پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇ ...
  • ياشانغانلار ۋە ئاچچىقسۇ
  • ياشانغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكل ...
  • ئۇخلاش ئالدىدا
  • ھايات ھەققىدە ياشلارغا بېرىلىدىغان تەكلىپلەر
  • ياشانغانلارىكى يۆتىلىش، ھاسىراشنى ئائىلىدە داۋالاش ئ ...
  • بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز....
  • ياشانغان ئەرلەر ۋىتامىن K ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئىنسۇ ...
  • جورىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ روھىي ھال ...
  • ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز....
  • ياشانغانلار ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گرىپ ...
  • ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىدىكى 12 پەرھىز
  • ياشانغانلار قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا . ...
  • ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
  • قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدى ...
  • ياشانغانلار بار ئائىلىدە قايسى خىل دورا ياكى ئەسۋابلا ...
  • ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە
  • ياشانغانلار ھەر كۈنى 20 مىنۇت مېڭىپ بەرسە...
  • ئاچچىقسۇنىڭ ياشانغانلارغا بولغان پايدىسى
  • ياشانغانلار نېمىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك ؟
  • ياشانغانلار كۈندۈزى كۆپ ئۇخلىسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپت ...
  • ئوتتۇرا ياشتىكى كېشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆت يولى كېسەللىكل ...
  • ياشانغانلارنىڭ باش ئاغرىقىغا سەل قارىماڭ
  • ياشانغانلاردا بولىدىغان مەزى بېزى يوغىناش كېسىلى
  • قېرىلىق ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
  • ياشانغانلار سەمىگە
  • قېرىلىققا قەدەم قويغاندا ئۈچدىن ساقلىنىش ...
  • قايسى دورىلار ياشانغانلاردا كىسەللىك پەيدە قىلىدۇ؟
  •  
    ياشانغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
    يوللىغان ۋاقىت:2009-06-09 ئاۋاتلىقى:4281
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

        1.تۇزلۇق يېمەكلىكلەر. ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى باشقا ياشتىكىلەرگە  قارىغاندا ئاجىز بولغاچقا، بەدەندىكى ناترىي ئىئونى بىلەن سۇنى چىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ. ناۋادا ياشانغانلار ئۇزاق مەزگىل تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

        2. تاتلىق يېمەكلىكلەر. ياشانغانلاردا قەنت كېسىلى، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ قەنت كېسىلى بار ياشانغانلار چوقۇم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار باشقا ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ئاز ھەرىكەت قىلغاچقا، بەدەن سۈمۈرۈپ بولالمىغان قەنت تۈرىدىكى ماددىلار ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

       3. خام يېمەكلىكلەر. بەزى ياشانغانلار يېمەكلىكلەرنى يېرىم پىشۇرۇپ، ھەتتا خام ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم خام ئىستېمال قىلغاندا تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش خاتا. چۈنكى خام يېمەكلىكلەر تەركىبىدە باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلايدىغان بولغاچقا، ئۇلار خام يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، بۇنداق زىيانلىق تەركىبلەر يوقىلىپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

       4. سوغۇق ئىچىملىكلەر. ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلايدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىدۇ، ئىشتىھا تۇتىلىدۇ. ناۋادا ياشانغانلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلسا، سوغۇق ئىچىملىكلەر ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى قان تومۇرلارنى تارايتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ – دە، بارا – بارا ئاشقازان يەللىكى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەي، قايناق سۇ، سوۋۇتۇلغان چاي ئىچىپ بېرىشى كېرەك.

       5. ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەر. ياشانغانلار ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۈندىلىك تاماق يېيىش رىتىمىگە تەسىر يېتىدۇ ھەم كۈندىلىك تاماق مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. ئادەتتە، ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك پايدىلىق تەركىبلەر ئاز بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بەدەن ئاجىزلاپ، ھەرخىل كېسەل پەيدا بولىدۇ.

       6. ياغلىق يېمەكلىكلەر. ئادەتتە، ياشانغانلارنىڭ قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىراق بولىدۇ. بۇ بەدەننىڭ مىتابولىزم ئىقتىدارىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلاشقانلىقى، ھەرىكەتنىڭ ئازلىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قاندىكى ياغ تەركىبى ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى بولسا، ئاسانلا يۈرەك تاجىسىمان قان تومۇرى، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى، يۇقىرى قان بېسىمى، قان تومۇرى قېتىشىش، جىگەرنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.

       7. ھاراق. بەزى ياشانغانلار ھاراق ئىچىش ئادىتىنى تاشلىمىغان. ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز بولغان ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھاراقنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ھاراق ئىچسە ئۇلاردا ئاسانلا جىگەر قېتىشىش، ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كېسەلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تېزلىتىپ، باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىشنى، ئېغىر بولغاندا قان قەنتى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەش سەۋەبلىك ھوشىدىن كېتىش، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

       8. قەھۋە. قەھۋە قاندىكى خولېستېرىن بىلەن ياغ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قىزىل قان تومۇرى قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، يۈرەك سوقۇشنىڭ رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

       9. ئاچچىق يېمەكلىكلەر. تەركىبىدە مۇچ كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

       10. قېنىق دەملەنگەن چاي. ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇقلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، قورساق ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قېنىق دەملەنگەن چاينىڭ تەركىبىدە كوففېئىن بولىدۇ، كوففېئىن يۈرەكنىڭ قىسقىراش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، رىتىمىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ