ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى ئۈچۈن زادى قانداق مەكتەپلەرنى تاللىشى كېرەك؟

ۋاقىت : 2014-06-23 21:29 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى ئۈچۈن زادى قانداق مەكتەپلەرنى تاللىشى كېرەك؟

    لى لېن
ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى ئۈچۈن زادى قانداق مەكتەپلەرنى تاللىشى كېرەك؟

    5 – ئاي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ خانىم كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۇمىدە باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئوغلىغا مەكتەپ تاللاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ خەيدىيەن رايونىدىكى بىرقانچە مەكتەپنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆردى. جاڭ خانىم: ‹‹تاللاشقا توغرا كەلسە، ئەلۋەتتە داڭلىق، ئوقۇتقۇچىلار توپلاشقان، ئالاھىدىلىكى بار مەكتەپلەرنى تاللىغان ياخشى›› دېدى.

    جاڭ خانىمنىڭ سۆزى ھازىرقى ئاتا – ئانىلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزلەر ئىدى. ئۇنداقتا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرى ئۈچۈن زادى قانداق مەكتەپلەرنى تاللىشى كېرەك؟

    ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا – ئانا يەنىلا مەكتەپ تاللاشتەك قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە.

    جاڭ خانىم: بالامنى زادى قايسى مەكتەپكە بەرسەم بولار، ئۆيىمىزگە يېقىن مەكتەپ ئۇنچە داڭلىق ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ ئادەتتىكىچە، شۇڭا بالامنى يەنىلا داڭلىق مەكتەپكە بەرگىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ، دېدى.

    لى پىڭ: بالامنى ئۆيىمىزگە يېقىن مەكتەپكە بەرسەم، ئاپىرىپ، ئەكىلىشكىمۇ قولاي، لېكىن ئانچە داڭلىق ئەمەس، نوپۇسىمىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مەكتەپنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولغان، نامىمۇ مەشھۇر، لېكىن ئۆيىمىزگە يىراق، بالام ئۇ مەكتەپتە ئوقۇسا بېرىپ – كېلىشتە بەكلا قېينىلىپ قالىدۇ، قانداق قىلسام بولار ، دېدى.

    ‹‹ئازادلىق گېزىتى›› يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاتا – ئانىلارنىڭ %76ى ‹‹داڭلىق مەكتەپ››لەرنى تاللىغان، %40ى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۈك مەكتەپنى تاللىغان، %65ى مۇھىتى ياخشى مەكتەپنى تاللىغان، %70ى خاسلىققا ئىگە مەكتەپنى تاللىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەكتەپنىڭ داڭلىق بولۇش – بولماسلىقى نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ مەكتەپ تاللاشتىكى بىرىنچى ئۆلچىمى بولۇپ قالغان.

    ‹‹مەكتەپ تاللىغاندا مەكتەپنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سىز ئويلىشىۋاتقان مۇھىم مەسىلىمۇ؟›› دېگەن مەسىلىگە %87 ئاتا – ئانا ‹‹ھەئە››، %13 ئاتا – ئانا ‹‹ياق››، دەپ جاۋاپ بەرگەن؛ ‹‹قايسى ئامىل بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەڭ مۇھىم؟›› دېگەن مەسىلىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ %62 ى ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ۋە سەۋىر – تاقىتى››، %15ى ‹‹مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى››، %17ى ‹‹بالىلارنىڭ تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى››، %5 ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش تەربىيەسى›› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئوقۇتۇش نەتىجىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ مەكتەپ تاللاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولغان.

    بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتا – ئانىلارنىڭ قارىشىچە داڭلىقلىق دەرىجىسى، ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى مەكتەپ تاللاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم ئىكەن. بىر مۇتەخەسسىس: باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغىچە ئەڭ ئاساسلىق دەرس ئۇخلاش، ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا ساغلاملىق بولمايدۇ. ئاتا – ئانىلار مەكتەپ تاللىغاندا ئاۋال بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالامدۇ – يوق؟ دېگەننى ئويلىشىشى كېرەك، دېدى. يەنە بىر مۇتەخەسسىس ‹‹مەكتەپنى قانداق تاللاش كېرەك؟›› دېگەن تەكلىپىدە، بالىلارنى ھەر كۈنى بىر سائەت ئارتۇق ئۇخلىتىش كېرەك، بۇ بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ، بۇ ھەممىدىن مۇھىم، دېگەن .

    ئاتا – ئانىلار داڭلىق مەكتەپلەرنى قوغلىشىدۇ، چۈنكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ كۈچلۈك، بالىلارغا ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش شارائىتى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇغىنىسى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىر بالىغا ماس كېلىشى ناتايىن.

    تەكشۈرۈش جەريانىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە مەكتەپ تاللاپ بېرىش ئىشىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ‹‹ئەسلىدە ئۆگىنىشىم يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن ياخشى مەكتەپكە كىرىشىمگىلا، ئاتا – ئانام يەنە مېنى تەكرارلاش سىنىپىغا قاتناشتۇردى، بۇ ئىچىمنى بەكمۇ پىشۇرۇۋەتتى.›› ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر ئەقىل بۆلمىسى بىلەن ئىقتىدارى داڭلىق مەكتەپنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتمىسە، داڭلىق مەكتەپتە ئوقۇغاندا بەكلا جاپا تارتىپ قالىدۇ؛ ئەگەر بۇ مەكتەپنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتسە ئۆگىنىشكە بەكلا كۈچ سەرپ قىلىۋېتىپتىمەن، دەپ ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىنىڭ بۇنداق مەكتەپكە ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى ئاتا – ئانىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوبدان دەڭسەپ كۆرگىنى ياخشى.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ھەقىقىي ياخشى مەكتەپ بالىلاردا بۇ مەكتەپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىكەنمەن، دەيدىغان تەسىرات قالدۇرىدىغان بولۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇش، ئۆگىنىش رىتىمىغا يېتىشەلمەيدىغان مەكتەپتە ئوقۇتقاندىن كۆپ ئەۋزەل.

    بىر مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانىلار مەكتەپ تاللىغاندا، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ھەم بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە قارايدۇ، لېكىن ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا قاراش كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا تەرەپلەرگە، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئەھۋالىغىمۇ قاراش كېرەك. ئاتا – ئانىلار مەكتەپ تاللىغاندا بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرەلەيدىغان مەكتەپنى تاللىشى كېرەك. بۇنداق مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئەسلىدىكى ئاساستا ئۆسكەن بولسا، بالىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۆسكەن بولىدۇ. بىر مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇشى بالىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: مەيلى ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش بولسۇن ياكى مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى بولسۇن، ھەممىسى ئاتا – ئانىلارنىڭ مەكتەپ تاللىغاندا، ئەڭ مۇھىمى بالىلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خالاش – خالىماسلىقىنى چىقىش قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەكتەپنىڭ نامى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شارائىتى قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلار سىرتقى ئامىل، ئوخشىمىغان ئائىلە، ئوخشىمىغان ئۆگىنىش ئەھۋالىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەستىن، بەلكى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن.

    لېكىن، ئاتا – ئانىلار ھەمىشە بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يېتەلمەي، قارىغۇلارچە ئەۋزەل مەكتەپلەرنى قوغلىشىپ، بالىلىرىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ۋە خالاش – خالىماسلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ‹‹ئوقۇش ۋە مەكتەپ تاللاش›› دېگەن مەسىلىدە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بالىلارنىڭ %21لا ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغان، %80كە يېقىن ئائىلىدە ئاتا – ئانىنىڭ پىكرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان. دېمەك، مەكتەپ تاللاش ئىشىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولغان، بالىلارنىڭ پىكرىگە ئاز قۇلاق سېلىنغان ياكى ئەسلا قۇلاق سېلىنمىغان.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: مەكتەپ پەقەت بالىلار ئۆگىنىش قىلىدىغان سىرتقى مۇھىت، ئەگەر بالىلار مەكتەپ تاللاشنى خالىمىسا ياكى مەكتەپ بىلەن ماسلىشالمىسا، مەكتەپ تاللاش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتالمايدۇ، ھەرقانچە ياخشى مەكتەپمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولالمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ مەكتەپ تاللىغان ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىدىن ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ ھەر كۈندىكى، ھەر سائەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شۇڭا بالىلار مەكتەپتە خۇشال – خۇرام يۈرۈۋاتامدۇ؟ ھەرتەرەپتىن تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇۋاتامدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟دېگەنلەرنى كۆپرەك سوراپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئىمتىھان نەتىجىسى، مەكتەپنىڭ داڭقى قاتارلىقلاردىنمۇ مۇھىم.

    مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھىم. قانداق مەكتەپلەر بالىلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ؟ مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، ئۆيگە يېقىن مەكتەپلا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىكەن. چۈنكى، ئۆيگە يېقىن مەكتەپ بالىلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ئۇخلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ھېس قىلغان مەكتەپلا بالىلار كۆڭۈلدىكىدەك ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىغان مەكتەپتۇر.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ