چاچ : ئەگەر ئاياللارنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى چاچنى بوياش قېتىم سانى 12 دىن ئېشىپ كەتسە ، ئۇلارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەزەلدىن چېچىنى بويىمايدىغان ئاياللارنىڭكىدىن %26 يۇقىرى بولىدىكەن . ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، قېنىق رەڭدىكى چاچ بوياش سۇيۇقلۇقلىرى ئاياللارنى راك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار قىلىدىكەن .
كۆز : ئالىملارنىڭ بايقىشىچە ، ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ كومپيۇتېرنى كۆپ ئىشلىتىشى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ گىلائوكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشىمۇ گىلائوكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
تېرە : ئاياللار ئىسسىق ھاۋادا تېرىسىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەككەن ، چۈنكى تېرە ئۇزاق مۇددەت ئىسسىق ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا ، تېرە راكى كېلىپ چىقىدىكەن .
سۈت بېزى : ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشى ئۇلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن . ئەنگىليە راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىلىرىنىڭ قارىشىچە ، ئاياللارتۇنجى قېتىم تۇغقاندا ، ئۇلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %7 ئازىيىدىكەن . ئاياللارنىڭ بوۋاقلارنى ئىمىتىشى بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي ، يەنە ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %4.3 تۆۋەنلىتىدىكەن .
يۈرەك : ئەگەر بىر يىل ئىچىدە ئاياللارنىڭ ئېغىرلىقى بەش كىلوگىرام كەملىسە ياكى ئاشسا ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ساغلاملىقى كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچراپ ، يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن . شۇڭا يۈرەكنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاياللار ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلىماسلىقى لازىمكەن .
ساغرا ۋە بېغىش : سۆڭەك شالاڭلاپ كېتىش كېسىلى يۈز بېرىدىغان ئورۇن ئادەتتە ساغرا ۋە بېغىش ئىكەن . ئاياللار مۇۋاپىق كالىتسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، تەركىبىدە كالىتسىي ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىشى لازىمكەن ، چۈنكى ئۇ سۆڭەك شالاڭلاپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە بېسىمنى ئازايتىدىكەن .
كۆپىيىش سېستىمىسى : ھەر يىلى دۇنيادا تەخمىنەن 250 مىڭ ئايال بالىياتقۇ راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن . ئالىملار ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىسىنى بەش يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى 10 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەتكەن ئاياللارنىڭ تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .
ئۈچەي : تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بوغماق ئۈچەي ، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن . ئالىملار تۇغۇشنىڭ ئاياللارنىڭ بوغماق ئۈچەي ، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇشنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .
تىز : سېمىزلىك تىز ۋە ساغرىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىكەن . ئادەم يۈگۈرگەندە ۋە تېز ماڭغاندا بوغۇمغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىم ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ تۆت ، بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . 30 - 40 ياشقىچە بولغان ئاياللارنىڭ سەمىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن تىز ۋە ساغرىسىنىڭ زەخمىلىنىشى دوختۇرلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان .