
بوۋاقلارنىڭ گۈللەرگە بولۇپمۇ گۈل چېڭىغا بولغان زىيادە سېزىمچانلىقى چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ . مەسلەن ، گۈلچىمەن (تۈگمە گۈلى) ، ياپون رودېيىسى ، يەسىمەن گۈلى قاتارلىق گۈللەرنىڭ غولى ، يوپۇرمىقى ، گۈلى بوۋاقلارنىڭ تېرىسىدا زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ، ئالقانسىمان كاكتۇس (پېتەكگۈل) ، چىلگىسىمان كاكتۇس قاتارلىق گۈللەر تېرىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا ، نۇرغۇنلىغان گۈللەر ھەر خىل خۇش پۇراقلارنى چىقىرىدۇ . ئەگەر بوۋاقلار بۇ خىل پۇراقلار ئىچىدە بەك ئۇزۇن تۇرسا بوۋاقلارنىڭ پۇراش سەزگۈرلۈكى ئاجىزلاپ ، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .