ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتى

ۋاقىت : 2011-10-11 16:56 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش

 

ھەرىكىتى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

 

    جىڭ بۇنىڭ 23 سېنتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى سىنلىق يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىيادە دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان نۇقتىلىق مەسىلىلەر كۈچەپ، ياخشى ھەل قىلىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىلىدىكەن، مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ناتوغرا ھەرىكەتلەر روشەن ئازايتىلىدىكەن.

    بۇ يىل 6 ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى نازارەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۆت ناھىيە تەۋەسىدىكى 17 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئايرىم مەكتەپلەردە دەم ئېلىش، ھېيت بايرام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس تولۇقلاش، قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار باشقا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ۋە دەرس ئۆتۈش، شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا نۇقتىلىق سىنىپلارنى ئېچىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ باھالاش، ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە ئىسىم تەرتىپى تۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ھازىر مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ تەخىرسىز مۇنداق ئۈچ خىزمەت بار: بىرىنچى، دەرس پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ دەرس پىلانى بويىچە ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللىشى كېرەك، ھەر قانداق مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس پىلانى ۋە دەرس سائىتىنى ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىشىگە ياكى قىسقارتىشىغا شۇنداقلا دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىلىرىنى ۋە ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى تەڭشىشىگە بولمايدۇ. مەكتەپلەر تەنتەربىيە، سەنئەت دەرسلىرىنى ۋە پەن تېخنىكا، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، تەنتەربىيە سەنئەت بويىچە «1+2» تۈرىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، جايلار مەشغۇلات ۋاقتى ۋە تاپشۇرۇقلارنى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقلارنى دەرس ئۆلچىمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشى، دەرس مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تاللىشى، قىيىنلىق، ئوڭايلىق دەرىجىسى، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، جازالاش خاراكتېرىدە تاپشۇرۇق بەرمەسلىكى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى تىرىشىپ يېنىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا قاتلاملىق، ئېلاستىكلىق، مۇھاكىمە خاراكتېرلىك، ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە تاپشۇرۇقلارنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جايلار دەم ئېلىش، ھېيت بايرام، يازلىق، قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاش ياكى يېڭى دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللەشنى قەتئىي چەكلىشى، بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش ھەرىكەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى، كۆپرەك ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسى ۋە ساغلاملىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاتالمىش«نەتىجە»،«يۇقىرى مەكتەپلەرگە كىرىش (ئۆتۈش) نىسبىتى»نى قوغلاشماسلىقى كېرەك.

    ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار پاك دىيانەتلىك بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئىلمىي مائارىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھەق ئېلىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشىغا، ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلىشىغا، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ھەق ئېلىنىدىغان تەربىيەلەش كۇرسى ۋە دەرس تەكرارلاش سىنىپلىرىنى ئېچىشىغا ۋە مۇشۇنداق سىنىپلارغا ئوقۇغۇچىلارنى شەكلىنى ئۆزگەرتكەن ھالدا قاتناشتۇرۇشىغا بولمايدۇ. جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بۇ ھەقتە ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشى، ھەر قانداق شەكىلدىكى مەكتەپكە كىرىش بويىچە مۇناسىۋەتلىك تاللاش ئىمتىھانى ياكى سىناق ئىمتىھانى ئېلىشىنى چەكلىشى، ئوقۇغۇچىلار مۇسابىقىسى، ئىمتىھان نەتىجىسى، ئالاھىدىلىكىنى باھالاش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، مەكتەپ رايونى دائىرىسىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون 2009 يىلى كۈزدىن باشلاپ «ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇندەرىجىسى»نى تۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يىغىندا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىغا تەشكىللىك ھالدا مۇشتەرى بولماسلىقى، ئوغرىلىقچە نەشر ياكى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى قەتئىي توسۇشى، كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ مەكتەپتە كىتاب، ماتېرىياللارنى سېتىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
75%
ناچاركەن
(1)
25%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ