ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن

ۋاقىت : 2010-03-14 20:55 | مەنبەسى : بەشتاش مۇنبىرى | ئاپتۇر : تۇردى توختى | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن تۈۋەن؟

 
 

 

تۇردى توختى
 

مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن تۆۋەن بولىۋاتقانلىغىنى ھەر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈلۈپ كىشىلەردە بەلگىلىك قاراش پەيدا قىلىندى.چۈشەندۈرگەنلەرمۇ كەڭ دائىرىلىك،ھەر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا مەسىلىنى ماھىيىتىدىن ئەمەس بەلكى سىرتقى شەكىلدىن ئىزدەشتەك چەمبىرەكنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى.مىنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم نۇرغۇن كىشىلەر تەربىيىلىنىش شارائىتى بىلەن ھېسابلاشماي شۇ ۋاقىتتىكى ئەمىلى ئەھۋالنى(ياكى ئىمتىھان نەتىجىسى،ياكى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى...) چىقىش قىلىپ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەكچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن زادى قانداق قىلغاندا مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرەلەيمىز دېگەن مەسىلە ھەقىقىي جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.
    بۇنداق، جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىك بىزنى دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىيەلمەيلا قالماي سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا تەدبىر بەلگىيەلمىدى،بەلگىلىسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان بەلگىلىمىلەر تۈزۈلۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى بوغۇش بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچىلارنى نەيرەڭۋاز قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.بۇ نۇقتىنى مەن تەكىتلىمىسەممۇ كەڭ كەسپداشلار ئوبدان چۈشىنىدۇ.
مەن تۆۋەندە مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ.كەڭ كەسپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
                                                1.ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرق
    بىر ئۈستقۇرۇلمىغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي بازىس ئۇنى روياپقا چىقارغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ خىل ئۈستقۇرۇلما ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن ھەر تەرەپلىمە يېتىلىش شارائىتىغا ئېرىشىپ تەرەققى قىلغاندا  چاغدىلا ،ئىقتىسادىي بازىس ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇ ئوبېكتىپ  قانۇنىيەت بولۇپ ،بۇ قانۇنىيەت بۇزۇلسا ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس بىر-بىرگە ماس كەلمەي قالىدۇ....
  رايونىمىزنىڭ مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك شارائىتى  رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ  كېيىن قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قىسقىسى رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى مەيلى ئوبېكتىپ مەيلى سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدىن بولسۇن ئېلىمىز ئىقتىسادى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.بۇنداق پەرق تەبىئىي ھالدا رايونلار ئوتتورىسىدىكى مائارىپ شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ،بۇنداق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئىي ھالدا رايونىمىز مائارىپىنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەن ئىشىنىمەنكى رايونلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادى پەرق ئازايسا ياكى تۈگىتىلسە مائارىپتىكى تەربىيىلىنىش پۇرسىتى باراۋەرلىككە ئېرىشىدۇ-دە مىللى مائارىپ سۈپىتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.

                                2.مائارىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەر
مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورتاق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن شارائىتى ياخشى رايونلار بىلەن ناچار ئورۇنلارنىڭ ئۆتىلىدىغان دەرسلىكىنىڭ سالمىغىدا ھېچقانداق پەرق يوق بولۇپ،بۇنداق دەرسلىك جەھەتتىكى قاتماللىقمۇ سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرگە مەۋجۇت بولىۋاتقان رايۇنىمىزدىكى بەزىبىر ئوقۇتۇش رېئاللىقلىرىمۇ  سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولىشىنى بەلگىلەپ قويدى.بۇنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
    1)ئىككى ئاساسەن ئېلىپ كەلگەن رىيانلىق
    ئىككى ئاساسەن يولغا قويۇلغان ئون نەچچە يىلدا ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بەزى نەرسىلەرنى مائارىپىمىزغا ئاتا قىلدى.بۇنداق قانۇنىيەتسىزلىك مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى.
مىسال:ئىككى ئاساسەننىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى«مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش ھەركىتى»ۋە «يىل مائارىپى»(ئىسمى ئوقۇپ،جىسمى ئوقۇمايدىغان ھەركەتلەر)...
  2)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش ئەھۋاللىرى
  مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن پەقەت مائارىپ ساھەسىدە غەيرى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ قوياي.
  مائارىپ خىزمىتى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى يادرو قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ يادرونىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان غەيرى يادرولۇق خىزمەتلەر قىستىلىپ كىرىۋېلىپ ،نورمال تەرتىپنى بۇزىۋەتتى... بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى كۆپىيىپ ئىشنى ئالۋىڭىغا قىلىدىغان ھالەتلەر شەكىللەندى.بۇنداق يۇقىرى بېسىممۇ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ سۈپەتنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەپچى بولدى.
  3)دەرس ۋاقتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسىلىغى
  مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلەردە ھەر خىل ئەمگەك،تەكشۈرۈش...قاتارلىقلارنىڭ دەستىدىن ساپ ئوقۇتۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن بولماي قالدى. بۇنداق رېئاللىقمۇ سۈپەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
  4)مەكتەپتە ئاز بىر قىسىملارغا يۆلىنىش خارەكتىرى
  مەكتەپلىرىمىزدە 90-يىللاردىن باشلاپلا تەجبىرە سىنىپ،كۈچەيتىش سىنىپ...دېگەندەك «ئالاھىدە» سىنىپلار ئېچىلىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيىگە سەل قارىدى.بۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى بولغان«ئادەتتىكى سىنىپلار» ئېتىبارسىز قېلىپ تەربىيەنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ئەكس تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ ھال ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنى غەمگە پاتۇرۇپ قويدى.بۇنداق  قىسمەنلىككە يۈزلىنىش«قوش تىل مائارىپى»يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تازا ۋايىغا يەتتى...بۇنداق رېئاللىقمۇ سۈپەتنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.
  مېنىڭچە يۇقارقى پەرقلەر ۋە مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەكتەپ باشقۇرۇش ھادىسىلىرى تۈپتىن تۈزىتىلسە مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىمۇ تەدرىجى ئۆسۈپ ،ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىشى مۇمكىن.ئەگەر تەربىيىلىنىش شارائىتى جەھەتتىكى پەرق مۇشۇنداق چوڭ بولۇۋەرسە مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىمۇ تۆۋەنلىك ھالىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ