ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم. «B»چاۋ ھامىلىنىڭ ئانا تېنىدە ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى بىۋاستە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھازىر كېلىنكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان«B»چاۋدىن رەڭسىز ۋە رەڭلىك ئىككى خىلى بار.ئالدىنقىسى ئەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋاللىرىنى ئېنىقلاشلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛كېيىنكىسىدە توقۇلما ۋە ئەزالاردىكى قان تومۇرلار ئېقىمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ھېسابلاشقا ئىشلىتىلىش ئارقىلىق، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشكەن، يېتىشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.كىلىنكىدا"«B»چاۋ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىنىپ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار تەكشۈرۈلىدۇ.
ئادەتتە، ھامىلدارلىقنىڭ 3~1ئايلىرى ئىچىدە دەسلەپكى باسقۇچلۇق «B»چاۋدا تەكشۈرۈپ ھامىلدار بولغان-بولمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ھەمدە ھامىلدارلىقنىڭ كۈن سانىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئالدىن مۆلچەرلىنىدىغان تۇغۇت ئايلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا باسقۇچلۇق«B»چاۋدا تەكشۈرۈپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى بىلەن بىردەك ياكى بىردەك ئەمەسلىكىنى ياكى بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ھامىلە ئەزالىرىنىڭ شەكلى، تۈزۈلىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ھامىلىدەغەيرىيلىك بارمۇ-يوق، مەسلەن: تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، مېڭىسىز ھامىلە، مېڭىگە سۇ يىغىلىش، ئۇمۇرتقا يېرىقى، قورساق دىۋارىدىكى كەمتۈكلۈك، پۇت-قولى قىسقا بولۇش، كۆپ خالتىلىق بۆرەك، ھەزىم قىلىش يولى توسۇلۇش قاتارلىق غەيرىيلىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ 7-ئېيىدىن كېيىن قەرەللىك تۈردە(ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم) ئاخىرقى باسقۇچلۇق «B»چاۋدا تەكشۈرۈلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھامىلىنىڭ يېتىلىشى نورمال ئەمەسلىكى ھەمدە ئۇنىڭ بالىياتقۇدىكى بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، نورمال تۇغۇتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش.
مەلۇم كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنى «B»چاۋدا تەكشۈرتكەندە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالىنى بىلىشتىن سىرىت يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرىنى چۈشىنىپ، ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشقا پايدىلىق. شۇڭا، «B»چاۋدا تەكشۈرۈشنىڭ قېتىم سانى ھەم ۋاقتىدىمۇ نورمال ئەھۋال بىلەن ئوخشاشمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاساس قىلىش كېرەك.