ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈم

ۋاقىت : 2012-02-15 23:34 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى كەسكىن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەردىن ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى كەسكىن ئىجرا قىلىش، «بۇياقتىن ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇياقتىن قالايمىقان ھەق ئېلىش»تەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ كۇرس ئېچىش، ھەقلىق دەرس تولۇقلاش، «ياخشىلارنى تاللاش سىنىپى» تەسىس قىلىشتەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يەسلىلەرنىڭ ھەق ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا: دەرسلىك ۋە دەرسلىك ماتېرىيالىنى تۈزۈش، كېڭىشىش، باھالاش ۋە كۆرسىتىش، ۋاكالىتەن ھەقسىز سېتىۋېلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى مەجبۇرىي سېتىش قىلمىشىنى قەتئىي قېلىپلاشتۇرۇش؛ زور تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛ ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن مەكتەپلەردىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىش؛ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، باھانى تۇراقلاشتۇرۇش فوندى تەسىس قىلىپ، بەلگىلىك مىقداردا تۆۋەن باھالىق قورۇما ۋە ھەقسىز شورپا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزىلاردىكى ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىش تەلەپ قىلىندى.

ئۇقتۇرۇشتا: ئوقۇغۇچىلار تەتىلدىن قايتقاندىن كېيىن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، سىنىپ مەسئۇلى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ، ياتاقلارغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىشقا، سىنىپ يىغىنى ۋە يىللىقلار يىغىنى ئېچىش شەكلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش ھالىتىگە تېزدىن قايتۇرۇشقا تەشكىللەش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى جەمئىيەتتە قىلغان ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىلدە جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئەستايىدىل قېزىش، خۇلاسىلەش ۋە تەشۋىق قىلىش؛ ئوقۇتقۇچىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بىر قېتىم ئەخلاق تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش؛ مەكتەپ، ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكىتلەندى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ