ئۆتكۈر يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ياشانغانلاردا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى گەۋدىلىك بولمىغانلىقتىن، ئاسانلا سەل قارايدۇ <<ھورۇنلۇق>>يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسىز بولۇپ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاستا مېڭىپ بېرىش كېرەك. ياشانغانلارغا قاتتىق ھەرىكەت قىلىش مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ھەر كۈنى20 مىنۇت ئاستا مېڭىپ بەرسە، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدۇ .
يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ياشانغانلارنىڭ ئورگانىزىم ئىقتىدارى ئاجىزلىغان، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭشىلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭلاشقا ياشانغانلار قېلىن كىيىنىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، مۇھىم ئورگانىزىملارغا<<سوغۇق تېگىپ>>قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ساغلام، مۇۋاپىق بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، مېڭە تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىك قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتېدۇ. شۇنداق بولغاچقا قان ئايلىنىشقا پايدىلىق غول كۆك (ئۇسۇڭ)، پىدىگەن قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. ئاچچىق، ياغلىق، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ھەمدە قان توختىتىش تەركىبى بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز ئېستىمال قىلىش كېرەك. سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ئاساس قىلىپ، بۇنىڭغا ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئستېمال قىلىش كېرەك .