1) ئەقلىي قابىلىيەتنى كۈچەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن : تۇخۇم سېرىقى ، سېرىق پۇرچاق ، ھەسەل ، ياڭاق قاتارلىقلارنى يەپ بېرىشى كېرەك . 2)ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن : ياڭاق مېغىزى ، قارا كۈنجۈت ، ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرىدىن 50 گرامنى تالقان قىلىپ ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ كومىلاچ ياساپ ، ھەر كۈنى 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 9 گرامدىن يەپ بەرسە نېرۋا ئاجىزلىق ، ئۇيقۇسى قېچىش ، كۆپ چۈش كۆرۈشكە ئۈنۈم بېرىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ھەر كۈنى ئاخشىمى سۈت ئىچىپ بېرىش لازىم . 3) ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن : خام گازىر ۋە باشقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك . 4) دېۋەڭلىك ، خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن : تۇخۇم سېرىقى بىلەن سېرىق پۇرچاقنى بىرگە يەپ بېرىش ، B12 ماددىسى مول بولغان جىگەر ، سۈت ، قېتىق ۋە دۇفۇ قاتارلىقلارنى يەپ بېرىش كېرەك . 5) قاننىڭ ئېلاستىكلىقىنى ساقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن : بېلىق ، كۈنجۈت ، گازىر مېغىزى ، پىچەكگۈل ، پالەك ، پۇرچاق ، ئالما ، ئاپېلىسىن ، پىياز ، سامساق ، بۆلجۈرگەن ، شوخلا ، قىزىل ئۈزۈم ، سەۋزە ، دولانە ، لامنارىيە ، ياڭاق ، كۈنجۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش لازىم .
|