بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز

مەن مەلۇم بىر سورۇنغا قاتنىشىپ ئىككى تونۇشۇمنىڭ «ئەمدى بالىلارنى بۇرۇنقىدەك ئويۇنغا قويۇپ بەرگىلى بولمايدۇ، جۇمۇ!...» دەپ بالىلارنى بالدۇر ئالىم قىلىش توغرىسىدىكى پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ھەر قېتىم ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق پارىڭىنى ئاڭلىسام، بىغۇبار بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالىمەن. چۈنكى ھازىرقى بالىلار بىز ئوينىغان ئويۇنلارنى ئويناش ئۇياقتا تۇرسۇن، شۇ ئويۇنلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ، نېمىلا ئىش قىلسۇن، پۇل ياكى بىرەر سوۋغاتقا ئېرىشىشنى كۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبنى نەدىن ئىزدەش كېرەك؟ يەنىلا شۇ «بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز» دەپ تىنىم تاپماي چېپىپ يۈرگەن ئاتا - ئانىلاردىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئاۋۋال، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئالىملار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئېيتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. ئۇنىڭدا «بالىلار ئۈچ ياشىتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە مىجەز خارەكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان نېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچتا بولىدۇ» دەپ يېزىلغان. چۈنكى، نۆۋەتتە پىسخىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش يېشى كۈندىن - كۈنگە كىچىكلەپ، بۇرۇنقى بوۋاي - مومايلاردىن بوۋاقلارغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. كورىيەلىك مەشھۇر بالىلار پىسخولوگى، پىروفېسسور شېن يىجىن مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: «بالىلار بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە بولىدۇ. ئەگەر چوڭلار ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېچىشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار ئىنتايىن چوڭ خەتەر ۋە خاتالىققا يول قويغان بولىدۇ». ئۇ يەنە ئاتا - ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىدا بالىلارنى ئۆگىنىشكە زورلاشنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ قارشىلىق پىسخىكىسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەم بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بېسىملار ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر».
يۇقىرىقى بايان ۋە دەلىلەردىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولاي دېسىڭىز ھەم بالىڭىزنىڭ تالانت ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇلارغا ھەر ۋاقىت مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى بېرىڭ، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلار بىلەن بىللە بولۇڭ، ئۇلارغا ئىشىنىڭ، مۇھىمى، ئۇلارغا بالىلىق قەلبى قانغۇدەك ئويۇنلارنى ئويناشقا ئەركىنلىك بېرىڭ. چۈنكى بالىلارنىڭ بەش ياشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ ئوينىغان ئويۇنلىرى ئۇلارنى چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىزنىڭ «قارا - قارا قۇشلارىم»، «مۆكۈ - مۆكۈلەڭ»، «ئۇچتى - ئۇچتى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئويۇنلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىش ۋە كوللىكتىۋېزىملىق ئېڭى يېتىلىدۇ.
مېنى ئويلاندۇرغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى، ئۇلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئالىدىغان «توپ» قا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىدۇر.
مەن بەزى ئاتا - ئانىلىرى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن سىردىشىپ باقتىم. ئۇلارنىڭ ھازىر ئۇچراۋاتقان بېسىمى ئۆگەي ئاتا - ئانىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاتا - ئانىلىرىدىن ئىكەن. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبىدىن ئەسلىدىلا دىلى سۇنۇق، بوينى قىسىق، كۆزى نەم بۇ سەبىي بالىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىدىغان دەۋرىدە دەشنام ئاڭلاشتىن ساقلىنالماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسلى كۆڭۈل بۆلۈشكە، ھېسداشلىق قىلىشقا موھتاج قەلبى تېخىمۇ ئازار يەپتۇ.
ئېنىقكى، بۇنداق بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسى بارا - بارا قاتماللىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىمگە ۋە ھېچنېمىگە مۇھەببەت باغلىمايدىغان، كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوقۇشتىن رايى يېنىپ ئويۇنخانىلارغا قاترايدىغان، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ھەر خىل ئىچىملىك، چېكىملىك ۋە باشقا ناتوغرا يوللاردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاندىن ئاتا - ئانىلار «ھازىرقى بالىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتتى!» دەپ قاقشايدۇ، ئەيىبنى ئۆزىدىن ئىزدەپ كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلغۇم كېلىدۇ: بالىلىرىڭلار سىلەرنى چوڭ بىلىدۇ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ئالدى بىلەن سىلەرنى ئۈلگە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوبرازىدىن يۈكسەك يەنە بىر ئوبراز بولمايدۇ. قەلبىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوبرازى خۇنۈكلىشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ باشقا بالىلاردەك ساغلام، ئۈمىدۋار، كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل، ئىرادىلىك ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى سىلەرنى ئۈلگە قىلىدىغان، سىلەرنى چوڭ بىلىدىغان، گېپىڭلارنى ئاڭلايدىغان بولۇپ چوڭ بولسۇن دېسەڭلار، بولمىغۇر گەپ - سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاق قەغەزدەك روھىي دۇنياسىنى بۇلغىماڭلار. ئەگەر ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا - ئانا بولساڭلار، ئۇنداقتا پەرزەنتىڭلارنىڭ پاك قەلبىنى پەرۋىش قىلىشقا ھەرگىز سەل قارىماڭلار. ئىمكان بار ئۇلارغا ئىللىق كۈلكە ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىڭلار! «بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز» دېگەن گەپ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمىسۇن!
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرمايدىغان بىر قانچە ئىش
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرماي
- بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
- پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسى
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپا
- بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قانداق يېتەكچى
- بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىش
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلى
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولى
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەي
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈ
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك ق
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرمايدىغان
- بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
- پەرزەنتلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قانداق يېتەكچىلىك قى
- بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىش
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق يېت
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بالىلار ياقتۇرمايدىغان
- بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا ماكان
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگى
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟