ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ ئورۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا ئاتا-ئانىلارقانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟

ۋاقىت : 2014-06-28 14:36 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنىڭ ئورۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا ئاتا-ئانىلارقانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟

بالىلارنىڭ ئورۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا ئاتا-ئانىلارقانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟

بەزى بىر قىسىم بالىلار كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، بىر ئۇنىڭغا بىر بۇنىڭغا ئېسىلىپ، ھەمىشە بىر خىل ھالىتىنى ساقلىماي، دائىم جىدەل قىلىپ، قائىدە چۈشەنمەي، ئادەمنى بىزار قىلىدۇ. نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىمىغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىدۇ. بالىلارنىڭ بۇنداق ئورۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا ئاتا-ئانىلار زادى قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟

▲ناۋادا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويغان تەلىپى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ يۈكى ئېشىپ، دائىم جىددىيلىشىدىغان، شۇنداقلا ھەمىشە ئورۇنسىز جىدەل قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيىلەش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىشكە تىرىشىپ، بىر خىل تىنچ بولغان روھى كەيپىياتىنى ساقلىشى كېرەك.
▲ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ماددىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى بالىلارنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردىغان ئۇسۇل قىلىۋالماسلىقى كېرەك. بۇخىل ئۇسۇل بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمايدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماددى مۇكاپات بىلەن مەنىۋى مۇكاپاتنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.
▲بالىلار ئورۇنسىز جىدەل قىلغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار گەپ تېمىسى ۋە كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ياكى بولمىسا قەستەن سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، بالىلارغا بۇخىل ئورۇنسىز جىدەلنىڭ ھىچقانداق نەتىجىسى بولمايدىغانلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزلىكىدىن بۇنداق يامان قىلىقىنى تۈگىتىشى لازىم.
▲بالىلارغا نىسپەتەن مۇۋاپىق بولغان مەغلۇبىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ قەلبىدە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بالىلاردا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ ئىرادىسنى كونترول قىلىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ