائارىپى قانداق مائارىپ؟
1949-
يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدەجۇڭگودىكى ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ % 80 نى تەشكىل قىلاتتى. ئازاتلىقتىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئومۇمى ئاھالىنىڭ%15نىتەشكىل قىلدى. بىز بۇ سانلىق مەلۇماتتىن جۇڭگونىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى مائارىپئىشلىرىنىڭ كۆز يۇمغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بىراق،يەر شارى نوپۇسىنىڭ 14 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا بىرەر نوبىل مۇكاپاتىغائېرىشكەن ئالىمنىڭ چىقماسلىقى، جۇڭگولۇقلاردا ئىجاتچانلىق، ئەمەلى ئىشلەشئىقتىدارىنىڭ كەمچىللىكى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتى بىلەن ئومۇمىخەلق ساپاسىنىڭ ئوڭ تاناسىپ بويىچە تەرەققى قىلالماسلىقى بىزنى يەنىلا بىئارامقىلىدۇ. ئۇنداقتا، مەسىلە جۇڭگو مائارىپىدىمۇ؟ بۇ بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز بىلەنزىچ مۇناسىۋەتلىك سۇئال بولغاچقا، بۇ سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. بىزجۇڭگو مائارىپىنى جۇڭگو بىلەن تەڭ قەدەمدە يېڭى مائارىپ يولىغا كىرگەن، دۆلەتقۇرۇلغان ۋاقتى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئاساسەن ئوخشاش، بىراق ھازىرقى مائارىپتەرەققىياتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققىقىلىپلا قالماي، ئومۇمى خەلقنىڭ ساپاسى جەھەتتىمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپقىلىشىغا ئېرىشكەن دۆلەت -كۆرىيە بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگومائارىپىدىكى، شۇنداقلا مىللى مائارىپىمىزدىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەپ باقساقبولىدۇ. 1948-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا كورىيىدىكى ساۋاتسىزلارئومۇمى ئاھالىنىڭ %78 نى تەشكىل قىلاتتى. 1996-يىلىغا كەلگەندە كورىيە ساۋاتسىزلىقنىسبىتىنى تۈگۈتۈپ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى نىسبىتىنى %38 گە يەتكۈزدى. جۇڭگودا بولسا بۇ سان پەقەت ئاھالىنىڭ %5 نى ئىگىلىدى. 1948-يىلى كورىيە ھۆكىمىتىيېڭى قۇرۇلغاندا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا سەل كەينىگەتىزىلاتتى. بىراق، كورىيە دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىن باشلاپلا مائارىپنىدۆلەت ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قاتارىغا قويۇپ، زور كۈچ بىلەن مائارىپنىتەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ماڭدى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدىن كېيىنكورىيە ئىقتىسادى ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بىراق، دۆلەتنىڭ مائارىپجەھەتتىكى تەرەققىياتى ئىزچىل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى تەرەققىياتىدىن ئۈستۈنبولدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سېلىنىدىغانمەبلەخ جەھەتتە، كورىيەنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاشلا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ماكتەپ مائارىپىغاسالغان دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئالى ماكتەپ مائارىپىغا سالغان دۆلەت مەبلىغىئوتتۇرىسىدا پەرق بولدى. بىراق كورىيە ھۆكىمىتىنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپكەسالغان مەبلىغى، ئالى مەكتەپ مائارىپىغا سالغان مەبلىخىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ جەھەتتەجۇڭگو بىلەن ئەكسىچە يولدا ماڭدى. كورىيە ھۆكۈمىتى ئاساسى مائارىپنى زور كۈچ بىلەنتەرەققى قىلدۇرۇش يولىنى تاللاپ، باشلانغۇچتىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش، ئوتتۇرامەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12يىللىق مەجبۇرىمائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى % 98 تىن ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا كورىيەدە نامراتچەت جايلارغا سېلىنىدىغان مائارىپ سېلىنمىسى مەركىزى شەھەر مەكتەپلىرىگەسېلىنىدىغان مائارىپ مەبلىغىدىن كۆپ بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ باراۋەرمائارىپ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. يۇقارقى مەزمۇنلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقابولۇدۇكى، جۇڭگو مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئېتىراپ قىلىش بىلەنبىرگە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىش زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگومائارىپىدا ھەقىقى توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، مائارىپتا ئىلگىرىكى نۇقۇل بىلىم قاچىلاش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇشنىڭئورنىغا تەدرىجى ھالدا، ئىقتىدار ئېچىش خارەكتىرىدىكى ئوقۇتۇش يولىدا مېڭىشقائۆتۈشتەك يېڭى يولدا مېڭىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. بىز مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىسۈرۈپ، دۆلەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز،ئىلمى بولغان مائارىپ ئەندىزىسىنى تېزرەك مىللى مائارىپىمىزدا ئەمەلىلەشتۈرىمىز،دەيدىكەنمىز، مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، مائارىپئەمەلىيىتىدىكى كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشيولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، مائارىپ ئىسلاھاتى سىنىقىئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،شۇنداقلا دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار بۈگۈنكىدەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەمەندەر38 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-28 11:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-10-25 13:10
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ