ياشانغانلار ئۆز مەيلىچە دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. پەيدىنپەي ئىلگىرلەش خاراكتىرىدىكى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دورىنى ئاز ئىشلىتىشى لازىم. بولۇپمۇ كېسەللىك سەۋەبلىرى ئېنىق بولمىغانلار خالىغانچە دورا ئىشلەتمەسلىكى لازىم.
دورىنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولماسلىق كېرەك. "ياشانغانلار ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغانسېرى دورىلارنىڭ ناچار تەسىر پەيدا قىلىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇشى ناچارلايدۇ، ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولغاندا ئاسانلا كۆپ ئىچىۋېلىش، خاتا ئىچىۋېلىش ياكى ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
دورا مىقدارى بەك كۆپ بولماسلىق كېرەك. ئادەتتە، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىشلىتىدىغان دورا مىقدارىنىڭ 1/2 ى ياكى 1/3 ى بولسا بولىدۇ.
دورا ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى ئاجىزلايدۇ، دورىلار ۋە مېتابولىزىم ماددىلىرىنى سۈزۈشى ئازلايدۇ. بەزى ياشانغانلار باشقىلارنىڭ مەلۇم بىر خىل دورىنى ئىشلىتىپ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە كېسەللىك پەرقى بىلەن كارى بولماي دورىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىدۇ. دورا ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە ئاسانلا ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
مەخپىي رېتسىپ، غەيرى رەسمى رېتسىپ، سىناقتىن ئۆتمىگەن رېتسىپلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ياشانغانلار كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق مەزگىللىك، ئاستا خاراكتېرلىك بولغاچقا، پات-پاتلا قالايماقان دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بىراق، بەزى تەجىرىبىدىن ئۆتمىگەن "مەخپىي رېتسىپ" لاردا داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرالماي، دائىم ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىدۇ.
ياشانغانلار قۇۋۋەت دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. تېنى ئاجىز ياشانغانلار ئېنىق پەرقلەندۈرگەن ھالدا ئازراق پايدىلىق قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىراق قۇۋۋەت ئۈچۈنلا ئىشلەتسە، قارغۇلارچە ئىشلەتسە پايدا قىلىش زىيان قىلىشقا ئۆزگىرىدۇ. خەلق ئارسىدا "كېسەلگە قاراپ دورا بېرىلمىسە، بۇغا مۈڭگۈزىمۇ زىيان قىلىدۇ" دەيدىغان گەپ بار.
دائىم ئۆزگىرىپ تۇرماسلىق كېرەك. بەزى ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە "تۇيغۇغا ئاساسەن" دورا ئىشلىتىدۇ. بۈگۈن ئېلاندا بۇنى ياخشى دېگەننى كۆرۈپلا بۇ دورىنى ئىشلىتىدۇ، ئەتە ئۇنى ماختىغىنىنى كۆرۈپلا يەنە ئۇ دورىنى ئىستېمال قىلىپ باقىدۇ. دورا تۈرىنى مۇقىم قىلماسلىق، كۆپ خىل دورىنى ئارىلاش ئىشلىتىش ئاغرىقنى داۋالىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئاسانلا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
ياشانغانلار ئۇزاق ۋاقىت بىر خىل دورىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بىر خىل دورىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە ئاسانلا دورىغا تاقابىلچانلىقنى پەيدا قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە دورىغا تايىنىۋېلىشنى، ھەتتا دورىغا خۇمار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياشانغانلار ئۈچ چوڭ دورىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئانتىبئوتىكلار، ھورمۇنلار ۋە ۋىتامىنلار كىلىنىكىدا دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈنۈملۈك دورىلار، بىراق بۇلار ھەممىگە قادىر دورا ئەمەس. بۇلارنى كەلسە- كەلمەس ئىشلىتىشمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيقۇ دورىسىغا تايىنىۋالماسلىق كېرەك. ئۇزاق مەزگىل ئۇيقۇ دورىسى ئېچىش ئاسانلا باش قىيىش، باش چىڭقىلىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇ دورىسى ئىستېمال قىلغاندا دورىغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ ۋە جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇيقۇ دورىسى پەقەت كېسەللەرنىڭ ئەڭ قىينالغان ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈشكىلا ياردەم بېرەلەيدۇ. داۋالانغان ۋاقىتتا زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان دورىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش لازىم.
سۈرگى دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ياشانغانلار دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، شۇ سەۋەبتىن دائىم سۈرگى دورىسى ئىچسە، ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىنلار دورىدا ئېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمولىسىيىلىشىدىغان ياغلارنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئازلاپ، ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ، ۋىتامىن E ، ۋىتامىنK لارنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.