ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پايدىسى بارم

ۋاقىت : 2012-02-27 16:35 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟

 

يەسلىدە ئوقۇش، خەت تونۇش ۋە ھېسابلاش قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتسە بولامدۇ؟ يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكمۇ؟ ياكى بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەندىشە چىڭيۈەن شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا ئىنتايىن نۇرغۇن، ھالبۇكى، بالدۇر خەت تونۇغان، بالدۇر ھېسابلاشنى بىلىدىغان بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولامدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە مائارىپ ساھەسىدىكى بەزى ئەربابلارنى زىيارەت قىلدى.

نەچچە مىڭ يۈەن تۆلىسەكمۇ، يەنە ھېچنېمە ئۆگەتمەمدۇ؟

ئاتا-ئانىلار:

 چېڭ خانىم پەرزەنتىنىڭ تاپشۇرۇقى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بالام ئەمدى ئۈچ ياش ئالتە ئايلىق بولدى، يەسلى بالىمىزنى يەسلىنىڭ ئوتتۇرا سىنىپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇ نۇرغۇن تاپشۇرۇقلىرىنى يازالمايدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلە دېسەكلا ئۇنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ، ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن دېسەك ئىنتايىن خوش بولۇپ كېتىدۇ. كىچىككىنە تۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىسە، بالىدا تاپشۇرۇققا بولغان قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بالىلىق چېغىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش تۇيغۇسى ئاجىزلىشىدۇ.

بۇ ئاتا-ئانا ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللار يەسىلىيلەردىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالمۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا ئاتا-ئانا نامىدا چىڭيۈەن شەھىرىدىكى بىر قانچە يەسلىنى زىيارەت قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىلمەيدىكەن، بەزى خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر بولۇپمۇ شەھەر بازارلاردىكى يەسلىلەر يەسلىنىڭ ئوتتۇرا سىنىپىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارغا قەرەلسىز ھالدا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قانچە يەسلىلەردە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى تەسىس قىلىنغان، بەزىلىرى يەسلى«چوڭلار سىنىپىدىن چوڭ سىنىپ» نامىدا تەسىس قىلىنغان، دەرسلىك ۋە ئۆتىدىغان مەزمۇن جەھەتتە باشلانغۇچ مەكتەپكە يېقىنلاشقان. مۇخبىر چىڭيۈەن شەھىرىدىكى خۇاڭخې خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىنىڭ چوڭ سىنىپىدا 20 نەچچە بالىنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن بىلەن يېڭى خەت ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ياندا ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۆرىۋاتاتتى. بىر ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلىمىدىمۇ ياكى خاتا يېزىپ قويغانمۇ؟ بۇ ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىنى چاقىرىپ، بىر نىمىلەرنى دېگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى.

بالىنى كىچىكىدىن باشلاپ خەت تونۇشقا، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇش توغرىسىدا يەسلىينىڭمۇ ئامالى يوق. چىڭيۈەن شەھىرىدىكى بىر خەلق باشقۇرۇشىدىكى يەسلىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: سىنىپ يىغىنىدا ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ھەر مەۋسۇمىدە نەچچە مىڭ يۈەن تاپشۇرۋاتساق، بالىمىزغا نېمە ئۈچۈن ھېچنەرسە ئۆگەتمەيسىلەر؟ دەپ ئاغرىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار نەچچە مىڭ يۈەن تاپشۇرۋاتقاندىن كېيىن، بالىلارغا بىر نەرسە ئۆگىتىش كېرەك، بىر نەرسە ئۆگەنمىسە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاساس سالالماي قالىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تاپشۇرۇق بەك كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ ئاغرىنىدۇ. ھەممە ئادەمنى رازى قىلىش بەك تەسكەن.

يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىشتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشى ناتايىن؟

ئوقۇتقۇچىلار:

باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى قانچە كۆپ نەرسە ئۆگەنسە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-سىنىپىدا كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولامدۇ؟ مۇخبىر ئىگىلىگەن جاۋاب ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى نۆۋەتتە بىر سىنىپتا 40 نەچچە ئوقۇغۇچى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچتىن بۇرۇن كۆپرەك نەرسە ئۆگەنگەن بولسا، ئاساسى ياخشى بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا ئانچە كۆپ باش قاتۇرمايدۇ، ئاساسى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچى تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.

 يېڭى بېيجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر باشلانغۇچ 1-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردا پەرق ئىنتايىن چوڭ، بەزىلىرى مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇچە خەت تونۇيدۇ، بەزىلىرى ساننىمۇ ئانچە تونۇمايدۇ. ئوخشاش بىر تۈركۈمدىكى بالىلارنى مەكتىپىمىز مائارىپ تارماقلىرى تۈزگەن دەرسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇتىدۇ. باشلانغۇچ 1-سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باقىدۇ. خەتنى ئاز تونۇيدىغان، ھىسابلاشنىمۇ بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش رېتىمىغا يېتىشىپ مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاساسىي ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا بولسا كۆڭۈل بۆلۈش ئازراق بولىدۇ. شۇڭا دەرس ئاڭلاش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئازراق ئۆگەنگەن بالىلارنىڭ زىيان تارتىشى ناتايىن.

 يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، نۇرغۇن يەسلى ئوتقۇچىلىرىمۇ بۇنىڭغا قارىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. چىڭيۈەندىكى يەسلىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: چىڭيۈەندىكى مۇنتىزىم يەسلىلەرنىڭ خەت تونۇش، ھېسابلاشنى ئۆگىتىش قاتارلىق ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى يوق. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ كۆپى مەكتەپ سىرتىدىكى تەكرارلاش سىنىپى ۋە ئاتا-ئانىلاردىن خەت تونۇش ۋە ھېسابلاشنى ئۆگەنگەن. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى بالدۇرراق ئۆگەتسەك بولىدۇ، ئەمما مەقسەت ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاساس سېلىش، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەندە كەلگۈسىدىكى ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئاساسەن يۈزەكى ئۆگىنىدۇ، قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇشقا تايىنىدۇ. خەتنى تونۇغان بىلەن يېزىشنى بىلمەيدۇ؛ شېئىرنى يادلىغان بىلەن مەزمۇنىنى چۈشەنمەيدۇ. ھېسابلاشنى بىلگەن بىلەن، ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلمەيدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدە، دوسكىغا قاراپلا ھەممىنى بىلدىم دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئاجىزلايدۇ، ئاندىن دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايدىغان بولىدۇ، بۇ، بالىنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق.

ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش 1-،2-يىللىقنىڭ ئاچقۇچى

 1-سىنىپقا كىرىشتىن ئىلگىرى خەت تونۇيدىغان بالىلار تونۇمايدىغان بالىلارغا قارىغاندا، ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىيەلمىسە، ئاتا-ئانىلار نېمە ئۈچۈن بالىلارنى يەنىلا ھەر خىل «ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى»غا ئاپىرىپ بېرىدۇ؟

مائارىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاساسلىق سەۋەبى-نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ ئۆلچىمىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا خەت ئوقۇشنى، يېزىشنى ئۆگەتمەيدۇ، 10 خانە ئىچىدىكى سانىنى قوشۇش ئېلىشنى ئۆگەتمەيدۇ، دېگەن گەپلەر جەمئىيەتتە بازار تېپىپ قالغان.

 ليەنجوۋدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شۇ فامىلىك ئوقۇتقۇچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت دەرسلىك ئۆلچىمىدە باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقىنىڭ 1-مەۋسۇمىدە تونۇيدىغان خەنزۇچە خەت ئۆلچىمى 350 خەت دەپ تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئۆگىنىش باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلار بىر قىسىم خەتلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ماتېماتىكا دەرسلىكىدە بولسا 1-يىللىقىنىڭ 1-مەۋسۇمىدە 20 ئىچىدىكى قوشۇش، ئېلىش ئۆگۈتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەكتەپكە كېرىشدىن بۇرۇن ئىككى مىڭ خەتنى تونۇپ بولغان، يۈز ئىچىدىكى قوشۇش، ئېلىشنى ئۆگىنىپ بولغان، ئاشۇ بالىلار 1-يىللىقتا بىكار يۈرەمدۇ؟

ئەھۋال ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. شۇ مۇئەللىم مۇنداق دېدى: باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى- ئادەم ھاياتىدىكى ئۆگىنىشكە ئاساس سېلىش باسقۇچى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئۆگىنىش ئادىتى بىلەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش شۇنداقلا «ئۆگىنىش ئىقتىدارى ھازىرلاش» ئەڭ مۇھىم. قانچىلىك خەت تونۇش، قانچىلىك ساننى ھېسابلاشتەك «بىلىم ئومۇمىي مىقدارى» ئۆگىنىش ئىقتىدارى بىلەن باراۋەر ئەمەس. گەرچە 1-يىللىقتا 350 خەت تونۇش ئۆلچەم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە سىزىق قۇرۇلمىسىنى تەپسىلىي بىلىش كېرەك. گەرچە 20 خانە ئىچىدىكى سانىنى قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى ئۆگىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ خىل شەكىلدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ياخشى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچەيتىش- بىرىنچى ، ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئاچقۇچى، بىرىنچى يىللىقتىن 3-يىللىققىچە پەرق گەۋدىلىنىدۇ، ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرمىگەن بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى «مىڭدىن ئارتۇق خەت تونۇيالايغان، يۈز خانا ئىچىدىكى ساننى ھىسابلىيالايدىغان» بولسىمۇ، دەسمايىسىنى يەپ، بارغانسېرى كەينىگە چېكىنىدۇ.

بالىغا ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ھېچنەرسە ئۆگەنمىسە، ھېچنەرسە ئۆگەتمىسە، بۇ توغرا ئۇسۇل بولامدۇ؟ مۇتلەق بۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ - نېمىنى ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىشتە.
مۇتەخەسسىسلەر خەت تونۇش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: خەتنى ئوقۇپ تۇرۇپ تونىغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىتاب
 ئوقۇپ بەرگەندە بالىنى ھەرگىزمۇ خەت تونۇشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار رەسىملىك كىتاب ئىچىدىكى ھېكايىلەرنى بەكرەك چۈشىنىدۇ، ئۇلارغا رەسىملىك كىتابلارنى يېتەرلىك ئوقۇتۇپ بېرىش كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ خەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق تۇرمۇش سورۇنلىرىدا بالىلارنى خەت تونۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئالايلۇق، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ، يېمەكلىكنىڭ قېپىدىكى خەتنى ئوقۇتۇپ بېقىشقا بولىدۇ.

ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرى يەسلىلەر ھېساب ئۆگەتكەندە، بالىلارنىڭ بىلىش تەرەققىيات كاتېگورىيەسىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. يەسلى مائارىپ ئورگىنىدىن گو مۇئەللىم مۇنداق دېدى: بۇ ياشتىكى بالىلار ئوبرازنى ئاساس قىلىپ تەپەككۇر قىلىدۇ، بۇلاردا ئابستراكت تەپەككۇر ئەمدىلا بىخلانغان بولىدۇ. بىر قىسىم ئويۇنلار ئارقىلىق، بالىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈش- ھېساب ئۆگىتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى. ئالايلۇق، مودېل ياغاچ تىزىش ئويۇنى ئارقىلىق بالىلارنىڭ بوشلۇق ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ھېساب ئۆگىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھەر بىر دەرس باشلىنىشتىن ئىلگىرى بالىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە رەسىم تىزىش ئويۇنى ئوينايدۇ. رەسىم يېزىش ئويۇنىنىڭ قىيىنلىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ. دەرسخانىدىمۇ بالىلار دائىم مۇنبەرگە چىقىپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ. گو مۇئەللىم مۇنداق دېدى: ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى ھېساب دەرسىدە ئۆگىنىدىغان بىلىم مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغاش، دەرسخانا كەيپىياتىغا بالدۇرراق ماسلاشتۇرۇش، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش. ئۆگىتىش-كىتابقا قاراپ دەرس ئۆتۈش دېگەن گەپ ئەمەس. رەسمىي مەكتەپكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىش قىلىش ۋە دەم ئېلىش جەدۋىلى تۈزۈپ، بالىنىڭ دىققىتىنى بىر يەرگە يېغىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى؛ دەپتەر قەلەم رەتلەشكە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ