قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
غەيرى تەبىئىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتىنىڭ ياكى ئۇزۇن مەزگىل مايلىق ، تەستە ھەزىم بولىدىغان غىزالارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش تۈپەيلىدىن ، قاندىكى ماي مىقدارى ئارتىپ ، بەدەن ئۇنى سەرپ قىلىپ بولالماسلىق ياكى بەدەن ئېھتىياجىدىن قېلىش ، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش ، دېمى سىقىش ، ئۇخلىيالماسلىق ، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك سەۋىيىسىدىكى جىسمانىي ھەرىكەتنى ئاز قىلىدىغان كشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ .
پەرۋىش
كېسەلنى ھاۋاسى ساپ ، مەنزىرىلىك جايلاردا سەيلە - ساياھەت قىلدۇرۇش ، كۆپرەك تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۈللىنىش ، غەم - ئەندىشىە قىلماسلىق ، كۆڭۈلنى خۇشال - خۇرام ، ئەركىن - ئازادە تۇتۇش لازىم . كۆپرەك پىيادە يول يۈرۈپ بېرىشمۇ پايدىلىق .
داۋالاش
رېتستېپ
بادرەنچجى بۇيا 10 گرام ، سەندەل كېپىكى 10 گرام ، ئۈستقۇددۇس 10 گرام ، گۋزىبان 10 گرام ، قىزىلگۈل 10 گرام ، سۇمبۇل 10 گرام ئېلىپ سوقۇپ ، چاچلىق تەڭشەپ بەرسە ، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسېپ
سەندەل 10 گرام ، بادرەنجى بۇيا 10 گرام ئېلىپ ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە ، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسېپ
ھەسەلنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ ئۈنۈمىنى ياخشى بولىدۇ .
رېتسېپ
كۈندە ئىككى تال باناننى يەپ بېرىشمۇ ناھايىتى پايدىلىق .
رېتسېپ
چىلان 10 تال ، دولانە بەش تال ، ئالقات 15 گرام ، زىخ 10 گرام ئېلىپ ، قايناق سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىپ بېرىشمۇ ناھايىتى پايدىلىق .
رېتسېپ
كۈندە قوناق ئۇمىچى ئىچىپ بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسېپ
ئالتە تال ئۇرۇقى ئېلىنغان چىلان ، 32 گرام بۇغداي ئۈندۈرمىسى ، 10 گرام چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى بىرگە قاينىتىپ ئىچسە ، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
رېتسېپ
بىخ بەدىيان 10 گرام ، بىخ كاسىنە 10 گرام ، بىخ كەرەپشە 10 گرام ، بىخ كەبىر 10 گرام ، تۇخۇمى كەرەپشە 10 گرام ، بەدىيان 10 گرام ، ئۇستقۇددۇس 10 گرام ، بادرەنجى بۇيا 10 گرام ، گاۋزىبان 10 گرام ، رەۋەن 10 گرام ، ئەفتىمۇن 20 گرام ، سانا 15 گرام ، شېكەر 100 گرام ئېلىپ ، دورىلارنى بىر كېچە چىلاپ ئەتىسى قاينىتىپ ، سۈزۈپ ، شېكەر قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ، ئوبدان مەن پەئەت قىلىدۇ .
رھىز
مايلىق ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، يەل پەيدا قىلىدىغان قورۇپ ياكى قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان ھەر خىل گۆش ، كاۋاپ ، مانتا ، خوشاڭ ، ھاراق ، تاماكا ،م لازا ، ئاچچىقسۇ ، لەغمەن ، پولۇ قاتارلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ . سىڭلىشىلىك ، سويۇق - سەلەڭ ، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەردىن ، ھەر خىل قوناق تائاملىرى ، سۇيۇقئاش ، ئارپا ئېشى ، شويلا ، ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشلىرى قاتارلىقلارنى ئستېمال قىلىپ بېرىش لازىم .