يۈرەك، قان تومۇر كېسىلى دورىلىرى: ياشانغانلاردا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بىر قىسىم يۈرەك، قان تومۇر كېسىلى دورىلىرى، مەسىلەن، نىتروگلېتسېرىن (شياۋ سۇدەنگەنيو) قاتارلىق دورىلارنى ساقلاش كېرەك. دېمى سىقلىش، يۈرەك بىئارام بولۇش، يۈرەك سانجىلىپ ئاغىرىش ئالامىتى كۆرۈلسە، نىتروگلىتسېرىن پايدا قىلىدۇ.
ھەزىم قىلىش تۈرىدىكى دورىلار: ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىر قىسم ياشانغانلاردا تاماق يېگەندىن كېيىن ئاسانلا قورساق كۆپىۋېلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغان دورىلارنى ساقلاش كېرەك.
قان بېسىمى ۋە قان قەنتىنى ئۆلچەش ئەسۋابى: ئەڭ ياخشىسى قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى (ئېلېكترونلۇقىنى) ئائىلىدە ساقلاش كېرەك. دېمى سىقىلىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قان بېسىمىنى ئۆلچەپ، نورمال بولمىسا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. زىيابىتۇس (دىئابېت) كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قان قەنتىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئائىلىدە ساقلىشى، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قان قەنتىنى ئۆلچىشى كېرەك.
ئوكسىگېن خالتىسى: يۈرەك كېسىلى ياكى ئۆپكە ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا، ئوكسىگېن خالتىسى ساقلاش كېرەك.
تېرمومېتر: ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا بولغان سەزگۈرلىكى ئاجىزلايدىغان بولغاچقا، قىزىتمىسىنىڭ سەل ئۆرلەپ قالغىنىنى ھېس قىلالمايدۇ. روھىي ھالىتى ناچارلاپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلغان چاغدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بېقىش كېرەك. مەسىلە كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
مۇكەررەم مۇھەممەت تەرجىمىسى