تىراگىدىيىلىك فىلىملەرنى دائىم كۆرمەسلىك كېرەك. ياشانغانلارئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەشكە ئامراق كېلىدۇ، خەيرى- ساخاۋەتلىك ئىشلارنىكۆپرەك ئويلايدۇ. بولۇپمۇ تۇرمۇشتىكى چوڭراق ئەگرى- توقايلىقلارنى. كۆپرەكئازاب- ئوقۇبەت چەككەن پېشقەدەملەرنى ئويلاپ، تراگىدىيىلىك نومۇرلارنىكۆرگەندە، چوڭقۇر ھېسسىياتقا پېتىپ قالىدۇ- دە، كۈن – ئايلارنىڭ ئۆتۈشىبىلەن ئىشتىيى تۇتۇلۇش، كېچىسى خاتىرجەم ئۇخلىيالماسلىق، ھەرىكىتى ئاستا، نېرۋىسى قاتمال، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق دەرت- ئەلەمكېسىلىگە دۇچار بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ جۈپىدىن ئايرىلغان ياكىئائىلىسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشتىن مەھرۇم قالغان ياشانغان كىشىلەر كۆپرەكھەسرەتلەنسە، ھەتتا دۇنيادىن ۋاز كېچىش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ.
ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك. ياشانغانلارداكۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نېرۋا قان تومۇرلىرى قېتىشىش، قانبېسىمى ئۆرلەپ كېتىش، قاندىكى ماي تەركىبى كۆپىيىپ كېتىش، يۇلۇن ئومۇرتقائۇستىخىنى ئۆسۈپ قېلىش، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرى ئوخشاشبولمىغان دەرىجىدە يۈزبېرىدۇ. ئەگەر شۇنچىۋالا كۆپ كېسەلگە دۇچار بوپتىمەندەپ مەيۈسلەنگەندە، گۆرەن تومۇر قىسىلىشقا ئۇچراپ، چوڭ ئۈچەي تارىيىپكېتىش، ئىنچىكىرەپ كېتىش، چوڭ مېڭىنىڭ قان تومۇرلىرىدا قان ئازلاپ ، ئاستىلاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن قايرىلىپكەتسە، بويۇننىڭ ھېسسى نېرۋا بىلەن بولغان ئالاقىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، مېڭە قىسمىدىكى قان تومۇرلار ئاسانلا تارتىشىپ قېلىپ، مېڭىگە قانيېتىشمەسلىك، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئېغىرراقبولغاندا تويۇقسىز يىقىلىپ چۈشىدۇ.
پۇت گۇمپىسىنى مەشىق قىلماسلىق كېرەك. كىشىلەر قېرىلىققا قەدەم قويغاندا ئۇستىخانلىرى بوشاپ چۈرۈك بولۇپچىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتامۇسكۇل، سىڭىر- پەي بۇنىڭغا ماس ھالدا قورۇلۇش ۋە قىسىلىش، مۇسكۇل تالالىرىقىسقىراش، سىڭىر- پەيلەر بوشاش، كېڭىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، يۈرەكنىكونترول قىلىش تەسكە چۈشۈپ، يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇستىخان سونۇش ، چىش چۈشۈشتەكخەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ مەلۇم ۋاقىت داۋام قىلغاندا، باشنىڭئىچىدىن قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ھەتتا ئېغىر ھادىسلەر يۈزبېرىشى مۇمكىن.