ئادەم ياشانغاندا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئازلاپ ، ئۈچەي ھەم ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەزىم قىلىش كۈ چى ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغان كىشىلەر كۆكتات ۋە قورۇمىلارنى ئىستېمال قىلغاندا مەلۇم مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاچچىقسۇ بەدەنگە شۇمۇرۇلگەندىن كېيىن ، بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ ، يۇقىرى قان بېسىمى ، قان تومۇر قېتىشىش ھەم يۈرەك كېسەللىكىدىن ساقلىنىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ ، لېكىن ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك .