ئادەتتە ھامىلدار بولۇش يېشىدا بولغان ئاياللار ئاساسەن جىنسىي يول ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى سالدۇرسا بولىدۇ . لېكىن ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق ، جىنسىي يولى بوشاپ كېتىش ، تۈز ئۈچەي پۇلتىيىپ چىقىپ قېلىش ، بالىياتقۇ ساڭگىلاش ھەم كۆپىيىش سېستىمىسى ئۆسمىسى بارلار ياكى بولۇش خەۋپى بارلار سالدۇرماسلىق كېرەك . تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغى ، زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى ھەم ئېغىر دەرىجىلىك ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بارلار كېسىلىنى ساقايتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك .
جىنسىي يول ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟
جىنسىي يول ھامىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسان ، تۇنجى قېتىم ئىشلەتكۈچىلەرگە ئادەت كەلگەننىڭ 5- كۈنى ، دوختۇر خادىملىرى جىنسىي يولىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئورنىغا (جىنسىي ئارقا گۈمبىزى)گە قويۇپ قويسىلا بولدى . ھازىر ، شاڭخەي تەۋەلىكىدە ئىشلىتىلگەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن جىنسىي يول ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى بىر قېتىم سالدۇرسا 1 يىل ئىشلەتكىلى بولىدىكەن ، ئادەت كەلگەندە ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدىكەن .
گەرچە جىنسىي يول ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى ئادەتتە ئاسانلىقچە چۈشۈپ قالمىسىمۇ ، لېكىن ئىشلەتكۈچىلەر دوختۇرخانىغا قەرەللىك بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ھەم دوختۇرخادىملارنىڭ ياردىمى ئاستىدا قانداق تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەم ئۈزۈكنىڭ ئورنىنى تۈزىتىپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك .
ئۈزۈكنىڭ ھەجمى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ ، ھەم جىنسىي يولنىڭ ئەڭ ئىچىدە بولغاچقا ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە غەلىتە نەرسە باردەك ھېس بولمايدۇ ھەم جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتمەيدۇ ، ئەگەر تەسىر يېتىپ قالسا ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئېلىۋېتىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ .