
بوۋاقنىڭ چىشى چىقىشتىن بۇرۇن ھەر كۈنى ئاخشىمى بارمىقىڭىزغا پاكىز داكا ئوراپ بالىنىڭ چىش مىلىكى ۋە تاڭلاي قىسمىنى يېنىك سۈركەپ بېرىش كېرەك . بۇ ئۇسۇل قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى . سۈت چىشى چىقىشقا باشلىغاندا ، بۇ ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىش لازىم . تاماقتىن كېيىن بالىلارغا ئىلمان سۇ بەرسە ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ .
بالىغا يىغلىغاندا ياكى ئۇخلاتقاندا سۈت ياكى تاتلىق ئىچىملىكلەرنى بەرمەسلىك ، قايناق سۇ بېرىش لازىم . ئەڭ ياخشىسى قايناق سۇنى ئىستاكاندا بېرىش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا چىشنى ئاسرىغىلى بولىدۇ . مەيلى ئىمىتكەندە ياكى سۈت پاراشوكى بەرگەندە بولسۇن ، چوقۇم ئىمىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش ، يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى چىش ئوقۇرى چىشنى بېسىۋېلىپ ، بالىلارنىڭ جاغ سۆڭىكى ۋە چىشنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ غەيرىيلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، سۈت چىشى تولۇق چىقىپ بولىدۇ . بۇ چاغدا بالىغا چىشنى توغرا چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ ، مېۋە تەملىك چىش پاستىسى ئېلىپ بېرىش لازىم . بوۋاقلار ئاغزىدىكى سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋېتىشنى بىلمەيدۇ ، شۇڭا فىتورلۇق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك .