ئاياللار جىنسى ئەزاسىنىڭ ئاناتومىيىسى.نورمال ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسى سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە ئىچكى جىنسى ئەزادىن ئىبارەت ئىككى قىسىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.سىرتقى جىنسىي ئەزا دوۋسۇن دۆڭى ،چوڭ جىنسىي لەۋ،كىچىك جىنسىي لەۋ ،دىلچىق،دالانچە چوڭ بېزى،قىزلىق پەردىسى،ۋە جىنسى يول ئېغىزى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.دىلچىق ئاياللار سىرتقى جىنسى ئەزاسىنىڭ ئالدى ئۇچىغا جىنسى لەۋلەرنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ،نېرۋا ئۇچلىرى ناھايىتى مول.ئۇ ئاياللار جىنسى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەزگۈر ئورۇن بولۇپ،جىنسىي غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندا كۆپۈشۈپ تىكلىنىدۇ.ئۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى قۇبۇل قىلىدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان ئەزاسىدۇر.ئىچكى جىنسىي ئەزالار داس بوشلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ ،تۇخۇمدان تۇخۇم نەيچىسى،بالىياتقۇ،ۋە جىنسىي يولنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.تۇخۇمداننىڭ فونكسىيىسى تۇخۇم ھاسىل قىلىش،ۋە جىنسىي ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش بولۇپ ئاياللارنىڭ ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلايدۇ.تۇخۇم نەيچىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بالىياتقۇغا كىرىش يولى بولۇپ ،ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ئادەتتە تۇخۇم نەيچىسىگە قوشۇلۇپ ئۇرۇقلىنىشنى ئادا قىلىدۇ.بالىياتقۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان جايىدۇر.بالىياتقۇ بوينى كانىلىدا نۇرغۇن بەزلەر بولۇپ،توخۇم ئېقىدەك شىللىق سۇيۇقلۇق،يەنى ئاق خۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.جىنسىي يول ئىچكى ۋە سىرتىقى جىنسى ئەزالار ئارىسىدىكى ئۆتۈشمە يول بولۇپ ،سىرتقى جىنسىي ئەزا بىلەن بىرلىكتە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەزالىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ،شۇنداقلا ئۇ يەنە ھەيز ۋە ھامىلىنىڭ چىقىش يولىدۇر.نورمال جىنسى يولدا بىر خىل باكتېرىيە بولۇپ ،جىنسىي يولنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى كىسلاتالىق مۇھىتىنى ساقلاپ ،كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ جىنسىي يولدا كۆپىيىشىنى توسىدۇ
|