مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ياشانغانلار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا ، يەنە ئۈچ ۋاخ قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەن . ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، يەنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 لاردا تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان ئالما ، بانان ، ئاپلېسىن ، شاپتۇل ، تاۋۇز قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك ؛ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن ، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا گازىر ، كاۋا ئۇرۇقى ، يەر ياڭىقى (خاسىڭ) ، ياڭاق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك ؛ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۈت بىلەن ئىككى تال پېچىنە يېيىش كېرەك . بۇ خىل ئىستېمال ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە ، ياشانغانلاردىكى دەم سىقىلىش ، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇيقۇنىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدىكەن .