ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.جىنسىي ئەزالىرىدا ئورگانلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولماي، ھەيز مەزگىلدە ئاغرىسا-- بىرلەمچى ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش دېيىلىدۇ. ئىككىلەمچى ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش –بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرىي ئورۇنلىشىشى،داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق ئورگانىك كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدىكى ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشكە قارىتىلىدۇ.
ئاغرىش كۆپىنچە ھەيز كېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى ياكى ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا باشلىنىدۇ. كۆپىنچە قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى مۇجۇپ ئاغرىيدۇ،بەزىدە جىنسىي يول،بەل قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. ئاغرىش بىرنەچچە سائەت ياكى 1-2كۈن داۋاملىشىپ، ھەيز قېنى سىرتقا ئېقىپ چىققاندىن كېيىن تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ.قاتتىق ئاغرىتىپ ھەيز كەلگەندە كېسەلنىڭ رەڭگى تاتىرىپ،سوغۇق تەرلەش،پۇت-قولى مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 . روھىي ئامىل ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنىڭ قوشۇمچە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.شۇڭا،ئامال قىلىپ بىمارلاردىكى ئەندىشە قىلىش ۋە قورقۇش قاتارلىق روھىي ھالەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك.بەدەن ئاجىزلىقمۇ بۇ كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن بىمارلار بەدەن چېنىقتۇرۇشى،ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلىشى ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك.
2. ئاغرىغاندا ئالامىتىگە قاراپ ئاتروپىن،مۇرەككەپ بېللادوننا قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەتسە ياكى ئاسپىرىن،ئىندومېتاتسىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ ئاغرىشنى بولمىغاندا،دىلانتىن قاتارلىقلارنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسىمىغا گرېلكا بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.
3. ئازساندىكى جاھىل ئاغرىتىپ ھەيز كېلىدىغانلارغا تۇخۇم چىقىرىشنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.بالىياتقۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياخشى بولمىغانلارغا سىتىلبېسىترول ھەركۈنى كەچتە بىرقېتىم,1mgدىن ھەيز كېلىپ 6-كۈندىن باشلاپ 20كۈن ئىچۈرۈلۈپ،3دەۋر تەكرارلانسىمۇ بولىدۇ.
4. بالىياتقۇ بوينى تارايغانلار ھەيز قېنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېقىپ چىقىشى ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينىنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلەش كېرەك.