پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىزگە باغلىق
پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىزگە باغلىق
تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم
بىر يېقىن دوستۇمنىڭ قىزى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپ 1-سىنىپقا ئوقۇشقا كىردى. بىز پات-پات پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالىمىز. يېقىندا ئۇ دوستۇم قىزى توغرىسىدا مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قىزى مەكتەپكە كىرىشتە پۈتۈنلەي قىزىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭ قىزى بىر ئىشلاردا دادىسىنى ئۈلگە قىلىدىكەن. قىزى مەكتەپكە كىرگەندە:
ـــ دادا مەنمۇ سىز ئوقۇغان مەكتەپتە ئوقۇيمەن. مېنى باشقا مەكتەپكە زورلىسىڭىز بولماس، ـــ دەپ ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دوستۇم قىزىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلغان. (مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ھەر قانداق ئارزۇسىغا-ھۆرمەت قىلىش كېرەك دېمەكچى ئەمەس. ئورۇنسىز، پايدىسىز ئارزۇلار ئەلۋەتتە، بۇنىڭ سىرتىدا) دوستۇم ماڭا قىزىنىڭ چوڭ ئانىسى ھەم چوڭ دادىسىنىڭ ياردىمىدە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە ساۋاتىنى چىقىرىپ، كىتابلارنى خېلىلا راۋان ئوقۇيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن.
دوستۇم ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: ئوغلۇم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ئۇنىڭمۇ مەھەللىدىكى بىرگە چوڭ بولغان دوستلىرى بىلەن بىرگە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىدى. ئەمما بىز ئۇنى تېخىمۇ تالانتلىق قىلىمىز، ئىستىقباللىق قىلىمىز دەپ ئويلاپ، بەزى «مودا» ئېقىمغا ئەگىشىپ مەكتەپنى تاللاپ بېرىپتۇق. نەتىجە قانداق بولدى دېمەمسەن؟ ئىشلار بىز ئويلىغاندەك چىقمىدى. ئوغلۇم دەرسلەردە يېتىشەلمىدى. ئۇنى ئاز دەپ مىجەزى بەك غەلىتە بولۇپ قالدى، بەك جاھىل. ئۆزىنىڭ گېپىدىلا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. بىر قېتىم مەن كامانىدىروپكىغا كەتسەم، ئانىسىنى بىر مۇنچە پاراكەندە قىلىپتۇ. مەنمۇ تېلېفوندا بەكلا چېچىلىپ كەتتىم. ئۇ ئىشنى دەپ بەرسەم دوستۇم سېنىڭمۇ ئىچىڭ ئاچچىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا ئوغلۇڭ نېمە قىلىپتۇ دەپ سورىمامسەن؟ مېنىڭ بۇ مەكتەپنى تاللاپ ئوقۇغان كاتتا ئوغلۇم كىتاب «سودىسى» قىلىپتۇ. ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە ئانىسى بۇ ئىشلارنى توسۇپ قاپتۇ. ھېلىقى ئۇيغۇر ئېلپبەسىنىڭ سونۇقىنىمۇ ئۇقمايدىغان ئەخمەق بالام بىز يېتەرلىك بېرىۋاتقان كۈندىلىك خىراجەتنى ئاز كۆرۈپ پۇل «تېپىش» مەقسىتىدە بىزگىمۇ دېمەي، ئۆيىمىزنىڭ كىتاب ئىشكابىدىكى كىتابلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى يىغىشتۇرۇپ ئەپچىقىپ، كونا نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغانلارغا ساتماقچى بولۇپ، جىڭلىتىپ تازا پۇلنى ئالاي دېگەندە ئايالىم ئۈستىگە كېلىپ قېلىپ ئوغلۇمنى ئەيىبلىگىنىچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ ئۆز جايىغا تىزىپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدىم، كۆرمەمدىغان ماۋۇ بالىنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى، ئاشۇ قىممەت باھالىق، ئىزدىسە تېپىلمايدىغان بىر ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى بايلىققىمۇ ئاشۇنداق «رەھىمسىزلىق» قىلامدۇ؟ ئوغلۇمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ، بۇ كىتابلارنى ئوقۇيالمىغاچقا، بۇ كىتابلارنىڭ قانداق كىتابلىقىنى بىلمىگەچكە ئاشۇنداق قىپتۇدەك، بۇنداق ئىشلارنى باشقا ئائىلىلەردە سادىر بولمايدۇ دېيەلەمسىز؟
دوستۇم سۆزلەۋېتىپ يەنە ئوغلىدىكى سەۋەنلىكنىڭ كۆرۈلۈشىدە ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جېنىم دوستۇم، ئوغلۇم مەيلى قايسى مەكتەپ، قايسى سىنىپتا ئوقۇسۇن، ئاتا-بوۋىمىزدىن مىراس قالغان، ئانىسى بەرگەن شۇ تىل-يېزىقىنى ئۆگەتمەپتىمەن ئەمەسمۇ. ئوغلۇم ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدە ساۋاتسىز. ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئورتاقلىقىمىزمۇ يوق دېيەرلىك.
ـــ قاقشىما دوستۇم، سەن ئىلگىرى ئىنتايىن سەل قارىغان، ھەتتا قىلىشنى خالىمىغان ئاشۇ بىر قاتار ئىشلارنى ھازىر قىلساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن. پەرزەنتلىرىمىز چوقۇم خاس خاراكتېرگە، مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق، ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان، بىزنىڭ ئشىلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىپ بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغان كۆپ خىل تىل بىلىدىغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقسۇن. بىز بۇنىڭغا ئەجىر قىلساق ھوسۇلغا ئېرىشەلەيمىز، ـــ دېدىم مەن دوستۇمغا تەسەللىي بەرگەچ.
مەن شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم. ئاتا-ئانا بولماق بىر فىزىيولوگىيەلىك قانۇنىيەت بولسىمۇ، شۇ ئۆزىمىز ئاپىرىدە قىلغان پەرزەنتلەرنى جايىدا تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش بىزدىن ھەر ۋاقىت ئەقىل ھەم مېھنەت تەلەپ قىلىدىكەن. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بىزنى قانداق قاتارغا قوشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، بۇ بىزدىن ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان يىمىرىلمەس دەرسلىك ھەم مەڭگۈلۈك تەۋەررۈك ھەقىقەت ئىكەن. ھازىر بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا پەرزەنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتە ئۆزىنىڭكىگە سەل قارايدىغان، يەڭگىلتەكلىك بىلەن باشقىلارغا ئەگىشىپ كېتىدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ كىچىكىدە قوبۇل قىلىش ھەق بولغان كۈچلۈك، ئۆتكۈر تەربىيەلەرگە سەل قاراپ، ئاخىرىدا ئۆزىگە ئۆزى قاقشايدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەممىگە ئايان. دەسلەپ سەل قاراپ كېيىن قاقشاش ئۆزىمىزنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
سۆيۈملۈك ئاتا-ئانىلار بىز تەربىيەلەۋاتقان پەرزەنتلەر بەش-ئالتە ئەمەس، بەلكى ئىككى، بەزىلىمىزدە پەقەتلا بىر، خالاس. پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشنى ئەڭ مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ تونۇپ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىمىزگە خاس تەربىيەلىسەك، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى بىزنى چىن مەنسىدىن شادلاندۇرالىسا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ بەخت ئەمەسمۇ. قولۇمدا شۇ تاپتا بىر ئالما بار دەيلى. ئۇنىڭ تەقدىرى پەقەت مېنىڭ قولۇمدا. پەرزەنت تەربىيەسىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش. پەرزەنت تەربىيەسى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ئىشلار ئۆز ئىلىكىمىزدە. بىزدىكى ئىلىكىمىزدىكى ئىشلارغا پەرۋاسىز قاراشنىڭ تۈزۈلۈشى ياكى بۇزۇلۇشى تامامەن ئۆزىمىزگە باغلىق بولغىنىغا ئوخشاش. پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەشمۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.
ئاپتور: بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا
(تەھرىر : ئىزدەن)
«پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىزگە باغلىق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 3300 ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنئ ئىچكىرى ئۆل
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىس
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»
- يېقىنقى ئۈچ يىلدا مائارىپتا يىغىلغان قا
- چەتئەللىك بالىلارنىڭ تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۇ
- ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باھالاشت
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ ش
- مەملىكەت بويىچە بىر مىليون ئوقۇغۇچى ئال
- ئادالەت نامىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كاپالەت
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن قاند
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ياخشى ئورۇن راستتىنلا شۇنداق مۇھىممۇ ؟
- ئەمگەك دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس
- «چەت ئەللەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» توغرى
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- بالىسىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ياڭجۇ شەھەر
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن قەتئىي ھەيدەش لازىم
- ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ خىل خىراجەتنى ئاشكارى
- تۇتىيا روھ - «تەۋپىق» روھى
- يەسلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق باسقۇچى
- «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى ئەسەبىيلىكى» داۋاملى
- ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشمىنى
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت تەجر
- ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش ك