پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇ ...
  • ياشانغانلار ۋە ئاچچىقسۇ
  • ئۇخلاش ئالدىدا
  • ياشانغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكل ...
  • بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز....
  • ھايات ھەققىدە ياشلارغا بېرىلىدىغان تەكلىپلەر
  • ياشانغانلارىكى يۆتىلىش، ھاسىراشنى ئائىلىدە داۋالاش ئ ...
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • جورىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ روھىي ھال ...
  • بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز....
  • ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە
  • ياشانغان ئەرلەر ۋىتامىن K ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئىنسۇ ...
  • ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
  • ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
  • ياشانغانلار ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گرىپ ...
  • ياشانغانلار نېمىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك ؟
  • ياشانغانلارنىڭ باش ئاغرىقىغا سەل قارىماڭ
  • ئاچچىقسۇنىڭ ياشانغانلارغا بولغان پايدىسى
  • ياشانغانلار قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا . ...
  • ئوتتۇرا ياشتىكى كېشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆت يولى كېسەللىكل ...
  • ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىدىكى 12 پەرھىز
  • ياشانغانلار سەمىگە
  • قېرىلىق ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
  • قايسى دورىلار ياشانغانلاردا كىسەللىك پەيدە قىلىدۇ؟
  • ياشانغانلاردا بولىدىغان مەزى بېزى يوغىناش كېسىلى
  • ياشانغانلار كۈندۈزى كۆپ ئۇخلىسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپت ...
  • قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدى ...
  • قېرىلىققا قەدەم قويغاندا ئۈچدىن ساقلىنىش ...
  • ياشانغانلار بار ئائىلىدە قايسى خىل دورا ياكى ئەسۋابلا ...
  • ياشانغانلار ھەر كۈنى 20 مىنۇت مېڭىپ بەرسە...
  •  
    قېرىلىق ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
    يوللىغان ۋاقىت:2009-04-06 ئاۋاتلىقى:2086
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


    قېرىلىق كېسىلى ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان قېرى ئادەملەرنىڭ , يەنى قېرىلىق دەۋرىدە بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ قېرىلارغا خاس بولغان كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . قېرىلىق ئادەم ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر مەزگىل , قېرىلىق دەۋرىدە مۇپتىلا بولغان كېسەللىكلەر ياشلىق دەۋرىگە ئوخشىمايدۇ , كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى , راۋاجلىنىشى ھەم ساقىيىشى ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدە بولغان رىتىمچانلىقى ھەم ئالاھىدىلىكى بار , شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرخىل كېسەللىك ئوخشىمىغان ئوتتۇرا ھەم قېرى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار .

         1.قېرىلىق كېسىلىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

          قېرىلىق كېسىلى ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان قېرى ئادەملەرنىڭ , يەنى قېرىلىق دەۋرىدە بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ قېرىلارغا خاس بولغان كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . قېرىلىق ئادەم ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر مەزگىل , قېرىلىق دەۋرىدە مۇپتىلا بولغان كېسەللىكلەر ياشلىق دەۋرىگە ئوخشىمايدۇ , كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى , راۋاجلىنىشى ھەم ساقىيىشى ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدە بولغان رىتىمچانلىقى ھەم ئالاھىدىلىكى بار , شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرخىل كېسەللىك ئوخشىمىغان ئوتتۇرا ھەم قېرى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار .

          2. قېرىلىق كېسىلىنىڭ تۈرلىرى

          ئادەتتە قېرى ئادەملەرنىڭ كېسىلىنى كېسەل پەيدا بولۇش ۋاقتىغا ئاساسلىنىپ ئۈچ تۈرگە ئايرىيمىز : 1 تۈر كۆپىنچە قېرىلىق مەزگىلىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر ,مەسىلەن قېرىلىق دۆتلىك كېسىلى , قېرىلىق مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش , قېرىلىق كاتاراكتىسى قاتارلىقلار . 2تۈر ياشلىق دەۋرىدىلا كۆرۈلىدىغان بەزى كېسەللىكلەر قېرىغاندا كۆرۈلۈش نىسپىتى يۇقىرىلاش , مەسىلەن , يۇقىرى قان بېسىم , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىش خاراكتىرلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار , 3تۈر قېرىلىق ھەم ياشلىقتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر , مەسىلەن زۇكام , ئإپكە ياللۇغى , ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلار .

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

          3.قېرىلىق كېسىلىنىڭ ئاساسلىق كېسەل سەۋەبلىرى

          قېرىلىق كېسەللىكلىرى يېشى ,جىنسى , خىزمىتى , شەھەر رايونلىرىنى ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا , شۇڭلاشقا رايونلارنغا تارقىلىش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ پەرق بار . كۆپىنچە قېرىلىق كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ . ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا , ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھتىد بولۇۋاتقان ئاساسلىق10خىل ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە : يۇقىرى قان بېسىمى , تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , ئۆسمە , كاتاراكتا , ئاستاخاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , مەزى بېزى ياللۇغى , رىماتىزىم , مېڭە ئاپوپلېكسىيە , تۇبىركۇليۇز , بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ھەم يارا دىن ئىبارەت . بۇنىڭ ئارىسىدا يۇقىرى قان بېسىمى , قان تومۇر كېسىلى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكلەردۇر , شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى قان بېسىمى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنى ئېدىراك قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

          20ئەسىرنىڭ 90يىللىرىنڭ ئوتتۇرلىرىدا , مەلۇم دوختۇرخانىدىكى 323نەپەر 55ياش ئەتراپىدىكى پىنسىيىگە چىققان ياشانغانلارغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان . نەتىجىدە : ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى قان بېسىمى , تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , يارا , مېڭە قان نوكچىسى , سۆڭەك شالاڭلىشىشتىن كېلىپ چىققان يوتا سۆڭىكى بويۇن سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىقلار . بۇنىڭدىن سىرت , ياشانغانلاردا ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبلىرى يۈرەك مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ,نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ھەم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دىن ئىبارەت . قېرىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان 10خىل كېسەللىكنىڭ رەت تەرتىپى : تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلى , مېڭە قان تومۇر كېسىلى , يۇقىرى قان بېسىمى , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , قان ئازلىق , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە , ئائورتا قېتىش , ئۆپكە يەل ئىششىقى , ئۆپكە تۇبىركۇليۇز , دىئابىت (قەنىت سىيىش )كېسىلى . بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن دىئابىت كېسىلىنىڭ كۆپىيىش ئېھتىمالى يۇقىرى .

     مۇزىكا ئۇچۇرلىرى 

          "1996يىلى دۆلىتىمىز سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئىستاتىسكىسى "ئىچىدىكى "ئاھالىلەر كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش سەۋەبى"دىكى شەھەرلەردىكى ئالدىنقى 10خىل كېسەل :مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە , يۈرەك كېسىلى , نەپەسلىنىش تۈرىدىكى كېسەللىك , زەخىملىنىش ھەم زەھەرلىنىش , ھەزىم قىلىش تۈرىدىكى كېسەللىك , ئىچكى ئاجراتما ئوزۇقلۇق مىتابولىزىم ھەم ئىممونىت جەھەتتىكى كېسەللىك , سۈيدۈك سىستىمىس كۆپىيىش سىستىمىس تۈرىدىكى كېسەللىك , روھىي كېسەللىك , ساراڭلىق كېسىلى . يېزا ناھىيەلەردىكى ئالدىنقى 10خىل كېسەللىك : نەپەسلىنىش سىسيىمىسى تۈرىدىكى كېسەللىك , مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك كېسەللىك , زەخىملىنىش ھەم زەھەرلىنىش , يۈرەك كېسىلى , ھەزىم قىلىش سىستىمىسى تۈرىدىكى كېسەللىك , يېڭى تۇغۇلغانلار ئالاقىدار كېسەللىك , سۈيدۈك يولى كۆپىيىش سىستىمىس ئالاقىدار كېسەللىك , يۇقۇملۇق كېسەللىك(ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بۇنىڭدىن سىرتتىدا ) , ئۆپكە تۇبىركۇليۇز . بۇ 10خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى پۈتۈن ئۆلگەنلەرسانىنىڭ 91%دىن يۇقىرىراقنى ئېگەللەيدۇ . ئارىسىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بالىلار كېسەللىكىدىن باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئاساسلىقى ياشانغانلاردۇر.

          ھەرقايسى رايونلارنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈش ئاساسلانغاندا , ياشانغانلار دا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ , لېكىن ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھتىد قىلىدىغان كېسەللىك ئاساسلىقى يۇقىرى قان بېسىمى , ئۇنىڭدىن قالسىلا تاجىسىمان ئارتىرىيە يۈرەك كېسىلى , ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى , ئۆپكە يەل ئىششىقى , مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ھەم دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار . ياشانغانلاردا قوزغىلىش نىسپىتى ھەم ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللىكلەر ئاساسلىقى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى , يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ,مرڭە قان تومۇر كرسەللىكى , نەپەسلىنىش يولىدىكى كېسەللىكلەردۇر .
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ