جورىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ روھىي ھالىتىگە بولغان تەسىرى ھەم قايتا نىكاھلىنىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى
ياشانغان ئەر-خوتۇنلار ئۇزۇن مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن يىل بىرگە ئۆتكەن جورىسىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالسا،روھىي زەربىگە ئۇچرايدۇ ھەم روھىي ھالىتىدە ئېرەنسىزلىك،چۆچۈش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئازبلىنىش، ھەتتا ياشاش ئىستىكىنى يوقىتىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ،بۇ خىل ھالەتنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پسىخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.
ئەلۋەتتە،توغرا قوبۇل قىلىش كېرەككى، جورىلاردىن بىرسىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان قانۇنىيەت.جورىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر ھەر قاچان يېقىن كىشىلىرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج بولىدۇ،شۇڭا بۇ ۋاقتتا ياشانغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
بۇنىڭ ئۇچۈن ياشانغانلار:
1)جورىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ،ئۆزىنى روھىي ئازابتىن قۇتۇلدۇرشى كېرەك.كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن قاراپ،جورىسىنى ئەسلەپ تۇرۇشنى ھاياتىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇشنى ئادەت قىلىش كېرەك.
2)ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش:ياشانغاندا كىشىلەر جورىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دائىم ئۆز ۋاقتىدا جورىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلالمىغىنىدىن ئۆكۈنىىدۇ،بۇ ھەقتە ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ،لېكىن قاتتىق پۇيشايمان قىلىش،ئۆزىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس،ئەكسىچە ئارتۇقچە ئۆزىنى ئەيىبلەش تەن سالامەتلىككە زىيانلىق.
3)دىققەت-مەركىزىنى بۇراش:بۇ دېگەنلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ،ئۆز جورىسىنىڭ نەرسىلىرىنى ئايرىپ قويۇپ قويۇش،كۈندە جورىسىدىن قېپقالغان نەرسىلەرگە قاراپ ئازابلىنشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،سالامەتلىكىگە پايدىسى بولغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ،دوست-بۇرادەرلىرى ۋە پەرزەنتىلىرى بىلەن مۇڭدشىش،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىش،ئىمكانقەدەر يالغۇزلۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك،شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر قايتا نىكاھلىنىشنى نورمال ئىش دەپ قارايدۇ.
ئەلۋەتتە،كونىلار دېگەندەك ‹‹بالىلار،نەۋرىلەر قانچە كۆپ بولسىمۇ،يەنىلا يېرىم يولدىكى ھەمراھىغا يەتمەيدۇ.››چۈنكى بالىلارنىڭ ھېسسىياتى جورىسىدەك بىر-بىرىگە يۆلەنچۈك بولۇش،كۆيۈنۈشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.قايتا نىكاھلىنىش ياشانغان كىشىلەرگە روھىي جەھەتتىن شادلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە،ئۇلارنى يالغۇزلۇقتا قالدۇرمايدۇ.فىزىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن قارىغاندا،ياشانغان كىشىلەرمۇ نورمال جىنسىي تۇرمۇش تەلەپ قىلىدۇ.
جىنسىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئادەم پۈتۈنلەي جىنسىي تۇرمۇشتىن ئايرىلغاندا،ئەرلىك ۋە ئاياللىق ھورمۇن ئاجرتىپ چىقىرىش تۆۋەنلەپ،قېرىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.ياپونىيىلىك داڭلىق پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى جىڭ شاڭشىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغان دەۋردىكى جىنسىي تۇرمۇش ئىككى تەرەپنى رىغبەتلەندۈرۈپ،يالغۇزلۇق ۋە غېرىبلىقنى يوقىتىپ،تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدىكەن.شۇنىڭغا ئوخشاش قايتا نىكاھلىنىش ياشانغان كىشىلەرگە قايتىدىن ھېسيات ئاتا قىلىدۇ ۋە ھاياتنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
شۇڭا ياشانغان كىشىلەر قايتا نىكاھلىنىشقا توغرا قاراپ،يۈرەكلىك ھالدا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەمراھ تېپىشى،كېيىنكى تۇرمۇشنى تېخىمۇ مەنىلىك،بەختلىك ئۆتكۈزۈشى،شۇنداقلا پەرزەنتلەرمۇ ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنى توغرا چۈشىنىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ،ئۇلارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلىشى كېرەك.