ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى
ياشانغانلار ھەر خىل زىددىيەت ، توقۇنۇشلارغا يولۇقۇپ ، كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغاندا ، ئامال بار كەيپىياتىنى تېزرەك تەڭشەپ ياكى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىچىنى بوشىتىۋېلىپ روھىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك . مەسىلەن ، كوتۇلداش ، پاراڭلىشىش ، يىغلاش، باشقىلارغا دەردىنى تۆكۈش ، سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلسا بولىدۇ. توپ ئويناش ، تاغقا چىقىش دېگەندەك ھەرىكەت مىقدارى بىر قەدەر زور پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، روھى بېسىمىنى تۈگىتىپ ، پىسخىكىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ . بىراق ، بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان «ئىچىنى بوشىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.
دىققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى
ياشانغانلار روھىي بېسىمغا ئۇچراپ ، ئىچى سىقىلغان چاغدا، مۇھتىنى ئالماشتۇرۇش، نىشاننى بۇراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دىققىتىنى ئۆزىگە خۇشال-خۇراملىق ئاتا قىلىدىغان مۇزىكا ئاڭلاش، كومىدىيلىك تېلۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈش، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىش ، تەبىئەتنىىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەھرىلىنىش ، قىزىققارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش دېگەندەك ئىشلارغا بۇراپ ، ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىشى كېرەك.
ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بېرىش ئۇسۇلى
ياشانغانلار كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ ، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتەلمىگەندە ، ئۆزىگە ئۆزى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەسەللىي بېرىپ ئۆزىدىكى تەشۋىشلىنىش ، قايغۇرۇش ، ئازابلىنىش ، ۋە ئۈمىدسىزلىنىشتەك ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىش كېرەك.
سۆز ئارقىلىق بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى
سۆز ئارقىلىق بېشارەت بېرىش ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ھەتتا ئىش -ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئاجايىپ رول ئوينايدۇ.ئۆزىدىن بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى سۆز ۋە ئوينىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ياكى مۇددىئانى كرسىتىپ بېرىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىدۇ.مەسىلەن ، كەيپىياتى جىددىيلەشكەن ،كۆپ چۈش كۆرۈپ ياخشى ئۇخلىيالمىغان چاغلاردا ، ئۆزىنى تىنىچلاندۇرىدىغان ، ئەركىن-ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدىغان ، ئۇيغۇسىنى كەلتۈرىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بەرسە بولىدۇ. يەنى «ئېغىر-بېسىق ، تەمكىن بول» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق جىددىيلىكنى تۈگىتىپ ، ئۇيغۇنى ياخشىلىسا بولىدۇ.
كۈلكە -چاقچاق ئىچىدە ياشاش ئۇسۇلى
ياشانغانلار يۇمۇرلۇق ، كۈلكە-چاقچاق ئۈزۈلمەيدىغان مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرسە سالامەتلىككە پايدىلىق . كۈلكە كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپلا قالماي ، ئورگانىزىملاردىكى ھەر قايسى سېستىمىلارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىغا ئىگە ، ئادەملەرگە ۋە ئىشلارغا يۇمۇرلۇق نەزەردە قاراشقا ماھىر بولغاندا ، بىر قىسىم زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشلارنى ئاسانلا ھەل قىلىپ ، كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى ، ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە پايدىلىق.