45ياشقا كىرمەيلا چاچقا ئاق كېرىش , قۇلىقى ئېغىرلاش , كۆزى تورلىشىش , زىھنىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاش , ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش بالدۇر قېرىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر . بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز, ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى روھلۇق , تېتىك تۇتۇڭ , كەڭ قورساق بولۇڭ , تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇڭ , بەدەن چېنىقىشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا , تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىب بېرىڭ :
1.شورپا . ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ يىلىكنىڭ ئاق قان ۋە قىزىل قان دانچىلىرىنى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . يىلىكنىڭ قېرىشىنى ئاساسلىقى بەدەندىكى موكوئىد ۋە ئوسېئىنلارنىڭ كەمچىك بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . داۋاملىق شورپا بولۇپمۇ قوينىڭ ئۇستىخان شورپىسىنى ئېچىپ بەرسىڭىز , مەلۇم مىقتاردا موكوئىد ۋە ئوسىئىنغا ئېگە بولسىز . بۇنىڭ بىلەن يىلىكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆمرىڭىزنى ئۇزارتالايسىز .
2.سەۋزە , تۇرۇپ . بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل , ياغ , شىكەر ,ھەرخىل ئانئورگانىك تۇزلار , ۋىتامىن A , C, B1,B2 , كالتسىي , فوسفور , تۆمۈر مول ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنى پارچىلىغۇچى لىگىنىن دىگەن ماددا بار بولۇپ , بەدەننىڭ ئىممۇنىتىت ئىقتىدارىنى كۈچەيدىش , قېرىشنى كېچىكتۈۈرش , راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خاراكتىرىگە ئېگە .
3. خاسىڭ . تەركىبىدە كوففىئىن بولۇپ , قېرىشقا قارشى تۇرۇپ بەدەننى كۈچەيتىش , ئۆپكىنى ياشارتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك . خاسىڭنى داۋاملىق يەپ بەرسىڭىز , ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىز ئۆسىدۇ , چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ .
4.ياڭاق . تەركىنىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار , فوسفور , تۆمۈر , سىنىك بار . ئۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچەيتىدۇ , نېرۋا ئاجىزلىق , ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش , بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ .
5.قارامور . قان تولۇقلاش , بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئېگە. ئۇنىڭ تەركىنىدە قان قېتىشنى چەكلىگۈچى ماددا بولۇپ, ئۇنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز, يۈرەك , مېڭە -قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنالايسىز .
6.ئاق مور . تەركىبىدە 17خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپ , كىشىلەر ئۇنى باكتىرىيىلەر كۈشەندىسى دەپ تەرىپلىشىدۇ . ئاق مورنىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش , ئۆپكىنى ياشارتىش , مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار .
7.كۈنجۈت . تەركىىدە ۋىتامىن نىڭ مىقتارى مول . ئۇ ھۈجەيرىلارنىڭ بۆلۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . لېپدپىرۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىينىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ھۈجەيرىلەرگە يىغىلىپ قالغان ماددىلارنى نىيتراللشتۇرۇپ ياكى يوقىتىپ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولىنى ئوينايدۇ , ئۇ يەنە چاچ ئاقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .