ئادەم ياشانغاندا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئازلاپ ، ئۈچەي ھەم ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەزىم قىلىش كۈچى ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغان كىشىلەر كۆكتات ۋە قورۇمىلارنى ئىستېمال قىلغاندا مەلۇم مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاچچىقسۇ بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ، بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ يۇقىرى قان بېسىمى ، قان تومۇر قېتىشىش ھەم يۈرەك كېسەللىكىدىن ساقلىنىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ . لېكىن ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
|